پەيزىۋات تېرىمدا قېرىندىشىغا پۇل يوللاشمۇ «جىنايەت»، تەبلىغ ئاڭلىغان 200 نەچچە كىشى قاماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.05.11
xitay-saqchi-meschit-charlash.jpg خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى جۈمە نامىزىدىن بۇرۇن مەسچىت ئەتراپىنى چارلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2009-يىلى 10-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن بىرقانچە ئىنكاستا، ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەتتە، چەتئەلدىكى دوست ياكى قېرىنداشلىرىغا پۇل يوللاشنىڭمۇ جىنايى پاكىت دەپ قارىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.

مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسىغا قارىتا تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردى. زىيارەتتە، تېرىمدىكى 33 ياشلىق بىر ئايالنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بىر ئىنىسىغا، ئىنىسى ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدا 10 مىڭ سوم پۇل سېلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن نۆۋەتتە تېرىم ساقچىخانىسىدا قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر ساقچىخانا خادىمى نۆۋەتتە تېرىم يېزىسىدا 200 نەچچە كىشىنىڭ تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قاماقتا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

يېقىندىن بۇيان، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بەزى ئوقۇغۇچىلار، ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىش قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەر سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە-تاۋابىئاتى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقىسى ئۈزۈلۈش بىلەن بىرلىكتە، ئىقتىسادىي ئالاقىسىنىڭمۇ ئۈزۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. يەنە بىر ئاڭلىغۇچىمىز ئۇيغۇر رايونىدا يېقىندىن بۇيان ئېچىلغان بەزى سوتلاردا چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىغا پۇل يوللاشنىڭمۇ، جىنايى پاكىت دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

پەيزىۋاتقا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، چەتئەلدىكى قېرىندىشىغا پۇل سالغان بىرىنىڭ جازالانغانلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ناھىيە بويىچە قانچىلىك كىشىنىڭ مۇشۇ خىل سەۋەب بىلەن قامالغان ياكى كېسىلگەنلىكى ئايدىڭلاشمىدى. ئەمما بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا، ئاتۇشتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا 25 ياشلىق تىجارەتچى رىشات ھاجىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاكىسى ئابدۇۋەلى ھاجىغا 3 يىلنىڭ ئالدىدا سودا ئۈچۈن 10 مىڭ دوللار يوللىغانلىقى سەۋەبلىك دادىسى ۋە ھەدىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە چەتئەلدىكى قېرىندىشىغا پۇل يوللاشنىڭمۇ جىنايەت دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.