ۋىيېتنامدىن قايتۇرۇلغان رىزۋانگۈل تۇرسۇننىڭ ئاقىۋىتى ئۈچ يىلدىن بېرى ئائىلىسىگە مەلۇم ئەمەس

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.06.06
rizwangul-tursun.jpg ۋىيېتنامدىن قايتۇرۇلغان، 3-يىلغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان رىزۋانگۈل تۇرسۇن.
RFA/Shöhret Hoshur

2014-يىلى ئاپرېلدا خىتاي ۋە خەلقئارانىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتايدىن قاچقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار بىلەن ۋىيېتنام چېگرا ساقچىلىرى ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلار ئارىسىدا 4 ئايال ۋە ئىككى بالىنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. رادىيومىزغا مەلۇم قىلىنىشىچە، قايتۇرۇلغانلاردىن بىرى، قاغىلىقتا نوپۇسلۇق، 21 ياشلىق رىزۋانگۈل تۇرسۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. بۈگۈن مۇخبىرىمىز قاغىلىقتىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچىلار رىزۋانگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك بىرىنىڭ قاغىلىق 5-ئاھالىلەر رايونىدا نوپۇس كۆتىكى بارلىقى، ئەمما ھازىر نەدىلىكى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، 2014-يىلى 18-ئاپرېل كۈنى 16 نەپەر ئۇيغۇر خىتاي چېگراسىدىن ۋىيېتنامغا قېچىپ ئۆتكەن. ۋىيېتنام چېگرا ساقچىلىرى ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ خىتايغا قايتۇرماقچى بولغاندا، ئۇلار خىتايغا قايتىشنى رەت قىلغان، ساقچىلار ئۇلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇش ئۈچۈن چېگرا بويىغا ئېلىپ ماڭغاندا، ئۇلار ساقچىلارنىڭ قولىدىكى قورالنى تارتىپ ئېلىپ 2 نەپەر ۋىيېتنام ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن، ئۆزلىرىمۇ ئوققا تۇتۇلۇپ 5 نەپىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئۇلاردىن ئامان قالغانلىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان، قايتۇرۇلغانلاردىن 4 نەپىرى ئايال، ئىككى نەپىرى بالا. يېقىندا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، خىتايغا قايتۇرۇلغانلاردىن بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى، 3 يىلدىن بۇيان ھەرقانچە تىرىشىپمۇ ئاقىۋىتىدىن ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە قىزىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىشىغا خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تۇرسۇن سەمەت ئىسىملىك بۇ ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، قىزىنىڭ ئىسمى رىزۋانگۈل تۇرسۇن بولۇپ، تۇتۇلغان يىلى 18 ياش، نوپۇس تىزىملىكى قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن قاغىلىق بازار ئىچىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان 3-ساقچىخانا خادىمى بىز تەمىنلىگەن كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن، رىزۋانگۈل تۇرسۇننىڭ قاغىلىق بازىرى 5-ئاھالىلەر رايونىدا نوپۇسلۇق ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى ۋە دادىسىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما، رىزۋانگۈل تۇرسۇننىڭ نەدىلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ نوپۇس تەۋەلىكىگە مەسئۇل بولغان 2-ساقچىخانىغا يەنى ئازادلىق يولى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىشىمىزنى ئېيتتى. 2-ساقچىخانا خادىمى بولسا، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 2-ساقچىخانا باشلىقى ماھمۇتجان تېلېفونىمىز باغلانغان بولسىمۇ قوبۇل قىلمىدى. قاغىلىق بازار ئىچىدىكى بىر قىسىم ساقچى ۋە ئاھالىلەر، 2014-يىلى ۋىيېتنام چېگراسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتىن ۋە توقۇنۇشتا ئۆلگەن، يارىلانغانلار ئارىسىدا قاغىلىقلىق كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

ئاڭلىغۇچىمىز تۇرسۇن سەمەتنىڭ مەكتۇپىدا بايان قىلىنىشىچە، ۋىيېتنام چېگراسىدىكى ۋەقەگە چېتىشلىق كىشىلەردىن ئاز دېگەندە 3 نەپىرى قاغىلىق ناھىيىسىدىن. بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن تۇرسۇن سەمەت 5 پەرزەنتىدىن 4 نەپىرىنى ۋە ئايالىنى بىر يىل بۇرۇن ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەن. چوڭ قىزى رىزۋانگۈل تۇرسۇن ئارقىسىدىن يېتىشىپ كېلىۋاتقاندا، بۇ پېشكەللىككە يولۇققان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.