شاھىتلار: ھازىر ئاتۇشتا 300 مىڭ سوم پۇلى بارلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇپ كېتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوغۇزخان
2017.10.16
xote-baziri-uyghur-tijaretchi-305.jpg خوتەن بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە مال ئالغۇچىلار. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر.
AFP

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرى ۋە چېكىدىن ئاشقان تەقىبلىرى سەۋەبلىك بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، تىجارەتچىلەر ۋە ئادەتتىكى پۇقرالار چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

يېقىندا مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن خىتايدىن ئايرىلىپ، گوللاندىيەگە يېتىپ كەلگەن جۈرئەت ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇرتى ئاتۇشتا نۆۋەتتە 300 مىڭ سومدىن ئارتۇق پۇلى بار بايلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۈرمىگە، يىغىۋېلىش لاگېرىغا ياكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە سولىۋېلىنغان ئىكەن.

ئۇ يەنە ئاتۇشتا 47 مىليون سوم پۇلى بار بولغان بىر باينىڭ يېقىندا بانكىغا بېرىپ 3 مىليون سوم نەق پۇل ئالماقچى بولغاندا بانكىدىكىلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى، ئارىلىقتا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا جېدەل چىقىپ، ساقچىلارنىڭ بۇ باينى تۇتۇپ كەتكەنلىكى، ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ «ماڭا پۇل ئەمەس، بەلكى تىنىق لازىم» دەپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن يېرىم جان قايتىپ چىققانلىقىنى ھېكايە قىلدى.

يېقىندا ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن ئارمان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغانلىقىنى، ئۆيدىن كوچىغا چىقىپ يەنە قايتىپ كىرگۈچە ئاز دېگەندە نەچچە ئورۇندا تەكشۈرۈش ۋە سوئال-سوراققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.