يەكەندە يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن چوڭ -كىچىك قانلىق ۋەقەلەر

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.12.03
uyghur-sot-yeken-weqesi.jpg سوت مەھكىمىسىنىڭ 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان 6 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى «تېررورلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن سوتلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 13-ئۆكتەبىر، قەشقەر.
ImagineChina

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىدا 6 ئاي داۋام قىلغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ 3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەكەن ناھىيىسىدە يەنى 30-نويابىر قانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى.

خىتاي تەرەپ گەرچە ۋەقەنى ئوخشاشلا تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، يەكەندە يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە ئىزچىل يۈز بەرگەن ۋە يېقىنقى 14 ئاي ئىچىدە تېخىمۇ شىددەتلەشكەن ۋەقەلەر زەنجىرى، بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن يەكەن خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسى، جۈملىدىن مەۋجۇت ۋەزىيەتكە قارىتا تەخىرسىز ئىنكاسى نامايان بولماقتا. تۆۋەندە يەكەندە يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋە ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان چوڭ-كىچىك 10 قېتىملىق ۋەقەنىڭ قىسقىچە جەريانىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئەسلىتىپ ئۆتىمىز.

2009-يىلى 10-ئىيۇل كۈنى: بۇ كۈنى بىر تۈركۈم ياشلار، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل نامايىشىنى قوللاپ يەكەندە نامايىش ئۆتكۈزۈشكە ھازىرلىق قىلىۋاتقان چېغىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇشتۇمتۇت قورشالغان ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان؛ توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە ئىككى كىشى ئۆلگەن. بۇ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇر يەكەن گۈلباغ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ پو تەرىپىدىن دەلىللەنگەن.

2010-يىلى 24-فېۋرال كۈنى: يەكەن گۈلباغ يېزا بازىرىدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن. ۋەقەدە بىر خىتاي كۆچمىنى ئۆلگەن، بىرقانچىسى يارىلانغان؛ ھۇجۇمچى ئوبۇلقاسىم ئۆمەر 4-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاي سوتى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپ، جازا شۇ كۈنى ئىجرا قىلىنغان.

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى: بۇ كۈنى يەكەندە ئودانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە بومبا ياساۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر تۈركۈم ياشلار يەكەن ئودانلىق يېزىسىدىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان ۋاقتىدا كېچىدە يول ئۈستىدە قورشاۋغا ئېلىنغان. پىدائىيلاردىن 3 نەپىرى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن، 3 نەپىرى قېچىپ قۇتۇلغان.

2013-يىلى 30-سېنتەبىر كۈنى : ئودانلىق ۋەقەسىدىن ئامان قالغان 3 نەپەر پىدائىي راۋانئۆستەڭ كەنتىدە قورشاۋغا ئېلىنغان. ئۇلارمۇ تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىپ، يەرلىك قوراللىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە نەق مەيداندا ئېلىشىپ ئۆلگەن.

2013-يىلى 11‏- ئۆكتەبىر كۈنى: يەنە ئودانلىق ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن 2 نەپىرى، يېڭىئۆستەڭ كەنتىدە بىر ئۆيدە قورشاۋغا ئېلىنغان. خىتاي ساقچىلىرى پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارغا ئورۇن بەرگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئوققا تۇتقان. نەتىجىدە 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

2013-يىلى، 15-ئۆكتەبىر كۈنى: يەكەننىڭ مىشا يېزىسىدىكى بىر مەسچىتتە ۋەقە چىققان. ۋەقەدە 7 ياشلىق بالىسىنى مەسچىتكە ئەكىرىپ كېتىۋاتقان بىر كىشى بىلەن مەسچىتنى بېقىۋاتقان خادىملار ئارىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىققان، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەسچىت قورۇسىغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار، خادىملار بىلەن گەپ تالاشقان كىشىنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن.

2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30 كۈنى: ئوسمان بارات قاتارلىق 9 نەپەر پىدائىي يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە بومبىلىق ھۇجۇم قىلغان، ئەمما خىتاي تەرەپكە زەربە بېرىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان. خىتاي ساقچىلىرى پىدائىيلاردىن 8 نەپىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە بىر نەپىرىنى ئەسىر ئالغان.

2014-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى: بۇ كۈنى يەكەندە سائەتلىك بومبا ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى، قوراللىق قىسىم، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە ناھىيىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق 5 ئورۇنغا سائەتلىك بومبا قويغان. ساقچى ئىدارىسى يېنىغا قويۇلغان بومبا پارتلاپ بىرقانچە نەپەر ساقچى يارىلانغان ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرى زەخىمىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ساقچىلار ھەرىكەتكە ئۆتۈپ قالغان 4 ئورۇندىكى بومبىنى يىغىۋالغان ۋە تەسىرسىزلەشتۈرگەن.

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى: بۇ كۈنى يەكەننىڭ ئىشقۇل يېزىسىدا ۋەقە يۈز بەرگەن. سەۋەبسىز ھالدا تۇتۇلغان ۋە سوراققا تارتىلغان 23 ياشلىق بىر گۇماندار سوراقتىن چىقىشىدا، خىتاي ساقچى باشلىقى تاۋ يۈەنجاڭ ۋە ساقچى خادىمى دىڭ فېڭغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان. تاۋ يۈەنجاڭ نەق مەيداندا ئۆلگەن، دىڭ فېڭ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى: يەكەننىڭ بەشكەنت يېزىسىدا ساقچىلارنىڭ ئۆي ئاختۇرۇشى داۋامىدا ۋەقە چىققان. ۋەقەدە ئۆي ئىگىسى قورۇسىغا تامدىن ئاتلاپ كىرگەن خىتاي ساقچىلىرىدىن ئىككى نەپىرىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن، نەق مەيدانغا ياردەمگە كەلگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى، ۋەقە يۈز بەرگەن ئۆينى قورشاۋغا ئالغاندا ئائىلە ئەزالىرى خىتاي ساقچىلىرىغا بىرلىكتە قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ خىتاي تەرەپ گۇماندار بىلەن بىرلىكتە ئائىلىدىكى 7 ياشلىق بالا ۋە 72 ياشلىق بوۋاينىمۇ ئوققا تۇتۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى: نۇرمەمەت ساۋۇت باشچىلىقىدىكى يۈزلەرچە كىشى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ خىتاي ساقچىلىرى، خادىملىرى ۋە كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ئىسيان قانلىق شەكىلدە باستۇرۇلغان. ئىسياندا ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى ۋە جەريانى ھەققىدە ئوخشىمىغان مەلۇماتلار بار. خىتاي دائىرىلىرى ئۆزى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي تەرەپتىن 35 كىشى پىچاق تىقىپ، پالتا بىلەن چاناپ ۋە كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن؛ ئۇيغۇر تەرەپتىن 59 كىشى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى: ئون بىر نەپەر پىدائىي ئىككى ئاپتوموبىلدا يەكەن بازار ئىچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان؛ ھۇجۇمدا 4 نەپەر خىتاي كۆچمەن ئاپتوموبىل دەسسەپ ياكى پىچاق يەپ ئۆلگەن؛ 14 نەپىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. 11 نەپەر پىدائىي نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن.

يۇقىرىدىكىلەر، يەكەندە يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردىن پەقەت ئاخباراتقا ئاشكارىلانغانلىرى. بۇلاردىن 8 قېتىملىقى يېقىنقى 14 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن. يۇقىرىقى 10 ۋەقەنىڭ 3 قېتىملىقى خىتاي تەرىپىدىن ئاشكارا خەۋەر قىلىنغان، قالغانلىرى رادىئومىز تەرىپىدىن ئېنىقلانغان. بەزى تولۇقسىز ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن يەكەندىكى پىدائىيلار كېيىنكى مەزگىلدە تەدبىرىنى ئۆزگەرتىپ ھۇجۇم نىشانىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە قاراتقان ۋە بۇ يىل 6‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى يەكەندىكى پويىز ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغان. ئەمما پويىز ئىستانسىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر تا ھازىرغىچە ئىسپاتلانمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.