كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان پەرقلىق مۇئامىلە ئۈستىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.07.23
tetil-siyasiy-uginish-ramizan-ramzan-305.jpg تەتىل مەزگىلىدە سىياسىي ئۆگىنىشكە يىغىۋېلىنغان لەڭگەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. 2012-يىلى 20-ئىيۇل.
http://ui.xjsfedu.com


يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەرگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ۋە شۇنىڭدەك چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە بىردەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەشۋىق قىلىنغاننىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىچىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يېقىندا «ئوتتۇرا شەرق خەۋەر ھەپتىلىكى» دە ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار - ئەجدىھا ۋە ھىلال ئاي» ماۋزۇلۇق ماقالە خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغاننىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن ماقالىلەرنىڭ بىرى.

مەزكۇر خەۋەر ماقالىسىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى مىساللار ئارقىلىق ناھايىتى ئېنىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭدا خىتايدىكى مۇسۇلمانلار دېگەن سۆزگە ئالاھىدە ئىزاھات بېرىلگەن ھەمدە خىتايدا مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت دىنىي كىملىكىنى ئىپادە قىلمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەم مىللىي كىملىكىنى ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى، خىتايدا تۇڭگانلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر، قازاق، تاتار، قىرغىز ۋە ئۆزبېك، تاجىك قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭمۇ بارلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن ۋە مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: «تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن، شۇنىسى ئېنىق بولۇش كېرەككى، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىلا قېيىن ئەھۋالدا ئەمەس. دۆلەتنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتقانلار پەقەتلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردۇر... شىنجاڭدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا ھەممە كىشىنىڭ ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىمىغان ئاساستا دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى مەۋجۇت، دەپ بېكىتىلگەن تۇرۇقلۇق پەقەتلا ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شىنجاڭنىڭ مۇرەككەپ تارىخى بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىرتنىڭ تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. ئىلگىرى نامى ‹شەرقىي تۈركىستان› بولغان بۇ جاي خىتايغا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىياغا تەۋە ئىدى. 15 مىليون نوپۇسقا ئىگە دېيىلىۋاتقان بۇ كىشىلەر ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتكە ئىگە.»

مەزكۇر گېزىتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مۇخبىرى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ رامىزان مەزگىلىدە قەشقەرنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقاننىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روزى تۇتۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ئاشخانىلارنىڭ ئېچىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى كۆرگەن.

ئامېرىكىلىق تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىدىن بولغان ۋە ھازىر نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئانتروپولوگىيە دەرسى ئېلىۋاتقان كاملا سىنتۇڭ خانىم «ئوتتۇرا شەرق خەۋەر ھەپتىلىكى» گە قىلغان سۆزىدە خىتايدا مۇسۇلمانلارغا بېسىم قىلىشنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە نۇرغۇن خىتاي كۆچمەن يۆتكىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردىكى يۇقىرى مائاشلىق ياخشى ئىش ئورۇنلىرىنى ئىگىلەپ كەتكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەكتەپ ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا روزى تۇتۇشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، بۇرۇت - ساقاللىق ئەرلەرنى ۋە ياغلىق چەگكەن ئاياللارنى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ئامېرىكىدىكى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ما خەييۈن ئەپەندىمۇ بىزگە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچى ۋە كادىرلارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ ئادەم تۇتۇش، خەلقنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئادەم تۇتۇشىدەك بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچكىرىدىكى چىڭخەي ۋە گەنسۇغا ئوخشاش ئۆلكىلەردە يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىننى بۇنداق قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىشىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ تۇرۇپ سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا قاتتىق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىپ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىر نەنجىڭدە تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىق تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىدىن بولغان كاملا سىنتۇڭ خانىم «ئوتتۇرا شەرق خەۋەر ھەپتىلىكى» گە قىلغان سۆزىدە، يېقىندىن بۇيان گەنسۇ قاتارلىق تۇڭگانلار كۆپ ياشايدىغان جايلاردا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان سىياسەتلەرنىڭمۇ ئاستا - ئاستا تەسىرلىرىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى، ئەمما بۇنى يەنىلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىم بىلەن سېلىشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

دەرۋەقە ئالدىنقى كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نىڭشيادىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلىگەن ھەم ئۇلاردىن پارتىيىنىڭ دىن سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا پىكرى بىلدۈرگەن بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ خۇي مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان ئالاھىدە زىيارىتىگە دىققەت قىلىپ، بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ رادىكاللىشىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجافىسكى بولسا سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ ھەممە كىشىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ‹ئاقتاشلىق كىتاب› ئېلان قىلىشى بىر ھېسابتا ئۇلارنىڭ بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇلار خەلقئاراغا ‹قاراڭلار، مانا بىزدە دىنىي ئەركىنلىك بار› دەپ ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاشقا مەجبۇر بولدى. بىراق، پەقەت بىر قىسىم كىشىلەر دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغانلىقى ئۈچۈنلا دۆلىتىمىزدە دىن كاپالەتكە ئىگە دېيەلمەيسەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قانۇنلىرىدا ھەممە كىشىنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى بار، دەپ بېكىتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئايرىم كىشىلەرگىلا دىنىي ئەركىنلىك بېرىپ، قالغانلىرىنى چەكلىسە بولمايدۇ، دېدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىمۇ بۇ ئاينىڭ بېشىدا يەنى روزا ھېيتنىڭ 1 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 30 كۈن رامىزاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

باياناتتا، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس رېس، خىتاينىڭ خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە ئىبادەت قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى رەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلدى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.