خوتەندىكى ياردەمچى ساقچىلار: «بىز مۇقىملىق ئۈچۈن ياللانغان، ئەمما قورال-ياراغسىز ساقچىلارمىز!»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.04.26
uyghur-yallanma-sakqi.jpg ئۇيغۇر ياللانما ساقچى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Social Media

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىدىكى ساقچىخانىلارنىڭ يۈزلەپ ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا بىر قىسىم چېگرا ناھىيەلىرى يۇقىرى مائاش ۋە ئالاھىدە تەمىنات بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىۋاسىتە ساقچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

14-فېۋرالدىكى گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نەچچە يۈزلىگەن ياردەمچى ساقچى، چارلاش خادىمى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنداقتا بۇ قەدەر جىددىي تۈردە قوبۇل قىلىنىۋاتقان ياردەمچى ساقچىلار زادى قانداق كونكرېت ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرماقتا؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچىلارغا بولغان ئىشىنىش دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟

بۇ سوئاللارغا خوتەندىكى ساقچىخانىلاردا كېچە-كۈندۈز دەم ئالماي كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچىلارنىڭ بايانلىرى جاۋاب بېرىدۇ.

خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيە سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «گەرچە بىز ساقچى فورمىسى كىيىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلساقمۇ، ئەمما قورال-ياراغ تۇتۇش ھوقۇقىمىز يوق، پەقەتلا نەيزە، قالقان ۋە كالتەك تۇتىمىز،» دېدى.

گۇما ناھىيەسىنىڭ موكۇيلا يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىنىڭ ئومۇمەن مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھالبۇكى، ئۆزلىرىنىڭ قورال-ياراغ تۇتۇش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى، جىددىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئالاھىدە ساقچى ياكى رەسمىي قوراللىق ساقچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ساقچىخانىلارنىڭ ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىشتا ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغانلىقىنى، ئائىلىسىدە ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا «سىياسىي جىنايەت» سادىر قىلغانلارنىڭ ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى زىيارىتىمىز داۋامىدا ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىشتا ئومۇمەن «سىياسىي مەسىلىسى» بولمىسىلا باشقا شەرتلەرنىڭ ئانچە ئېغىر ئەمەسلىكىنى، سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ «پاكىزە» بولۇشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى شۇنچە قاتتىق تەكشۈرۈلگەن، ئۈچ ئەۋلاد ئائىلە تارىخىدا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچىلارنىڭ قورال تۇتۇش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.