ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تەيۋەن تەشكىلاتلىرى ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.08.16
ilham-mexmut-yasukuni.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىدا تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقاتماقتا. 2016-يىلى 15-ئاۋغۇست، توكيو.
RFA/Qutluq

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 15-ئاۋغۇست ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت تەشكىلاتلىرى ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

ھەر يىلى 15-ئاۋغۇست ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان خاتىرە كۈنىدە، ياپونلار توكيودىكى شىنتو دىنىنىڭ بۈيۈك مازارلىقلىرىدىن بىرى بولغان ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىنى تاۋاپ قىلىپ ئەل ۋە يۇرتىغا ئەرۋاھلاردىن ئامان-ئېسەنلىك تىلەپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىدۇ.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقى ئالدىدا ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى جانلىق ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياپونىيەدە تونۇلۇشىغا زور ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىدا ئۆزلىرىنىڭ ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان موڭغۇل، تەيۋەن قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلھام سۆزىدە ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىغا تاۋاپ قىلغىلى كەلگەن كىشىلەرگە تارقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى شۇنداقلا تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىنى تاۋاپ قىلغۇچى ياشلار تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققان ھالدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتتە بولغان.

پائالىيەت داۋامىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دايچىن پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ:« بىز ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتىمىز. ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىلىرى ئورتاق بىر مەسىلە. شۇڭا بىز كۆپ يىللاردىن بۇيان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىز بۈگۈن تارقاتقان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىمىزدا نۆۋەتتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالى يەنى موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلىرى يوق قىلىنىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قانۇنسىز ھالدا كان ئېچىشىدىن كېلىپ چىققان مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئېغىرلىقىنى، موڭغۇللارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلدۇق» دېدى.

ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەن تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن ئىدا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:« خىتاي كومپارتىيەسى تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي كومپارتىيەسى ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، ئۇلار ئۆزىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنى باستۇرۇپ، ئۇلارنى يوق قىلىۋېتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز خىتاي كومپارتىيەسىگە ئورتاق ھالدا قارشى تۇرۇپ ئۇنىڭ تېزرەك زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى ئۈچۈن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن ن ھ ك نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې گەرچە بۇ قېتىم ئۆزى ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىنى تاۋاپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشمىغان بولسىمۇ، بىراق تاۋاپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان، ئۆزى يېتەكچىلىكىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى نىشى مۇرادىن ئۆز نامىدا مازارلىققا دىنىي سوۋغا تەقدىم قىلغان.

شىنزو ئابې 12-ئاۋغۇست مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىنى تاۋاپ قىلمايدىغانلىقىنى، دىنىي سوۋغا تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 2013-يىلى 26-دېكابىردا ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىنى تاۋاپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن خىتاي ۋە كورېيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە بەلگىلىك تەسىر يەتكەن ئىدى.

ن ھ ك نىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 70 گە يېقىن كىشى ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىنى تاۋاپ قىلغان.

توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ شۇ كۈنى ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىنى تاۋاپ قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقى گەرچە ياپونلارنىڭ قارىشىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياپونىيە ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ مازارلىقى دەپ قارالسىمۇ، بىراق خىتاي بىلەن كورېيە بۇ مازارلىقنى ئىزچىل ھالدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقى دەپ قاراپ كەلمەكتە.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.