ئىيۇلدا ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇدا قورشاۋىدا قالدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.07.29
28-iyul-washington-namayish-2015.jpg ۋاشىڭگىتوندىكى 28 - ئىيۇل يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى
RFA


خىتاي ھۆكۈمىتى 2014 - يىلى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى قەدىمىي دىيار يەكەننىڭ ئېلىشقۇ كەنتىدە قوزغالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىدە ھۇجۇمچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 96 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە دۇنيا مەتبۇئاتلىرى شاھىتلار ئاغزىدىن خىتاي قاتتىق سىر تۇتىۋاتقان بۇ ۋەقەدە، خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 2000 غا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان شۇ قېتىمقى رەھىمسىز قىرغىنچىلىقتا 3000 - 5000 ئەتراپىدا بىگۇناھ ئۇيغۇر دېھقان ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىڭلىغان، ھەتتا 10 مىڭىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر دېھقانلىرى بۇ ۋەقەگە چېتىلىپ قارا قويۇق تۇتقۇن قىلىنىپ، زىندانلارغا مەھكۇم قىلىندى» دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ ۋەقەنى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەڭ زور سىياسىي پاجىئە ۋە قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى.

ئۇيغۇرلار مانا بۇ يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا داغدۇغىلىق خاتىرىلەشكە باشلىدى. ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۈگۈن، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا پايتەختىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا قايتا يىغىلىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

28 - ئىيۇل يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى رابىيە خانىم باشچىلىقىدا ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 28 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە رەسمىي باشلاندى.

شەرقىي تۈركىستان بويىچە نوپۇس جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە ئومۇمى نوپۇسى تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئاشىدىغان مۇقەددەس يەكەندە يەنى ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قەدىمى پايتەختىدە بۇلتۇر 28 - ئىيۇل يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسى دۇنيانى تىترەتكەن ئىدى. «يەكەن قىرغىنچىلىقىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن كۆپ جىق بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى دۇنيا ئۇيغىر قۇرۇلتېيىلا ئەمەس، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مەتبۇئاتلارمۇ تەكىتلەپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىمۇ خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يەكەن ئېلىشقۇ ئىسيانىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقاتتى» دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ بىر نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئېغىر قاماق جازاسى بەرگەن ۋە يەنە ئىككى خىتايغىمۇ جازا كۆرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2014 - يىللىق دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆپلىگەن قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى دەرھال «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇلار بۇنىڭدا يەكەن ئېلىشقۇدا ئاتالمىش 59 «ھۇجۇمچى» نىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆيىگە كىرىپ، ياكى ئۇلارنى ئىبادەت قىلىۋاتقان يېرىدە ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلغاچقا، ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش قېيىن بولماقتا» دەپ بايان قىلغان.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۈرلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قەدىمىي دىيار يەكەندە ئېلىپ بارغان بۇ ۋەھشى قىرغىنچىلىقىنى ھەر قېتىملىق خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىدە ئاچچىق ئازاب ئىچىدە ياد ئېتىش بىلەن بىرگە ۋە يەكەن شېھىتلىرىغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادە قىلىشنى ئۇنتۇماي كەلدى.

د ئۇ ق تەركىپىدىكى پۈتۈن تەشكىلاتلار، پۈتۈن ئاممىۋىي گۇرۇپپىلار، پۈتۈن سىياسىي پائالىيەتچىلەر، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 28 - ئىيۇل كۈنى (سەيشەنبە) ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا بىر تۇتاش نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈشى، نامايىش ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان دۆلەتلەردە يەكەن شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش، خاتىرىلەش، ئۇلارنىڭ روھى ئۈچۈن نەزىر - چىراق ۋە ئەسلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشى، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئامىركا بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوق ۋە دىمۇكراتىيە فوندى، بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش، شېھىتلىرىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نەپرىتىنى بىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزلۈكسىز ئېلىپ بېرۋاتقان قىرغىچىلىقىنى پاش قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ۋاشىنگتوندكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.