خىتاي «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى» نىڭ چۈمبىلىنى ئاچتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-10-17
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشاۋاتقان رايونلارنىڭ كوچىلىرىغا قويۇلغان قوراللىق ساقچىلار. 2013-يىلى 30-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشاۋاتقان رايونلارنىڭ كوچىلىرىغا قويۇلغان قوراللىق ساقچىلار. 2013-يىلى 30-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
AFP

چېن چۇئەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىنىپلا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قانۇنى جىددىي ئىجرا قىلىشقا باشلاش بىلەن تەڭ، رايوندىكى ھەر قايسى شەھەر، بازار ئاساسىي قاتلاملاردا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەلەش سىنىپى» نامىدا يېڭى شەكىلدىكى لاگىرلارنى بەرپا قىلدى. بۇ جايغا مەجبۇرىي قامالغانلار بىلەن سىرتنىڭ ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ساق-سالامەتلىك ئۇچۇرىنىمۇ بەرمەي، يېپىق شەكىلدە، خۇددى تۈرمىلەردىكىدەك باشقۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

دەسلەپ بۇ جايلار «ئەسەبىيلىكنى، رادىكاللىقنى تۈگىتىش تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالدى. كېيىنچە، «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» ياكى «مائارىپ بىلەن ئۆزگەرتىش تەربىيەلەش مەركىزى»، «تېخنىكا ئۆگىتىش مەركىزى» دېگەندەك ئوخشىمىغان ناملاردا ئاتاشقا باشلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ مىڭلارچە ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش باھانىسىدە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىدەك بىر قاتار پاكىتلار ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

11-سېنتەبىر كۈنى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»، «خىتاي، شىنجاڭدىكى سىياسىي ئۆگىنىش تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىڭلار» ناملىق بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قامىلىۋاتقانلىقى، ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي بولمىغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشتەك بۇ ھەرىكەتنى «دەھشەتلىك بىر قىلمىش» دەپ ئاتىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى كېڭەيتىپ، تۇتقۇن كۆلىمىنى زورايتىش بىلەن بىرگە بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاش تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىپ بارماقتا. بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار ئىتتىپاق كومىتېتى، سوخۇ، ئۈندىدار سۇپىلىرىدا «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپى زادى قانداق جاي؟» دېگەن تېمىدا مەخسۇس تەشۋىقات ماقالىسى ئېلان قىلىپ تارقىتىشقا باشلىغان ئىدى. يېقىندا بۇنىڭ يەنە ئاۋازلىق نۇسخىسى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىشقا باشلىدى.

خىتاي مەزكۇر تەشۋىقاتى ئارقىلىق بۇ خىل يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى قاپلىغانلىقىدەك، زور كۆلىمىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭدا، بۇ خىل ئاتالمىش تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىغا تەشكىللەنگەنلەر «دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋان تېررورلۇق ئىدىيىسىدىن يۇقۇملانغان، شۇڭلاشقا ئۇلار بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان دەپ ئاممىنى ۋاقتىدا داۋالاش ئۈچۈن، ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا تەسىس قىلغان تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى ئاممىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق ھەقسىز «بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش» پۇرسىتى دەپ كۆرسىتىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى ئىدىيىۋى جەھەتتىن كېسەل قاتارىدا كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىغا ئىنكاس قايتۇرغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇنى: «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك دېگەندەك ئۆزىنىڭ بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ئېچىشتىكى مەقسەتلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئالدىراپ كېتىۋاتقانلىقى» دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىشقا قىستىغان ئامىللارنىڭ، خەلقرانىڭ مەزكۇر مەسىلىگە بولغان ئىنكاسلىرى ۋە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ پاش بولۇپ قىلىۋاتقانلىقى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى.

كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بىر لاگېرغا ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ ئىقرارى، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى فاشىستلارنىڭ گېرمانىيەدە يەھۇدىلارغا ئايرىم لاگېرلارنى قۇرۇپ قۇل قىلىپ ئىشلەتكىنىدىنمۇ خەتەرلىك ۋە ئېغىر بىر مەسىلە، چۈنكى خىتاي بۇ لاگېرلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن بىر مىللەت سۈپىتىدە مېڭىسىنى، ئوي پىكرىنى قايتا پروگراملىماقچى»، دەپ مۇلاھىزە قىلدى.
ئىلشات ئەپەندى يەنە «بۇنى كەمسىتىش سىياسىتىنى ئوچۇق ئاشكارا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ئاۋازلىق تەشۋىقاتتا يەنە «ئىدىيە جەھەتتىكى كېسەللىك جىسمانىي جەھەتتىكى كېسەلگە ئوخشاش چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك»، دەپ كۆرسىتىلگەن شۇنداقلا ئۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئۇلارنىڭ نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتالىقىنى، نېمىنى قىلىش نېمىنى قىلماسلىقنى ئۆگىنىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.

رۇقىيە خانىم، «بۇ خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، مەجبۇرىي ھالدا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قاماش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش مەقسىتىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە تەن جازاسىدىنمۇ ئېغىر روھىي جازا» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. رۇقىيە خانىم يەنە، بۇ خىل روھىي بېسىم ئۇزۇن داۋام قىلغاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىدىغانلىقى، سولانغان كىشىلەر ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى قىلمىسا، ئۆزگەرمىسە، قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەربىيەلەش مەركەزلىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان جايلاردىن ئېنىقلىغان ھەمدە دەلىللىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن، بۇ خىل جايلاردا تەربىيەلىنىۋاتقانلار ئارىسىدا خىتاي مىللىتىدىن بولغان بىرمۇ كىشىنىڭ يوقلۇقى پاش بولغان ئىدى. شۇنداقلا مەزكەزدىكى تەربىيەلەش خادىملىرى بۇ ھەقتە بەرگەن ئىزاھاتىدا، كۇرسنىڭ مەقسىتى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بولغاچقا، كۇرسانتلار ئارىسىدا خەنزۇلار يوقلۇقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەربىيەلەش مەركىزىگە قامالغانلار: ئادەتتىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما، چەتئەللەرگە چىقىپ كىرگەنلەر، دىندا ئوقۇغانلار، سابىق سىياسىي مەھبۇسلاردىن تارتىپ، گەپتىن كېتىپ قالغان دۆلەت كادىرلىرى ۋە ھەتتا مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئادا قىلمىغان كومپارتىيە ئەزاسىغىچە بولغان ھەر ساھە، ھەر قاتلامدىكى كىشىلەر ئىكەن.

ئەمەلىيەتتە خىتاي تەشۋىقاتىدىكى بۇ سۆزلەر «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان كەمسىتىش سىياسىتى ئېچىپ بېرىلگەن» دەپ مۇلاھىزە قىلغان ئىلشات ئەپەندى، «بۇ خىتاي تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىنىڭ چۈمبىلىنى ئاچتى، بىز بۇ پاكىتتىن ئۈنۈملۈك ئىجابىي پايدىلىنىشىمىز زۆرۈر» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتى تارقاتقان بۇ ئاۋازلىق تەشۋىقاتنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنسىز لاگېرلارنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ بىلسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاينى «يەنىلا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى: «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش جەريانى قانچە ئۇزۇن داۋام قىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ زور روھىي بېسىم ۋە رىيازەت چېكىشىدىن قەتئىي نەزەر، خىتاي دائىرىلىرى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى پۈتۈنلەي يۇيۇپ ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىغا تەشكىللەنگەنلەر، پەقەت مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا خىتاينىڭ شەرتلىرىگە كۆنمەي باشقا ئامالى يوق» دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

ئىلشات ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جايلاردا كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى نامىدىكى سىياسەت، تۈزۈملىرىدىن دۇنيانىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ قانۇنسىزلىقلىرىنى بۇنىڭلىق بىلەن يوشۇرالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت