ياۋروپادا ئانا تىل ۋە دىن كۇرسلىرى: «بالىلارنى ئۆزىمىز تەزدۈردۇق»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-12-04
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
نورۋېگىيەدىكى ئانا تىل كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى.
نورۋېگىيەدىكى ئانا تىل كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى.
RFA/Abduweli Ayup

«ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرسىمىزغا پەرزەنتلەر ھەر قېتىم ناھايىتى قىزغىن يىغىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنى قىزىقتۇرالماي زېرىكتۈرۈپ، تەزدۈرۈپ قويۇۋاتىمىز» دەيدۇ، پەرھات يۇرۇڭقاش گېرمانىيەدە بىر قانچە قېتىم ئېچىلىپ ئىزچىل داۋام قىلالماي كەلگەن ئانا تىل ۋە دىن كۇرسلىرى ھەققىدە توختىلىپ. ئىگىلىشىمىزچە بۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغان ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە دىن كۇرسلىرى يالغۇز گېرمانىيەدىلا ئەمەس، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە، بېلگىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىمۇ مەۋجۇت بولغان ئىكەن.

گېرمانىيەدە ياشايدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش گېرمانىيەدىكى تۇنجى ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1999-يىلى ئېچىلغانلىقىنى ئېيتتى. گېرمانىيەدە ئانا تىل كۇرسى دەسلەپ باشلانغاندا ئوقۇتقۇچىلار پىداكارلىق قىلغان، ئاتا-ئانىلارمۇ بارلىق بېسىملارغا قارىماي قوللىغان، ئوقۇغۇچىلارمۇ قىزغىن ئىشتىراك قىلغان. 2000-يىللارنىڭ بېشىدا يەنە بىر قېتىم دىن، ناخشا-ئۇسۇل، رەسىم ۋە ئانا تىل كۇرسلىرى ئېچىلغان. ئەمما ئۇزاققا قالماي رەسىم ۋە ناخشا-ئۇسۇل كۇرسى ساقلىنىپ قېلىپ ئانا تىل ۋە دىن كۇرسى يەنە تاقالغان. ئاساسلىق سەۋەب ئوقۇغۇچىلار قىزىقمىغاچقا ئاتا-ئانىلارنىڭ نەسىھەتلىرى كار قىلمىغان.

ئىگىلىشىمىزچە شىۋېتسىيەدە ئېچىلغان ئانا تىل ۋە دىن كۇرۇسلىرىمۇ گېرمانىيەدە دۇچ كەلگەن قىسمەتتىن قۇتۇلالمىغان. مەزكۇر كۇرسلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار توغرىسىدا شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت كەچمىشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى. ئۇنىڭچە ئاساسلىق سەۋەبلەر بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىكى ھارغىنلىق، ئالدىراشلىق ئىكەن. ئۇندىن باشقا بالىلارنى رەسىم، پۇتبول، ئۇسۇل ۋە تۈرلۈك تەنتەربىيە كۇرسلىرىغا ھەپتە ئاخىرىدا ئەۋەتىلىدىغان بولغاچقا ۋاقىت چىقماسلىق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاق ئورۇنلاشقانلىقىمۇ مۇھىم سەۋەبلەردىن ئىكەن.

يېقىندىن بېرى شىۋېتسىيەدە ئانا تىل دەرسىنى رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆتۈپ ئۈنۈمگە ئېرىشكەن يارقىن ئەپەندى ئانا تىل كۇرسلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدا يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن باشقا ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتايدا كۆنۈككەن مېتود بويىچە دەرس ئۆتكەنلىكىمۇ مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئامېرىكادا ياشايدىغان بىر دوستىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى. گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئابدۇرەھىم غېنى ئەپەندىمۇ نە ئۇيغۇر ئېلىدە، نە ئۆز تۇرۇۋاتقان ئەلدە پسىخولوگىيە ۋە پېداگوگىكا تەربىيەسى كۆرمىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرسلىرىنىڭ داۋام قىلالماسلىقىدا ئاساسلىق توسالغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ئانا تىل كۇرسلىرىنىڭ داۋام قىلالماسلىقىدا ئىقتىساد ۋە خادىم مەسىلىسى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇنىڭچە ئانا تىلدىن دەرس بەرگىدەك ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەر ئاسانراق ئىش تېپىشى بىلەن ئانا تىلدىكى دەرسلەر تاشلىنىپ قالغان. ئۇ يەنە جامائەتنىڭ قوللىشى، ھەقلىق مۇلازىمەت ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ كەملىكىنى ئانا تىل كۇرۇسلارنىڭ ئىزچىل بولماسلىقىدىكى مۇھىم ئامىل دەپ قارايدىكەن.

زىيارەت جەريانىدا ئەنگلىيە، فىنلاندىيە، بېلگىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئانا تىل كۇرۇسلىرىنىڭمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئېچىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە فىنلاندىيە ۋە بېلگىيەدىكى ئەھۋال بىر ئاز ئۆزگىچە بولۇپ ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ياغلىقسىز بولۇشى، ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىز ئاياللار بار يەردە دەرس ئۆتسە بولۇش بولماسلىق مەسىلىسى، دىننى چىڭ تۇتۇشمۇ ياكى ئانا تىلنىمۇ ھەققىدىكى زىددىيەت قاتارلىق ئامىللار ئانا تىل ۋە دىن دەرسلىرىنىڭ توختاپ كۇرۇسلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.

ئانا تىل ۋە دىن كۇرسلىرىنىڭ چىقىش يولى نەدە دېگەن مەسىلىدە شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان يارقىن ئەپەندى ياۋروپادا مائارىپ كەسپىدە ئوقۇغان ئوقۇتقۇچى بولمىسا شۇ يەردە چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلەرگە ئانا تىل ئۆگىتىشتە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى تەكىتلىسە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى بەختىيار ئانا تىل مائارىپى ھەقلىق مۇلازىمەتكە ئايلانمىسا ئىزچىللىق ۋە نەتىجە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

2017-يىلى سېنتەبىر ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئېلىدە مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل قىزغىنلىقى قايتىدىن جانلانغانلىقى مەلۇم. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ھازىر ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردە ئانا تىل كۇرسلىرى ئوقۇتۇشنى داۋام قىلماقتا ئىكەن. باشقا ئەللەردىكى زىيالىيلار ۋە ئاكتىپلارنىڭ بۇ ھەقتە باش قاتۇرۇۋاتقانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت