گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئانا تىل تەربىيەسىنى كۈچەيتمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2017.02.27
gollandiye-ana-til-kursi.JPG 2015-يىلى ئانا تىل كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خاتىرىسى.
RFA/Pidaiy

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بۇ يىل كىرگەندىن بېرى يېڭىدىن سەپكە قېتىلغان ياش ئەۋلادلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شەنبە كۈنلىرى مەخسۇس سىنىپ تەسىس قىلغاندىن بېرى، يىراق-يېقىنلاردىن پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن كېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆز-ئارا تەشكىللىنىپ، ئۆز-ئارا بىلىم ئالماشتۇرۇش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بىر كۈنىنى مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزمەكتە. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى، گوللاندىيەدىكى يەرلىك مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە يېتەرسىزلىكلىرى ئۈستىدە ھېس قىلغانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ، ئانا تىل ئوقۇ-ئوقۇتۇشىدا ھەل قىلىنىشى تەقەززا قىلىنغان جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەردىنمۇ مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

مەزكۇر جەمئىيەت مەسئۇللىرى 2013‏-يىلى، ھازىرقى مەركىزى ئورۇندا مۇقىملىشىشتىن ئىلگىرى گوللاندىيەنىڭ خوۋدا، كاستركوم ۋە ئۆترېخت ئۆلكىلىرىدە مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۇلار تۇرۇشلۇق شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان بولسا؛ كېيىنچە ئىنتېرنېت ۋاسىتىلىرىدىن سكايپى قاتارلىقلاردا گۇرۇپپا تەشكىللەپ، قەرەللىك دەرس بەرگەن ئىدى. بۇ جەمئىيەت تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ۋەتەنداشلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە 2013‏-يىلى 1‏-ئايدىن باشلاپ، گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىدە مۇقىم ئورۇن كىرالاپ، تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى مۇنتىزىملاشتۇردى ۋە سىستېمىلاشتۇرۇشقا يۈزلەندى. شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىڭ تۆت يىللىق مۇساپىسىدە ئاز بولمىغان نەتىجە ۋە ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ چەكلىك ئىمكانلىرى بىلەن ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئىمكانلىرىدىكى ئورتاق نۇقتىدا يېڭى-يېڭى پىلانلارنى تۈزۈپ، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تىرىشماقتا.

بۇ ھەقتە يەنە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەلىم-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئىسا قاراھاجىممۇ مەزكۇر جەمئىيەت يېتەكچىلىكىدە گوللاندىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئومۇمىي خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى ۋە بۇ جەھەتتە ۋەتەنداشلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد-تەلەپلىرىنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتتى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا-تىل ۋە مىللىي-دىنىي تەلىم-تەربىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا بار ئىمكانلىرى بىلەن ئىزچىل تىرىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.