گوللاندىيەدە ئۇيغۇر بالىلار تەتىللىك پائالىيەتكە قاتناشتى

ئىختىيارى مۇخبىرمىز پىدائىي
2014.06.24
gollandiye-kolliktip-seyle.jpg شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان ئانا تىل ۋە ئەخلاق كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچى بالىلىرى تەتىلگە چىقىشتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كوللېكتىپ سەيلە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى ئىيۇن، گوللاندىيە.
RFA/Pida’iy

پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىكى مىللىي كىملىك ۋە قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن گوللاندىيەدىكى ئانا تىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى دالا سەيلىسىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دالا سەيلىسىنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، سەيلە پائالىيىتىگە ئاساسلىقى مەزكۇر تەشكىلات ئاچقان» ئانا تىل ۋە ئەخلاق كۇرسى» ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان.

بۇ ھەقتە توختالغان جەمئىيەت مەسئۇللىرى كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ مەزكۇر مەكتەپكە پەرزەنتلىرىنى ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلتۇر 2-ئايدا دەرس باشلىغان گوللاندىيەدىكى» ئانا تىل ۋە ئەخلاق كۇرسى« نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلدى.

ئۇلار 21‏-ئىيۇن شەنبە كۈنى گوللاندىيەدىكى داڭلىق كۆڭۈل ئېچىش باغچىلىرىدىن بىرى بولغان «سلاخ ھارىن باغچىسى» دا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەتىگەندە 120 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باغچىغا قاراپ يولغا چىققان بالىلار ئاخشىمى سائەت 8 لەردە مەكتىپىگە قايتىپ كەلدى.

پائالىيەت داۋامىدا ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن تاماق بىلەن غىزالانغان بالىلار، پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىنى بىللە ئوقۇپ، ئىككىلى دۇنيالىق مەنپەئەتىنى قولدىن بەرمىدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدىكى مەسئۇللار مۇنداق دېدى: مەزكۇر جەمئىيەت قارمىقىدىكى ئانا تىل ۋە ئەخلاق كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەر ھەپتىدە 5 كۈن گوللاندىيە مەجبۇرىي مائارىپىدا ئوقۇش، ھەپتە ئاخىرلىرى 2 كۈن بۇ جەمئىيەت مەركىزىدىكى كۇرستا ئانا تىل ۋە ئىسلامىي ئەخلاقلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق كۆپ چارچىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىش، ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە كۆڭۈل ئىچىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياجانلىرىنى بىلدۈردى، تەلىم-تەربىيە مەسئۇلى ئابدۇراخمان قارىھاجىم مەزكۇر پائالىيەتتىكى مەقسەت ۋە غايىلەر ھەققىدە ئىنكاسلىرىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر «سلاخ ھارىن باغچىسى» كۆپ خىل ئويۇن تۈرلىرى، ئازادە-رەتلىك مۇھىتى ۋە باشقا شارائىتلىرى بىلەن يالغۇز گوللاندىيەدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ياۋروپادا مەشھۇر بولۇپ، ھەر ھەپتىلىك دەم ئېلىش ۋە بايرام كۈنلىرى نەچچە مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.