ئۆز مىللىتىنىڭ غېمىنى يەۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھىدايەتۇللاھ گۆكتۈرك

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.03.14
hidayetullah-gokturk-ders-seudi-ders-otmekte.jpg ھىدايەتۇللاھ گۆكتۈرك دەرس ئۈستىدە
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە بۇرۇندىن تارتىپ مەزلۇم مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار پاناھلىنىدىغان مۈھىم دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تۈركىيە زېمىنىغا كۆچۈشى 11 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا باشلىغان بولۇپ، بۇ كۆچۈش بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا قارايدىغان بولساق 1950 - 1960 - يىللاردا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئافغانىستان ۋە ھىندىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار 1980 - يىللاردىن كېيىن قايتا كۆچۈشكە باشلىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان كۆچۈشى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. 1950 - ۋە 1960 - يىللاردا تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار جاپا - مۇشەققەتلىك تۇرمۇشلارنى بېشىدىن كۆچۈرگەن بولسا، ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار تۈركىيە جەمئىيىتىدە مۈھىم جايلاردىن ئورۇن ئالماقتا.

ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ياخشى ئوقۇپ تۈركىيەنىڭ ھەر ساھەلىرىدە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرمەكتە. بۇلاردىن بىرى ھىدايەتۇللاھ گۆكتۈرك ئەپەندى. ئۇ 1977 - يىلىدا قەيسەرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەيسەرىدە ئوقۇغان. 2000 - يىلى تۈركىيە ئەلازىھ فىرات ئۈنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا ئىستانبۇل يۈزۈنچى يىل باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىققا باشلىدى. ئارقىدىن ئىستانبۇل قازىم ئۆزئالپ باشلانغۇچ مەكتىپىگە مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ تەيىنلەنگەن. ھازىر تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ داممان شەھىرىدە ئاچقان خەلقئارالىق داممان تۈرك مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا. ئۇ تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر دائىم ئۆز تىلىنىڭ، ئۆز مىللىتىنىڭ، ئۆز دەۋاسىنڭ غېمىنى يەۋاتقان بىر زىيالىي. ئۇ، ئوقۇغۇچىلىرىغا داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەشنى خالىسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.