خوتەندىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.08.02
qosh-til-xoten-uyghur-til-cheklesh.jpg خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چىقارغان باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش ھەققىدىكى ھۆججەت.
Social Media

ئالدىنقى ھەپتە خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى تارقاتقان «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇشتىكى 5 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» ناملىق بىر ھۆججەت ئاشكارا بولغان ئىدى.

رادىئويىمىزنىڭ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى ۋە قاراقاش ناھىيىسىدىكى مائارىپ ئىدارىلىرى مەزكۇر ھۆججەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى ئاشكارا قىلدى.

چىرا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى كادىرلار بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر نەپەر خىتاي مەسئۇل خادىم زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇندىن كېيىن خوتەندىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پۈتۈن دەرسلەرنىڭ بىردەك «دۆلەت تىلى»، يەنى خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى، مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەرقانداق كوللېكتىپ سورۇندا چوقۇم خىتايچە سۆزلەش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

چىرا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» قا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر مەسئۇل خادىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى.

«بۇ ھۆججەتتىن خەۋىرىم بار. بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرى چىقىرىلىپ، تارقىتىلدى. بىزنىڭ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ ھۆججەتنىڭ روھىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىر جىددىي مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ. ئالدىمىزدىكى مەۋسۇمدىن باشلاپ مەكتەپلەردە دەرسلەر پۈتۈنلەي ‹دۆلەت تىلى› (خەنزۇ تىلى) دا ئۆتۈلىدۇ. ئۇيغۇرچە ئىشلىتىلمەيدۇ. دەرسلىكلەرمۇ بىۋاسىتە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىگە ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ۋە مائارىپ ساھەسىدە بىردەك خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى خوتەن ۋىلايىتىدە 10 يىلدىن بۇيان دۆلەت تىلى ‹قوش تىللىق مائارىپ› چىڭ تۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە دۆلەت تىلى ئومۇملاشمىدى. شۇڭا ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى خوتەندىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى ئويلىشىپ، بۇ ھۆججەتنى چىقارغان.»

خوتەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر خىتاي مەسئۇل خادىمى زىيارىتىمىز جەريانىدا مەزكۇر ھۆججەتنىڭ خوتەن ناھىيىسىدە ئاللىقاچان ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ بىزنىڭ «بۇ ھۆججەتتە بۇندىن كېيىن خوتەننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلى چەكلىنىدۇ، دېگەن ماددا بارمۇ-يوق؟» دېگەن سوئالىمىزغا «شۇنداق، بۇ ماددا بار» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ھازىر ھەممە يەردە ‹دۆلەت تىلى› نى ئىشلىتىش ۋە ‹دۆلەت تىلى› دا سۆزلەش تەشەببۇس قىلىنماقتا.»

ئۇ بىزنىڭ «مەزكۇر ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، بولۇپمۇ ھۆججەتتىكى 5-ماددىغا قارىغاندا، بۇندىن كېيىن مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشنىڭ بىردەك چەكلىنىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلىپتۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ‹قوش تىللىق مائارىپ› نىڭ پرىنسىپىغا، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ۋە ‹مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى› غا خىلاپ ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆججەتنى خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى چىقىرىپ تارقاتقان. بىز ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ ئىدارىسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن پەقەتلا بىزدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن چىقارغان ھۆججەتنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىمىز. بىزنىڭ بۇ ھۆججەت توغرىلىق چۈشەنچە بېرىش ھوقۇقىمىز يوق. ئۇنى ئىزاھلاش ھوقۇقى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدە. سىز ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيسىز.» 

قاراقاش ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر خىتاي مەسئۇل خادىمى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ھۆججەتنىڭ ماددىلىرىنى قۇرمۇ-قۇر ئوقۇپ بەردى.

«مەزكۇر ھۆججەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى مۇنداق بەش ماددىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

بىرىنچى، قانۇن بويىچە دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا ئوقۇتۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت قوش تىللىق مائارىپنىڭ تۈپ پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش؛

ئىككىنچى، 2017-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، 3 يىللىق ھەقسىز يەسلىلەردە پۈتۈنلەي دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش، 2020-يىلىغا بارغاندا مائارىپ ساھەسىدە دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قاپلاش دەرىجىسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛

ئۈچىنچى، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىلگىرىكىدەك ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈپ تەربىيىلەشتەك خاتا ئۇسۇلنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛

تۆتىنچى، مائارىپ سىستېمىسى ۋە مەكتەپ قورۇسى تەۋەسىدە پەقەتلا ئۇيغۇرچە تىل-يېزىقتىكى ۋىۋىسكا ۋە تام گېزىتلىرىنى چىقىرىشنى قەتئىي چەكلەش؛

بەشىنچى، بۇندىن كېيىن مائارىپ سىستېمىسىدىكى كوللېكتىپ پائالىيەتلەردە، ئاممىۋى يىغىلىشلاردا ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى قەتئىي چەكلەش.»

قاراقاش ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى بۇ خىتاي مەسئۇل خادىم، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ بارلىق مەكتەپلەرنىڭ بىردەك خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، كوللېكتىپ سورۇنلاردا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكە بولمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا مائارىپ سىستېمىسىدىكى لوزۇنكا ۋە تام گېزىتلىرىنىڭ خىتاي تىل-يېزىقىدا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مەن ھۆججەتكە ئاساسەن كونكرېت ماددىلارنى ئوقۇپ ئۆتتۈم. ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ ھۆججەت بۇ يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چىقىرىلىپ، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ھەرقايسى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىلىرىگە تارقىتىلدى. بۇ ھۆججەتنى ئىزاھلاش ياكى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىش ھوقۇقى پەقەتلا ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدە. مەن بۇنىڭدىن ئارتۇق چۈشەنچە بېرەلمەيمەن. كونكرېت ئەھۋاللارنى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن سوراڭ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.