مۇھاجىرەتتە ئانا تىل دەۋاسى: غەلىبە يولىغا كۆمۈلگەن سىرلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.11.29
awstraliye-uyghur-mektep-8.jpg جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى. 2017-يىلى ئۆكتەبىر، ئاۋسترالىيە.
RFA/Abduweli Ayup

ئىگىلىشىمىزچە ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئادېلايد شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى قۇرۇلغىنىغا 26 يىل بولغان بولۇپ مۇھاجىرەتتە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ ئىزچىل ۋە ئەڭ ئۇتۇقلۇق داۋام قىلغان ئانا تىل مەكتىپى ئىكەن.

1991-يىلى تۇنجى قۇرۇلغاندا ئوقۇغۇچىسى ئونغا يەتمەيدىغان بۇ مەكتەپ بۈگۈن 94 ئوقۇغۇچى، 4 ئوقۇتقۇچى، بىر مۇدىر ۋە مۇقىم ئورۇنغا ئىگە بولغان. مەكتەپ ھەر يىلى جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايان قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ئىكەن. كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغىنى بۈگۈنكى مۇدىر ئىلگىرى مۇشۇ مەكتەپتە ئانا تىل ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچى ئىكەن.

مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە تۈرتكە بولغان ئامىللار ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەك ئۈچۈن مەزكۇر مەكتەپتە 1993-يىلدىن 2009-يىلغىچە ئىزچىل ئوقۇتقۇچى ۋە مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، بۇ مەكتەپنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىدا ئاتا-ئانىلاردىكى ئانا تىل ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى، ئوقۇتقۇچىلاردىكى پىداكارلىق، ئۇيغۇر جامائىتىدىكى ئۆملۈك ۋە دۆلەتنىڭ قوللىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

زۇبەيرە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپ دەسلەپ قۇرۇلغان يىللاردا يولۇققان قىيىنچىلىقلارمۇ ئاز بولمىغان. ئوخشىمىغان كەسىپ ۋە قاتلامدىن ئاۋسترالىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان چۈشەنچىسىدىكى پەرقلەر، بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشى سەۋەبلىك ئىنگلىزچە دەرسلەرگە يېتىشەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەشلەر دېگەندەك ئامىللار دەسلەپتە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان.

مەكتەپنىڭ بۈگۈنكى مۇدىرى زۇلپىيە خانىم ئۆزىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشنى باشلىغاندىكى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۆلەتنىڭ ھەر يىلى ئۈزۈلدۈرمەي ئانا تىللىق مەكتەپلەرنى قوللىشى ۋە بالىلارغا تەسىس قىلىنغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

ئادېلايد شەھىرىدە ياشاۋاتقان مەرھۇم شائىر تىيىپجان ئېلىيپنىڭ قىزى يۇلتۇز خانىم مەكتەپنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەكتەپ بالىلارغا ئانا تىللا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، سەنئەت ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئۆگىتىپ جامائەتنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن. ئۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپتىن رازىلىقى، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئېرىشكەنلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە باغلاپ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئەڭ دەسلەپ تۈركىيە، گېرمانىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەردە ئانا تىل كۇرسلىرى ئېچىلغان بولسىمۇ، پەقەت ئاۋسترالىيەدە ئېچىلغان ئانا تىل مەكتىپىلا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. مەكتەپ 1991-يىلى دەسلەپ قۇرۇلغاندا «تۈركىستان مىللىي مەكتىپى» دېيىلگەن. 1997-يىلى «جەنۇبى ئاۋسترالىيە تۈركىستان جەمئىيىتى» نامىنى «شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى» قىلىپ ئۆزگەرتكەن. مەكتەپنىڭ نامىمۇ «تۈركىستان مىللىي مەكتىپى» دىن «ئۇيغۇر تىل مەكتىپى» گە ئۆزگەرگەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە يالغۇز ئۇيغۇر بالىلارغىلا ئەمەس، ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىل قىلغان ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ قۇچاق ئاچقان. ھەتتا ئۇيغۇر تىلنى ئۆگەنمەكچى بولغان ئاۋسترالىيەلىكلەرمۇ مەزكۇر مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيەگە 1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ كېلىشكە باشلىغان بولۇپ ئاساسلىقى سىدنېي، مېلبورن، ئادېلايد قاتارلىق شەھەرلەرگە ماكانلاشقان. ھازىر ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي ۋە ئادېلايد شەھەرلىرىدە ئانا تىل مەكتەپلىرى بار بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ مەكتەپلەر ئارقىلىق ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆگەتمەكتىكەن.

بۇ يىل سېنتەبىر كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن بولۇپ، ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش ھەرىكىتى ھەر خىل شەكىللەر بىلەن نامايان بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.