قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتىپى «يۇنېسكو» قارمىقىدىكى مەكتەپلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-03-13
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئۇيغۇر گىمنازىيىسىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ئالماتا.
ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئۇيغۇر گىمنازىيىسىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

10-مارت كۈنى، ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-گىمنازىيە مەكتىپىدە مەزكۇر مەكتەپكە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى قارمىقىدىكى مەكتەپلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىق گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (يۇنېسكو)نىڭ ۋەكىللىرى، ئالماتا شەھەرلىك، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، شەھەرلىك ئالىي كېڭەش ۋە قازاقىستان خەلقلىرى كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى، گىمنازىيە كوللېكتىپى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، زىيالىيلار، يۇرت-جامائەتچىلىكى ۋە باشقىلار قاتناشتى.

مەكتەپ ھاياتىدىن فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، مۇراسىم رىياسەتچىسى «يۇنېسكو» يېنىدىكى مەكتەپلەر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، شۇنداقلا كۆپ تىللىق مائارىپ ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە؛ «يۇنېسكو قارمىقىدىكى مەكتەپلەر بىرلەشمىسى» لايىھىسى 1953-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇ ب د ت ۋە «يۇنېسكو» ھەققىدە ئۇچۇر تارقىتىش، مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت مىراسلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ساقلاش ھەمدە ئىنسان ۋە بالىلار ھوقۇقلىرىنى ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەزكۇر بىرلەشمە بالىلار باغچىلىرى، ئومۇمىي بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەر، گىمنازىيەلەر، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ۋە باشقىلارنى بىرلەشتۈرىدۇ. يۇنېسكو قارمىقىدىكى مەكتەپلەر بىرلەشمىسىنىڭ قازاقىستاندىكى بۆلۈمى 1996-يىلى قۇرۇلغان.

تەنتەنىلىك مۇراسىمدا دەسلەپ سۆز ئالغان يۇنېسكونىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى لېئونىد كىم مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك ئاقساقاللار، ھۆرمەتلىك مېھمانلار، ئاتا-ئانىلار، ھۆرمەتلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە پېداگوگىكا كوللېكتىپى! بۈگۈن ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-گىمنازىيە ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر ۋەقە بولماقتا. بۈگۈن مەن شەخسەن يۇنېسكونىڭ باش كاتىپى ئىرىنا بوكوۋا ئۆزى ئىمزا قويغان گۇۋاھنامىنى يۇنېسكونىڭ پارىژدىكى باش ئىشخانىسىدىن ئېلىپ كېلىپ، تاپشۇرماقچىمەن. بۈگۈن مۇشۇنداق بىر چوڭ ۋەزىپە ماڭا تاپشۇرۇلدى. چۈنكى، بارلىق مەكتەپلەر مۇنداق ئۇتۇققا يېتىۋەرمەيدۇ. بىزنىڭ ئېلىمىزدا 8500 دىن ئوشۇق مەكتەپ بار. ئەمدى يۇنېسكو يېنىدىكى مەكتەپلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا مەكتەپلەرنىڭ سانى بارى-يوقى 27».

ل. كىم ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مەزكۇر گىمنازىيەنى بىر نەچچە قېتىم زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردىكى بىلىم دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىگە كۆزى يەتكەنلىكىنى، گىمنازىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى بىلىم دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئون مەكتەپنىڭ تەركىبىگە كىرگەنلىكىنى، بۇنىڭدا مۇئەللىملەر كوللېكتىپىنىڭمۇ چوڭ تۆھپىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

مۇراسىمدا يەنە ئالماتا شەھىرى ئالىي كېڭىشىنىڭ كاتىپى قالدىباي قازانبايېف، ئالىي كېڭەش ئەزاسى ماخامبېت خاسېنوف، ئالماتا شەھىرى ئەۋېزوف ناھىيىلىك ئىلىم باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گۈلناز خوجامبېرگېنوۋا، «نۇر-ئوتان» پارتىيىسى سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان شاردىنوف، شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام ھوشۇروف ۋە باشقىلار سۆزلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم زىيالىي، ئەدەبىياتشۇناس رابىك ئىسمايىلوف يۇنېسكو قارمىقىدىكى مەكتەپلەر بىرلەشمىسى گۇۋاھنامىسىنىڭ تاپشۇرۇلۇشىنىڭ پەقەت گىمنازىيەلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان چوڭ ھۆرمەتنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «يۇنېسكونىڭ مۇشۇ گۇۋاھنامىسىگە ئىگە 28-مەكتەپ بىزنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مەكتەپ بولدى. دېمەك، مۇشۇ مەكتەپتىكى بىلىمنىڭ، سەۋىيەنىڭ دەرىجىسىنى، كوللېكتىپنىڭ زامانغا يارىشا ئىشلىرىنى باھالاپ، يۇنېسكو ۋەكىلى مۇشۇ ھۆججەتنى بېرىشكە كۆزى يەتكەن. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مەكتەپ ئوقۇش، بالىلارغا بىلىم ۋە تەربىيە بېرىش بىلەن بىللە بىزنىڭ مۇشۇ شەھەردىكى مەدەنىيىتىمىزنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى دېسىمۇ بولىدۇ».

رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گىمنازىيەنىڭ مۇنداق ئۇتۇقلارغا يېتىشىدە دوستلۇق مەھەللىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ، يىگىت باشلىرىنىڭ، مەسچىت ۋە يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرىنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ تۆھپىسى باردۇر. ئۇ بۇ ئۇتۇقنى، مەكتەپ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف رەھبەرلىكىدىكى مۇئەللىملەر كوللېكتىپىنىڭ ئۆز ۋەزىپىلىرىگە جاۋابكارلىق بىلەن قاراپ، بىلىم سۈپىتىنى ياخشىلاش يولىدا تىنماي ئەمگەك قىلغانلىقىنىڭ بىر مېۋىسى ۋە نەتىجىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىنى يەنە مۇنداق دەپ داۋام قىلدى: «شەھەردە نۇرغۇن مەكتەپلەر بار. ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ شۇلار ئارىسىدا ئۈزۈپ چىقىشى، ئەلۋەتتە، ناھايىتى چوڭ ئىش. مەن، مەكتەپ مۇدىرى ۋە كوللېكتىپىغا، باشقىلارغا مىننەتدارلىقىمنى ئىزھار قىلماقچىمەن. مەكتىپىمىز باشقىلارغا ئۈلگە بولسۇن، باشقىلارمۇ مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشسۇن».

«ئۆرلېۋ» ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رۇسلان ئارزىيېف مەزكۇر گىمنازىيەنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بايراقدارى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مەكتەپ ھەقىقەتەن قازاقىستان بويىچە تونۇلغان مەكتەپلەرنى بىرى. بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن مەكتەپ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف قازاقىستان پرېزىدېنتى قولىدىن "ھۆرمەت" ئوردېنىنى ئالغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا پرېزىدېنتمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلىگەن. مانا بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ خۇشاللىق بولۇۋاتىدۇ. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىلىم سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى، دەپ ئېيتساقمۇ بولىدۇ، چۈنكى مەكتەپنى تاماملاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 60-70 پىرسەنتى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈپ ئوقۇۋاتىدۇ».

رۇسلان ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ھۇلىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەت بويىچە 62 تولۇق ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋە رۇس، قازاق تىللىرىدىكى ئارىلاش مەكتەپلەردە 15 مىڭ ئۇيغۇر بالىسى بىلىم ئالماقتا. ئۇلار بارلىقى پەنلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا بارلىق پەنلەر بويىچە ئوقۇش قوراللىرى دۆلەت ھېسابىغا نەشر قىلىنىپ، ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. رۇرسلان ئارزىيېف، ئانا تىلىدا ئوقۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدە چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىۋاتقانلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى، ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشقا بولغان ئىنتىلىشنىڭ ھازىر ياخشى ئىكەنلىكى، بۇ يۆنىلىشتىكى ئىشلارنى يەنىمۇ جانلاندۇرغان تەقدىردە ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت