قازاقىستاندا بۇ يىل 740 نەپەر بالا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تاماملىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-06-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن بىر كورۈنۇۈش. 2017-يىلى 12-ئىيۇن، ئالماتا.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن بىر كورۈنۇۈش. 2017-يىلى 12-ئىيۇن، ئالماتا.
RFA/Oyghan

10-ۋە 12-ئىيۇن كۈنلىرى قازاقىستاندىكى قازاق، رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە تاجىك تىللىرىدا ئوقۇتۇلىدىغان بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوتتۇرا بىلىم گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇش مۇراسىملىرى بولۇپ ئۆتتى. قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىلى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپنى 130 مىڭ قىز، يىگىت تاماملىغان بولۇپ، شۇلارنىڭ 740 نەپىرىنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۇچۇمكارلىرى تەشكىل قىلىدۇ. 250 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشاۋاتقان قازاقىستان بويىچە 14 ئۇيغۇر تىلىدا ۋە 49 ئارىلاش، يەنى ئوقۇش ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس تىللىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئوتتۇرا ھېسابتا 15 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بالىلىرى بىلىم ئالىدۇ. مەزكۇر مەكتەپلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ناھىيىلىرىگە جايلاشقان. ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۆزىدە، يەنى شەھەرنىڭ سۇلتانقورغان، زاريا ۋوستوكا ۋە دوستلۇق مەھەللىلىرىدە ئۈچ ساپ ئۇيغۇر مەكتىپى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلاردا ھەر ئوقۇش يىلى ئۈچ مىڭدىن ئوشۇق بالا بىلىم ئالىدۇ.

ئالماتا شەھىرىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپلەرنىڭ بىرى دوستلۇق شەھىرىدە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيىنى بۇ يىلى 53 بالا پۈتتۈردى. 12-ئىيۇندا مەزكۇر مەكتەپتە ئۆتكەن تەنتەنىلىك يىغىندا ئەنە شۇلارغا ئوتتۇرا بىلىم گۇۋاھنامىلىرى تاپشۇرۇلدى. ئۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلار، مەكتەپ مەمۇرىيىتى ۋە كوللېكتىپى، ئاتا-ئانىلار، زىيالىيلار قاتناشتى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان پېشقەدەم زىيالىيلار يېمېليان ھوشۇروف، زېرىپ مولوتوف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ھاكىمجان ئارۇپوف مەكتەپنى تاماملاۋاتقان قىز، يىگىتلەرنىڭ مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارلىق ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا ئوقۇشقا چۈشۈپ، ئۆز كەسىپلىرىنى ئىگىلەپ، مىللەت ئۈچۈن، قازاقىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغا ئىشەنچ بىلدۈردى. ئۇلار شۇنداقلا ئانا تىلىدا ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى، بۇنىڭدا ئۇستازلارنىڭ چوڭ تۆھپىسى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مەكتەپ ئۇچۇمكارلىرى ۋە مۇئەللىملەر كوللېكتىپىغا چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى. 

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان بىلىم مىنىستىرلىقىدا ئۇزۇن يىللار ئىشلىگەن پېشقەدەم زىيالىيلارنىڭ بىرى يېمېليان ھوشۇروفنىڭ پىكرىچە، مەزكۇر گىمنازىيەنىڭ پەقەت ئالماتا شەھىرى دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى جۇمھۇرىيەت مىقىياسىدىمۇ ئالدىنقى قاتارلىق ئۈلگىلىك مەكتەپلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى، ئۇنىڭ شۇنداقلا بۇ يىلى ئەتىيازدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەركىبىدىكى مەكتەپلەر قاتارىغا كىرىشى پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنى چوڭ خۇشاللىققا چۆمدۈرگەن. ئۇ ھەر يىلى پۈتكۈل قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تاماملاۋاتقان قىز،يىگىتلەردىن ھەر خىل كەسىپ ئېگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر خىل ساھەلەردە ئەمگەك قىلىپ، قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا چوڭ تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «53 ئۇچۇمكارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز مۇتەخەسسىسلىكىنىڭ كېلەچىكىنى ئويلاپ، شۇنىڭغا تەييارلىنىپ، چوڭقۇر بىلىم ئالغىنىنى ئۆزلىرىنىڭ سۆزىدىن، مۇئەللىملەرنىڭ سۆزىدىن، مېھمانلارنىڭ سۆزىدىن چۈشىنىۋاتىمىز. ئەگەر ھەر بىر ئانا تىلىدا بىلىم بېرىۋاتقان مەكتەپلەردە مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرساق، مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى ياخشى بولىدۇ، دەپ ئىشەنچلىك ئېيتالايمەن. بىز كېلەچەكنى ئويلىساق، بىز ياشلارغا چوڭقۇر بىلىم بېرىپ، ئادەمگەرچىلىككە، ئەمگەك سۆيۈشكە، ئىمانلىققا تەربىيىلىسەك، بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى يامان بولمايدۇ.» ي. ھوشۇروف باشقا مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۇچۇمكارلىرىنىڭمۇ كېلەچىكىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان يۇرت ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى زېرىپ مولوتوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىكى مىللىي مائارىپنىڭ گۈللىنىشىدە ھەم ئەنە شۇ ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مەكتەپنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەم راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەر ئاتاقلىق يازغۇچى مەسىمجان زۇلپىقاروف، مەرىپەتچىلەر تېلمان باراتوف، ھېنىپاخۇن باراتوفلار بولغان ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مائارىپقا سىڭدۈرگەن بىباھا ئەمگىكى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ز. مولوتوف بولۇپمۇ مەزكۇر 153-مەكتەپنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى نەتىجىگە يېتىشىدە مەرھۇم ھ. باراتوفنىڭ ھەم ئۇنىڭ شاگىرتى، بۈگۈنكى كۈندىكى مەكتەپنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروفنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ھازىرمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان بەزى ئەھۋاللارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ھازىرمۇ سەلبىي ئەھۋاللار بار، بالىلىرىمىزنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشقا ئايرىم ئاتا-ئانىلار سۇس قارايدۇ. مەن دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلار ھېچكىمدىن كەم ئەمەس بولۇپ، جەمئىيەتتە لايىق ئورنىنى تېپىپ كېلىۋاتقىنىغا گۇۋاھچىمەن. مەن ئاتا-ئانىلىرىمىزغا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر مەكتىپىگە بەرسە خاتالاشمايدىغانلىقىنى، باشقىلاردىن كەم بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگۈم كېلىدۇ.» 

مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان ئاتا-ئانىلاردىن بىرى گۈزەل ئوبۇلوۋا ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئىنتايىن مۇھىم، پۈتكۈل مىللەت تەقدىرىنى ھەل قىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «پەرزەنتلىرىمىز 11 يىل ئىلگىرى ئانا تىلىدا بىلىم بېرىدىغان دۇنياغا مەشھۇر ئۇيغۇر گىمنازىيىسىدە بىلىم ئېلىش مەقسىتىدە قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىدى. بۈگۈن بالىلىرىمىز مىللىي قەدرىيەتلىرىمىزنى ئۆز بوينىغا سىڭدۈرگەن بىلىم يۇرتىدىن ئۇچۇم بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز مۇشۇ يىگىت، قىزلىرىمىزغا ئاتا،ئانىلار نامىدىن ئاق يول تىلەيمىز. ئۇلارنى ئەل-ۋەتىنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەزىمەتلەردىن بولسۇن دەيمىز. ئۇستازلىرىمىزغا سۇنماس ئىرادە تىلەيمىز ھەم ئۇلارغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.» 

ئالماتادىكى سۇلايمان دېمىرەل نامىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى دىلنۇر قاسىموۋانىڭ تەكىتلىشىچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ زامان تەلىپىگە مۇۋاپىق كۆپ تىللىق بولۇپ چىقىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىنىشى دىققەت مەركىزىدە بولۇۋاتماقتا. ئۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بارلىق پەنلەرنىڭ ئانا تىلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەزى پەنلەرنىڭ قوشۇمچە قازاق، رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا يۈرگۈزۈلسىمۇ، ئانا تىلىغا بولغان دىققەتنىڭ كېمىيىپ كەتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئانا تىلىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. بىز شۇنىڭغا ناھايىتى خۇشال. ئۇيغۇرلار قازاقىستاندا كۆپ بولسىمۇ، ئارىلاش مىللەتلەر ئىچىدە ياشايدۇ. شۇ سەۋەبتىن تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش مۇھىم مەسىلە. تىلىمىزنى ساقلاپ قالساق، ئۇ ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. ئۇيغۇر مىللىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بالىلار ئومۇمەن قازاقىستان ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تەڭ بىر رىقابەتتە تۇرالايدۇ دېگەن گەپ.» 

د. قاسىموۋا بولۇپمۇ قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەركى بىلەن ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشىغا بارلىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئېلىش ئارقىلىق مىللىتىنىڭ تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى گىمنازىيەدە ئۆتكەن مەزكۇر پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ھەم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن چوڭ كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت