ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار: قوش تىل مائارىپى سىياسىتى ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-03-27
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
قوش تىللىق مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوسكىغا چىقىپ خەت يېزىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر، خوتەن.
قوش تىللىق مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوسكىغا چىقىپ خەت يېزىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر، خوتەن.
AFP

يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ «قوش تىل مائارىپى» نامىدا خىتاي تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپىدىن سىقىپ چىقىرىش» ھەتتا «ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» سىياسىتى دەپ تەنقىدلەنگەن ئىدى.

يېقىنىدا خىتاي تاراتقۇلىرىدا يەنە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن 2000 نەپەر مىللىي ئوقۇتقۇچىنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدە خىتاي تىلىدا تەربىيىلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىللىق مائارىپ قەدىمىنى تېزلىتىشتە ئۈنۈم ياراتقانلىقى مەدھىيىلەندى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» سىياسىتى نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي مائارىپ گېزىتىنىڭ يېقىنقى سانىدا، خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن بۇ يىلدىن باشلاپ كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە 2000 نەپەر مىللىي ئوقۇتقۇچىنى خىتاي تىلىدا تەربىيىلەپ بېرىدىغانلىقى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 6 يىلدىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى يەرلىك ۋە بىڭتۇەن ئۈچۈن تەربىيىلەپ بەرگەن قوش تىللىق مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 5000 دىن ئاشقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

رادىيومىز ئاقسۇغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن،يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ناھىيىلەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى» نامىدا بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا، ئەسلىدىكى مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىزىملىنىپ، خىتاي تىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

رادىيومىزغا «قوش تىللىق مائارىپ» يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەھۋالنى بايان قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى، نۆۋەتتە مەكتەپلەردە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش زىيادە تەكلىتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مەكتىپىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇتقۇچىلار كەلگەنلىكىنى ۋە ئەسلىدىكى مىللىي ئوقۇتقۇچىلاردىن 40 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرى ۋە ئۈرۈمچىگە خىتاي تىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە، نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «تەجرىبە سىنىپ» نامىدىكى سىنىپلار تەسىس قىلىنىپ، بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەبىئىي پەن دەرسلىرىنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈۋاتقانلىقى، ھازىر ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ بارغانچە ئازىيىپ، ھەتتا ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈش داۋاملىشىۋاتقان ئەدەبىيات دەرسىنىڭمۇ بارغانچە ئازايغانلىقى، ئىلگىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مەخسۇس 3 يىل ئوقۇتۇلىدىغان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى دەرسنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەدەبىيات دەرسى ئىچىگە كىرگۈزۈۋېتىلىشى ئوقۇغۇچىلارنى ئانا تىلى-ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەل ئىگىلەشتىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، يېقىنقى يىللاردا ئېلان قىلغان بىر تۈركۈم ماقالىلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان يەككە تىللىق مائارىپ ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل ئىلمىي ئاساسىي بولمىغان مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىدا زور چېكىنىش بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئانا تىل مائارىپنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇلغان مائارىپنىڭ يولغا قويۇلۇپ، ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇش قىزغىنلىقى بارغانچە تۆۋەنلەپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ خەلقئارا مائارىپ قانۇنىدىكى ئىلمىي ئاساسقا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سىياسىي مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغاچقا، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ۋەيران بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى مۇقەررەر تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت