ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.08.07
xitay-tili-maaripi-omumlashturush-hojjet.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش. 2017-يىلى 5-ئىيۇل.
Social Media

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا خوتەن ۋىلايىتىدە دۆلەت تىلى مائارىپى نامىدا مەكتەپلەردە خىتاي تىلى مائارىپىنى يولغا قويۇش ئۇقتۇرۇشى تارقالغان ئىدى. ئىچكىرىلەپ ئېنىقلاش داۋامىدا، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن بۇ يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ھەرقايسى ۋىلايەت‏، ئوبلاستلارغا تارقىتىلغانلىقى ۋە 1-سېنتەبىردىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يولغا قويۇش بەلگىلەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەر يولغا قويغان ئاتالمىش «دۆلەت تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش»بەلگىلىمىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان «مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى» غا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە قارىتىلغان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئاشكارا يولغا قويۇلۇشى.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بۇ يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» ناملىق ئۇقتۇرۇشنىڭ خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە تامغىلىق فوتو كوپىيىسى فېيسبوك، تۋىتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا كەڭ تارقىلىپ، مۇنازىرە قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 2017-يىللىق 10-نومۇرلۇق ھۆججىتى نامىدا ئېلان قىلىنغان «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» ناملىق ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ: «2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ، بارلىق دەرسلەر دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئارقىلىق ئۆتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكى قوشۇمچە ئۆتىلىدۇ» دېيىلگەن .

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەزكۇر بەلگىلىمىنى ئېلان قىلغانلىقى ئالاھىدە ئىزاھلىنىپ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2017-يىللىق 36-نومۇرلۇق ھۆججىتى يەنى ‹ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىرلەر› ۋە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىسپاتلاش ئاساسىدا، نازارىتىمىز بۇ بەلگىلىمىنى تۈزۈپ چىقتى» دېگەن بايانلار ئىشلىتىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلگىرى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»دا تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ۋە تۈركىي مىللەتلەر فولكلور تەتقىقاتچىسى مېھرىئاي مەمتىلى خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ھۆججەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مائارىپ، مەدەنىيىتىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى تىل، مائارىپ، مەدەنىيەت جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ يازما ھۆججەت شەكلىدە ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئانا تىل مائارىپىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قېلىپ، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسىگە يۈزلەنگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بايانىدا يەنە، دائىرىلەر ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مائارىپىنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئاپتونومىيىلىك قانۇن، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ھېسابلىغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان «مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى»گە قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ۋە رەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلگىرى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان مېھرىئاي مەمتىلى خانىم ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان مەزكۇر ھۆججەتنى تولۇق ئوقۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغان «ۋاقتىنچە شارائىتى ھازىرلانمىغان رايونلاردا، يەنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتا، تولۇقسىزنىڭ 1-يىللىقىدا ۋاقتىنچە ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مىللىي تىلدا دەرس بېرىلىدىغان مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇش» ھەققىدىكى ئىزاھاتىنىڭ دائىرىلەرنىڭ خىتايلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان شىماي ئۇيغۇر دىيارىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ نوپۇسنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مېھرىئاي مەمتىلى خانىم يەنە، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى مىللىي تىل-يېزىق مائارىپنى قوللىنىش بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر سىياسەتنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىش داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.