تۈرك دۇنياسى مائارىپشۇناسلىق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.12.07
abdureshit-qarluq.jpg ئەنقەرە يىلدىرىم بايازىت ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق «شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تىل سىياسىتى ۋە نەتىجىلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەرمەكتە. 2016-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

«ئەخمەت يەسېۋى يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە «خەلقئارالىق مائارىپشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» چاقىرىلدى.

22-دۆلەتتىن 480 مۇتەخەسسىس ئىشتىراك قىلغان يىغىندا ئەنقەرە يىلدىرىم بايازىت ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق «شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تىل سىياسىتى ۋە نەتىجىلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن.

تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى تارمىقىدىكى تۈركىيە مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن تۈركىيە خەلقئارا ياۋرو-ئاسىيا مائارىپچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئورتاق ئاچقان «خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مائارىپشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر يىغىنى»غا تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، كوسوۋا قاتارلىق 22 دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئىشتىراك قىلغان. ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەردىن ئابدۇرېشىت قارلۇق ئەپەندىنىڭ يىغىندا سۇنغان «شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تىل سىياسىتى ۋە نەتىجىلىرى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: «ئۇلۇغ تۈركىستاننىڭ شەرقى 1949- يىلىدىن تارتىپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى. 1955- يىلى پۈتۈنلەي خىتايغا قاراشلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئايلاندۇرۇلدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئوخشىمايدىغان مىللەتلەرنى خىتايغا خاس سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇشقا باشلىدى. خىتايدىكى ھۆكۈمران كۈچ بولغان خىتايلار، ئۆزلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇش، خىتاي مىللىتى بىلەن يېقىنلاشتۇرۇش، پۈتۈنلەشتۈرۈش، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىتىپ تۈگىتىش مەقسىتى بىلەن 1955-يىلىدىن باشلاپ بۇ ھەقتە تىل، كۈلتۈر ۋە مائارىپ سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. رايون خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان زىيالىيلارنى نەزەردە تۇتماستىن ئېلىنغان بۇ قارار باشلانغۇچتا خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقنى قاتتىق جازالاش ۋە باستۇرۇش نەتىجىسىدە مەزكۇر سىياسەت خەلق تەرىپىدىن پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ مەزگىلدە رايون خاراكتېرلىك تىللار مەھەللىي تىللارغا، مەھەللىي تىللار بولسا ئائىلە تىللىرىغا ئايلىنىپ قالدى. بەزى ئائىلە تىللىرى يوق بولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىدا خىتاي تىلى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. قەدىمىي تارىخقا ئىگە مۇكەممەل بىر يېزىق تىلى بولغان ئۇيغۇر يېزىق تىلى ۋە ئاخبارات تىلىمۇ ‹خىتاي تىلىنىڭ تەرجىمىسى› ھالىدىكى بىر تىلغا ئايلىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلالمىدى. ھەتتا بەزى رايونلاردا، ئۇيغۇرچە ئىشلىتىلىشتىن چۈشۈپ قېلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا.»

دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق يىغىندا بەرگەن دوكلاتىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 1949-يىلىدىن كېيىنكى تارىخى جەريانى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىل سىياسىتىنى ئاڭلاتقان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر سىياسەتنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قانداق نەتىجە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تىلشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىئىنەزىرىدىن شەرھلىگەن.

يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئىسمائىل قونجۇق ۋە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئانتالىيە ئاقدېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئوغۇزخان قارابۇرغۇ ۋە دوكتور ئابدۇللاھ كۆك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى يىغىننىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئانتالىيە شەھىرىدە ‹خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مائارىپشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› چاقىردۇق. تۈركىيە مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا مائارىپچىلار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان يىغىن ئىدى. 480 مۇتەخەسسىس مائارىپشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر توغرىسىدا 430 ئىلمىي دوكلاتنى ئوقۇپ ئۆتتى. تۈرك دۇنياسىغا پايدىلىق تەتقىقاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىدى. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ھەممە كىشى خۇرسەن بولغان بىر يىغىن بولدى، ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولدى. بىز تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا بۇ خىل پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بولسۇن، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى بولسۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن ھەل بولىدۇ. ھەل بولمىغان تەقدىردىمۇ بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ياشلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈنمۇ بولسا پايدىلىق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

ئانتالىيە ئاقدېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئوغۇزخان قارابۇرغۇ ئەپەندى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممە مۇتەخەسسىسلەر ئۆز ساھەسى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلاردىن سىرت نۇقتىلىق ھالدا تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى».

دوكتور ئابدۇللاھ كۆك ئەپەندى يىغىندا تىل توغرىسىدا قىممەتلىك كۆز قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:«بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى، ئوخشىمايدىغان 22 دۆلەتتىن تىلى ئوخشاش، دىنى، تىلى ۋە كۆڭلى بىر قېرىنداش مىللەتلەردىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىر جايغا جەم بولۇشىدۇر. بۇ مۇتەخەسسىسلەر 4 كۈن بويىچە تۈرك دۇنياسىنىڭ پۈتۈن مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە تۈركىي تىللىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بولدى.»

مەزكۇر يىغىن تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن بولۇپ، 4 كۈن داۋاملاشقان يىغىندا تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئەھۋالى، مائارىپتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردا دوكلات بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.