تۈركىيە ھۆكۈمىتى: ئوقۇش مۇكاپاتىغا يىلدا ئۈچ قېتىم ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.01.11
turkiye-oqush-mukapat.jpg https://www.turkiyeburslari.gov.tr تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2018-يىلى 11-يانۋار.
turkiyeburslari.gov.tr

تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن يىلدا ئۈچ قېتىم ئىلتىماسى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر ئىدارىنىڭ https://www.turkiyeburslari.gov.tr تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بەزى دۆلەتلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەۋسۇملىرىنىڭ بۇرۇن ئاخىرلىشىشىدەك ئەھۋال كۆزدە تۇتۇلۇپ، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ساقلاتماسلىق ئۈچۈن، ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى يىلدا ئۈچ قېتىمغا كۆپەيتىلگەن.

  1. قېتىملىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى 2017-يىلى 30-ئۆكتەبىردىن 30-نويابىرغىچە، ئىلتىماسلارنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى بولسا 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىكەن.
  2. قېتىملىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2018-يىلى 5-فېۋرالدىن 5-مارتقىچە بولۇپ، ئىلتىماس نەتىجىسى 15-ماي كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.
  3. قېتىملىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى، 2018-يىلى 16-ئاپرېلدىن 14-مايغىچە بولۇپ، ئىلتىماس نەتىجىسى 24-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.


يۇقىرىدىكىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بولۇپ، خىتاي پاسپورتلۇق ئۇيغۇرلارمۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ئىككىنچى قېتىملىق ئىلتىماس ۋاقتى بولۇپ، ئۇلار بۇ يىل 5 فېۋرالدىن 5-مارتقىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسى ئۈچۈن ئىلتىماس ۋاقتى 3-قېتىملىقى بولۇپ، 16-ئاپرېلدىن 14-مايغىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى نامزاتلار يۇقىرىدا دېيىلگەن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش باشلانغان ۋاقىتلاردا https://www.turkiyeburslari.gov.tr تورى بېتىدە تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ خىتاي تۈركىيەدە دىنىي ئىلىملەر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا پاسپورت بېرىشنىمۇ توختاتقان. ئۇلار بۇ يىل ئىلتىماس قىلالامدۇ؟ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان تۈركىيە تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل خادىملىرىدىن بىرى، ئۇيغۇرلار ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدىن پاسپورت ئېلىشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوختۇر ئەخمەتجان پولات ئەپەندى تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ 2012-يىلىدىن تارتىپ ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇ، يىلى 150 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، كېيىنكى يىللاردا بارغانسېرى ئازىيىپ ماڭغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

دوختۇر ئەخمەت پولات ئەپەندى ھازىر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسىتىدىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ تۈركىيەدە ئوقۇشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. دوختۇر ئەخمەت پولات ئەپەندى تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلەشسە يول كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ 1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ كېلىپ ئوقۇۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇش يولىنىڭ توسۇلماسلىقى ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك ؟دەپ سورىغىنىمىزدا، تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز قارىشىنى بىلدۈردى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار 2017-يىلىدا 163 دۆلەتتىن 107 مىڭ ئوقۇغۇچى نامزاتى ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، 8500 ئەتراپىدا نامزات ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 40 ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.