گۈمۈشخانە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى دەرس تېمىسىغا ئايلانغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.10.18
oqutquchi-qadir-sanjaq.jpg گۈمۈشخانە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى قادىر سانجار ئەپەندى ۋە ئىككى ئوقۇغۇچىسى.
RFA/Erkin Tarim

گۈمۈشخانە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەتشۇناسلىق ۋە ئىدارە باشقۇرۇش كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەرسىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئالاھىدە تېما قاتارىدا تاپشۇرۇق بېرىلىشكە باشلىغان.

يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى باشقا ساھەلەردىكىدەكلا تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىمۇ كۆڭۈل بۆلىنىدىغان بىر تېمىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ، بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سىياسەتشۇناسلىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەرسلىرىدە دۇنيادىكى باشقا چوڭ مەسىلىلەر قاتارىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي ئەھۋالى قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىتىدىغان بىر تېمىغا ئايلاندى. ئىگىلىشىمىزچە، بىر قىسىم تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەرنىڭ ئېيتقانلىرى ئەنە شۇلارنىڭ مىسالىدۇر.

ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە توختالدى.

ھاجەتتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بۇنداق ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە دەرسلەر، لېكسىيىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرى سۈپىتىدە مەخسۇس ئىزدىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەب-ئامىللار ھەققىدە توختالدى.

تۈركىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى گۈمۈشخانە ۋىلايىتىدىكى گۈمۈشخانە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى قادىر سانجاق ئەپەندىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەرسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان. دۇنيادىكى خەلقئارا مەسىلىلەر قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، گۈلشەن ئارىن قاچار بىلەن مەريەم ئەرتۈرك ئىسىملىك ئوقۇغۇچىلار بۇ تېمىدا تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئاڭلاتقان. 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدە ئاڭلىتىلغان بۇ لېكسىيە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتقان.

«گۈلشەن تاپشۇرۇق ماقالىڭىزدا نېمىلەرنى بايان قىلغان ئىدىڭىز، ئوقۇغۇچىلارغا نېمىلەرنى ئاڭلاتتىڭىز، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز دەرستە ساۋاقداشلىرىمىزغا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟ بۈگۈن كۈندە ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى ئىشلىتەلەمدۇ؟ بۇلار ھەققىدە قىسقىچە توختالدۇق.»

گۈلشەن ئارىن قاچار، ئۆزلىرى بەرگەن لېكسىيەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە بىز بەرگەن لېكسىيە بەرگەن ۋاقىت ئېشىپ كەتتى. پۈتۈن تېمىلارنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە تارىخى قاتارلىقلارنى ئاڭلاتتۇق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى بەكلا يۇقىرى ئىدى، ئەمما ۋاقىت تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىمىز رۇخسەت قىلمىدى».

گۈمۈشخانە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەتشۇناسلىق ۋە ئىدارە باشقۇرۇش كەسپى ئىككىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى گۈلشەن ئارىن قاچار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرى رابىيە قادىر خانىم، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايمىز. ئۇ ھازىر تۈركىيەگە كېلەلمەيدۇ، ئەمما قولىمىزدىن كېلەرمۇ بىلمەيمەن. ئەمما كېلەچەكتە ئۇنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشنى خالايمىز. تۈركىيە ھازىر رابىيە خانىمنى ئېلىپ كەلسەك ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەمما كېلەچەكتە بىز بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز.»

گۈمۈشخانە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەتشۇناسلىق ۋە ئىدارە باشقۇرۇش كەسپى ئىككىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەريەم ئەرتۈرك، گۈلشەن بىلەن بىرلىكتە لېكسىيە سۆزلىگەن ۋە گۈلشەننىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ تاپشۇرۇقنى ئىشلەش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ تايىنىدىغان نەرسىسى ئىنتېرنېت. بىز ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورناتتۇق. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا تۇرمۇش كۆچۈرۈپ باققان بولغاچقا بۈگۈنكى ۋەزىيىتى قانداق؟ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇملار نېمە؟ بىز بۇلارنى توپلىدۇق. شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن چوڭلارنىڭ ئاڭلاتقانلىرىنى يازدۇق. سىنىپتا بۇلارنى ئاڭلاتتۇق، ئوقۇتقۇچىمىزمۇ بىزنى ياقتۇردى. بىز ئاڭلاتقانلار بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغانلىرى پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دۇنياغا خاتا مەلۇمات بېرىۋاتقان ئوخشايدۇ».

مەريەم ئەرتۈرك خانىم تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كوچا خەۋەرلىرىگە ئىشەنمەسلىكى، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەر بىر ياش ئۆزى ئىزدەنمەستىن كوچىدىن ئاڭلىۋالغان نەرسىلەرگە ئىشەنمەسلىكى كېرەك. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز، بۇ مەسىلە مۇھىم بولغاچقا سوغۇق قان بولۇشىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىسى بولالمىغان كۆپ كىشى بار. شۇڭا بۇ ھەقتە نېمە قىلىش كېرەك دېگەن ۋاقتىمىزدا ئۆتكەن يىلى ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتۇق. بىز مەكتەپ رەھبەرلىرىمىزدىن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بىز ئوقۇغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھازىرچە قولىمىزدىن كېلىدىغانلار بۇلار، خۇدا بۇيرۇسا كېلەچەكتە بۇ ھەقتە تېخىمۇ زور ئىشلارنى قىلالايمىز».

ھازىر تۈركىيەدە 185 ئەتراپىدا ئۇنىۋېرسىتېت بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىدە كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى ۋە داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.