كەمسىتىلگەن كەسىپ ۋە «ئۇلۇغ» بېقىندىلىق (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.02.21
musapir-Uyghur-balilar.jpg تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى دەرسخانىدا.
RFA/Erkin Tarim

پات-پات غايىلىك، تىرىشچان، ئىستىقباللىق ئىنى-سىڭىللارنىڭ خەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالىمەن. ئۇلار كۆپىنچە نەدە ئوقۇش ۋە نېمە ئوقۇش ھەققىدە مەسلىھەت سورايدۇ. ئۇلارغا يارىغۇدەك مەسلىھەت بېرەلىسەم ئۇتۇق قازانغاندەك ھېس قىلىپ ھاياجانلىنىمەن.

تۈنۈگۈن تۈركىيەدىكى بىر ئىنىمىز ياردەم سوراپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا: «ھازىر تورلاردا، خۇتبىلەردە ۋە سۆھبەتلەردە بىز دۇچ كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەر ھەققىدە ھەمىشە بىر بىرىنى ئەيىبلەشلەر، شوئارلار، باھانىلەر كۆپ، لېكىن قۇتۇلۇش يوللىرى ھەققىدە بىرەر تىرىشچانلىق، ھەرىكەت ياكى ئەمەلىي پىلان يوق. مەن ئالدىنقى سەپتىمۇ، خەتەرلىك سەپەردىمۇ بولۇپ باقتىم. ئەمما ئەقىدىگە لايىق بىر ئەمەلگە، نەتىجىلىك ئېلىنغان بىر قەدەمگە شاھىت بولالمىدىم. مۇھاجىرلىرىمىز ئېتىقادلىق بولغان بىلەن بىلىمسىز، ئىقتىدارسىز بولغاچ ئىقتىسادتا خەقنىڭ قولىغا قاراشلىقكەن. ئۇلار بەرىكەتسىز ئىستانبۇلدا پۇلسىز، ئاچ-توق يۈرۈۋاتىدۇ. ھازىر مەن قانداق قىلىپ ئۈممەتنى قۇتقۇزارمەن، قانداق قىلىپ ئاللانىڭ رىزالىقىنى ئالارمەن، دەپ كاللام قاتتى، بىرەر پىلان تۈزۈپ بېرەرسىزمۇ؟»، دەپتۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇۋاتقان بىر سىڭلىمىزمۇ «ئۆگەنگەن ئىلمىگە ئەمەل قىلىپ، باشقىلارنى يېتەكلەپلا قالماي، باشقىلارنىڭ قولىغا قارايدىغان ‹تاماخور موللا› بولماسلىق» ئۈچۈن نېمىلەرنى بىلىش ۋە ئۆگىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە مەندىن مەسلىھەت سوراپتۇ.

مەسلىھەت بېرىشتىن بۇرۇن تۈركىيەدىكى ئىنىمىزنىڭ يېشىنى، ھۈنىرىنى، تەجرىبىسىنى سورىدىم. يا كەسپى، يا ھۈنىرى يوق، بىرەر ئورۇندا ئىشلىگەن تەجرىبىسىمۇ تېخىمۇ يوق ئىكەن. ئۇنىڭغا ياشلىقنىڭ بايلىق، ئەۋزەللىك، پۇرسەت ئىكەنلىكىنى دەپ ئۈمىدلەندۈردۈم. پىلانى ئەرەب تىلى ئۆگىنىش ئىكەن. سەۋەبى ئوقۇشنىڭ ھەقسىز بولغانلىقى بوپتۇ. ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان ئەللەردە دىندا ئوقۇش ھەقسىز. مەسىلەن، مەسلىھەت سوراپ ماڭا خەت يازغان ئەرەبىستاندىكى سىڭلىمىزنىڭ ئوقۇشى ھەقسىز. مىسىردىكى ئوقۇشقىمۇ ھەق تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئاڭلىشىمچە مىسىردا دىن ۋە ئەرەبچە ئۆگەنسە ھەق ئېلىنماي، باشقا كەسىپ ئۆگەنسە ھەق ئېلىنىدىكەن. قاھىرەدە بۇ ھەقتە بىر ئىنىمىز «ئاكا، بىز ئەرەبچە ۋە دىن ئۆگەتسەك ھەق ئالمايمىز، نېمىشقا ئىنگلىزچە، كومپيۇتېر ئۆگەتكەنگە ھەق ئالىدۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى. ئۇنىڭ سەمىمىي كۆزلىرىگە قاراپ قويۇپ سۈكۈت قىلغان ئىدىم. نېمە دەيمەن؟ «سەن ئۆگەتكەن ئەرەبچە دىن ئۈچۈن كېرەك، دىن روھ ئۈچۈن يۆلەك. ئەمما ياشاشقا پۇل كېتىدۇ ئۇكا، ئېتىقادتىن بۆلەك. پۇل تاپقىلى بولمايدىغان ئىلىمنى خەق پۇل بېرىپ ئۆگەنمەيدۇ!» دەيمەنمۇ؟

تۈركىيەدىكى ئىنىمىزنى دىندا ئوقۇش بىلەن بىر كەسىپنىمۇ قوشۇپ ئوقۇشقا قايىل قىلالماي، «-سىزنىڭ زاكات يەيدىغان مۇسۇلمان بولغۇڭىز بارمۇ ياكى زاكات بېرىدىغانمۇ؟» - دەپ سورىدىم. ئەلۋەتتە، زاكات بېرىدىغان مۇسۇلمان بولغۇسى بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىر مەزگىل ئەتىگەن ئاخشاملىرى نەدە بولمىسۇن ئىشلەپ پۇل تېپىپ بىرەر كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلدىم. ئەرەبچىنى بولسا ئاۋۋال توكچىلىق، تۇرۇبىچىلىق، سۇچىلىق، سىرچىلىق، رېمونتچىلىق دېگەندەك ھۈنەردىن بىرنى ئۆگىنىپ، ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇۋېلىپ، تۇرمۇشنى خاتىرجەم قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆگىنىش تەكلىپىنى بەردىم.

ئەلۋەتتە، قاھىرەدە ئىلاھىيەتتە ئوقۇۋاتقان بىر ئىنىمىزگە، ئۈرۈمچىدە شېئىرىيەتنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر سىڭلىمىزغا مەنىۋى بىلىمدىن سىرت بىر ئەمەلىي ھۈنەر ئۆگىنىش مەسلىھەتى تازا يېقىملىق ئاڭلانمايدۇ. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، مەدرىسىلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىۋاتقان پەيتتىكى تۇيغۇ بىلەن تەر تۆكۈپ، مايغا بۇلغىنىپ، ھۈنەر ئۆگەنگەندىكى ھېسسىيات ئوخشىمايدۇ. خالىسا ئولتۇرۇپ، خالىسا قىڭغىيىپ كىتاب ئوقۇۋاتقان، ساۋاق يادىلاۋاتقاندىكى كەيپىيات بىلەن ئۇستامنىڭ تەلەتىگە قاراپ، ئىشنى بۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ مەشغۇلات قىلىۋاتقان چاغدىكى روھىي ھالەت ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدۇ.

بۇ تۇيغۇلار ئوقۇۋاتقان بالا، ئوقۇتۇۋاتقان ئاتا، ئوقۇتۇشقا مەسئۇل ئۇستاز ئۈچۈنمۇ ئورتاق. ئەمما بۇ تۇيغۇلارنى سېلىشتۇرغىنىمىزدا سوغۇققانلىق بىلەن يۈرەكنى تىڭشاپ، ئۆزىمىزنى دەڭسەپ بېقىشىمىز، قوغلىشىۋاتقىنىمىزنىڭ ئەمەلىي نەتىجىمۇ ياكى خىيالىي تۇيغۇمۇ بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

ئەگەر بىرەر كەسىپ ئۆگىنىشنى تۆۋەن كۆرۈپ بىرەر مۇنبەرگە چىقىشنى چوڭ بىلىۋاتقان بولساق قوغلىشىۋاتقىنىمىزنىڭ ئەمەلىي نەتىجە ئەمەس، خىيالى تۇيغۇ ۋە ئىناۋەت ئىكەنلىكى سىر ئەمەس. ئەگەر بىز ئۆمۈرلۈك پائالىيەت بولغان ئىلىم ئۆگىنىشنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى بولغان كەسىپ ئىگىلەشتىن ئۈستۈن قويۇۋالغان، ياكى ئىككىسىنى زىتلەشتۈرۈۋالغان بولساق خاتالىشىۋاتقان بولىمىز. چۈنكى بۇنداق پىكىرگە تەسىر قىلىۋاتقان ئامىل بىزنىڭ ئىلىم ۋە كەسىپكە بولغان نامۇۋاپىق پوزىتسىيەمىزدۇر.

ئارىمىزدىكى كەسىپ ۋە ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان بۇنداق نامۇۋاپىق تونۇش ۋە پوزىتسىيەنى بىز چەتئەللەردە تەجرىبە قىلىپ باقمىغان، كىتابتىن ئۆگىنىۋالمىغان ياكى ئەجدادىمىزدىن قوبۇل قىلمىغان، بۇ بىزگە ياشىغان جەمئىيەتتىن، شۇ جەمئىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرغان تۈزۈمدىن يۇققان. رېئاللىققا كادىرنى ئەزىز، دېھقاننى خار قىلغان، ئىشچىنى تۆۋەن، باشلىقنى ئۈستۈن كۆرۈۋاتقان، كاسىپنى يوقسۇل، مەمۇرنى باي قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈم بىزنى شۇ تونۇشقا كەلتۈرگەن. نەتىجىدە بىزنى ئىلىم ئىگىلەشنى كەسىپ ئىگىلەشتىن، ئۆلىمالىقنى كەسىپلىقتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ياكى بىر بىرىگە زىت دەپ چۈشىنىدىغان قىلىپ قويغان.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.