قازاقىستانلىق ئاتاقلىق زىيالىي رابىك ئىسمايىلوف: مائارىپ-مىللەتنىڭ كۆزى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.09.04
Qelemkeshler-rabik-ismail-305.jpg رابىك ئىسمائىل ئەپەندى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر رەئىسى قەيسەر بىلەن ۋېنگرىيە قەلەمكەشلەر رەئىسى يۇنۇس ئەپەندىلەرگە تون ۋە دوپپا كىيدۈردى. 2011-يىلى 23-فېۋرال.
RFA/Errem

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مائارىپىنى ھەدەپ خىتايچىلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىش قەدىمىنى تېزلەتكەن پىر پەيتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئانا تىل مائارىپىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

بۇ ھەقتە توختالغان قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى رابىك ئىسمايىلوف «مائارىپ مىللەتنىڭ كۆزى» دەپ كۆرسەتتى ۋە مائارىپنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاشتا ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ تەقدىرى ھەم ئۇنىڭ كېلەچىكى مائارىپ بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. چۈنكى مائارىپسىز خەلقنىڭ باشقا ساھەلەردىمۇ بىرەر ئۇتۇققا يېتىشى، خەلق سۈپىتىدە ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى، ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھەم ئەسىرلەر بويى كېلىۋاتقان بارلىق مىللەتلەرگە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خاس بىر ئالاھىدىلىك ھەم قانۇندۇر.

ئۇزۇن تارىخقا ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭغا چوڭ ئېتىبار بېرىپ كەلگەن. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ يۆنىلىشتە بىر قاتار ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، مىللىي مەكتەپلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا زور كۈچ چىقارماقتا.

پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىقياسىدا كەڭ تونۇلغان ئالىم، پېداگوگ ۋە ژۇرنالىست، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتى مابەينىدە مۇشۇ ساھەدە ئاكتىپ پائالىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زىيالىيدۇر. ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.