ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تۈرك تىلى يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.04.18
Prof-dr-alimjan-inayet.jpg تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالماقتا. 2017-يىلى 17-ئاپرېل، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

4-ئاينىڭ 17-18-كۈنلىرى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى گازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا «2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا كۆپلىگەن تېمىلار قاتارىدا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشتىكى بەزى مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىنغا ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان رۇسىيە فېدېتاتسىيەسى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن 100 ئەتراپىدا ئىلمىي خادىم ئىشتىراك قىلدى. ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن تۈركىيە ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن قىرغىزىستان ئېتنىك كۈلتۈر تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور سەيپۇللا ئابدۇللايېف قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى ھەم ئۇيغۇر تىل ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

پروفېسسور دوكتور سەيپۇللا ئابدۇللايېف ئەپەندى «ئانا تىل سۈپىتىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشتىكى مەسىلىلەر» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشتە دەرسلىك كىتابلارنىڭ يوقلۇقىدەك قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت «تاتار شائىرى ئابدۇللا توقاينىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى» ماۋزۇسىدا ئىلمىي دوكلاتى بەرگەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر دوكلاتىدا 1883-يىلى تۇغۇلۇپ، 1913-يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر تاتار شائىرى ئابدۇللا توقاينىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ شېئىرىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە كۆرسەتكەن بەزى تەسىرلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالدى.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يەنە ياش ئەۋلادلارغا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى، ئۇيغۇر ياش- ئۆسمۈرلەرگە ئانا تىلىنى ئۆگىتىشتىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يەنە «2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئوقۇ-ئوقۇتۇشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان كەڭ دائىرىلىك بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

«2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئاساسلىق مۇھاكىمە قىلىدىغان تېما تۈرك تىل ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيەدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش تېمىسىنى ئاساس قىلغان. بۇ ھەقتە ھەرقايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئىلمىي خادىملار تەتقىقات دوكلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەندىن سىرت، تۈركىي تىللارنى ئۆز خەلقىگە ئۆگىتىشتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ توختالغان.

ئەنقەرە گازى ئۇنىۋېرسىتېتى پېداگوگىكا فاكۇلتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان بۇ يىغىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ بۇ يىلقىسى تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق ئەدەبىياتشۇناس ۋە تارىخچىسى فۇئات كۆپرۈلۈنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 51 يىللىقىغا بېغىشلانغان. فۇئات كۆپرۈللۈ 1890 يىلىدا ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1966-يىلىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ، ھاياتى بويىچە 1500 ئەتراپىدا كىتاب ۋە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ھازىرمۇ تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كىتابلىرى ئوقۇتۇلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.