د ئۇ ق ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشىگە قارشى خەلقئارالىق ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.09.04
uyghur-tili-imza-toplash.jpg قەلەمكەشلەر جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن در. دولقۇن قەمبىرى(سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2017-يىلى 29-ئاۋغۇست، شىۋېتسىيە.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق خەلقئارادىكى 100 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئىمزا قويۇش سەپەرۋەر قىلىش پائالىيىتىنى باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش سىياسىتى ئالدىنقى ئايدا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى، سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا كۈچلۈك دىققىتى قوزغالغان ئىدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدىنقى ھەپتە ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن جىددىي ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشە ھەم نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ھەمدە د ئۇ ق نامىدىن دەرھال سەپەرۋەرلىك قوزغاپ، خەلقئارادىكى 100 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئورتاق ئىمزا قويغان بىر نارازىلىق باياناتىنى ب د ت ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىغا يوللاپ، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى ئۈنۈملۈك بىر قارار ماقۇللاشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان.

بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ ئاشكارا ھالدا يولغا قويۇۋاتقان تېخىمۇ ئەشەددىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى بۇ سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت توغرىسىدا ئۆز چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئالدىنقى ھەپتە، شىۋېتسىيەنىڭ مالمۆ شەھىرىدە چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، شىۋېت قەلەمكەشلەر جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن در. دولقۇن قەمبىرى ئەپەندىمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ 1949-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر كۆپ قېتىم يېزىق ئۆزگەرتىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور توسالغۇلار پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدى.

28-31 ئاۋغۇست كۈنلىرى ئېچىلغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇ قېتىمقى يىغىنىدا سۆزگە چىققان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كەلگەن تۈرلۈك زۇلۇم سىياسەتلىرىنى پاش قىلىش بىلەن بىرگە، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ چەكلىنىدىغانلىق مەسىلىسى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختىلىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتقان.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ ئىمزا پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، بۇ ھەرىكەتنىڭ خەلقئارادا تەسىر قوزغايدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 100 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئورتاق ئىمزا قويغان نارازىلىق باياناتىنى ب د ت ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىغا يوللاپ قارار ئالدۇرۇش پائالىيىتىنى داۋام قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇ ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا د ئۇ ق نامىدىن يەنە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

نۆۋەتتە، د ئۇ ق ئالدىمىزدىكى 2 ئاي ئىچىدە 4 چوڭ پائالىيەتكە ھازىرلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى، شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدە 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى، ئىككىنچىسى، ب د ت 11-سېنتەبىردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەپتە داۋاملىشىدىغان پائالىيەتلەر، ئۈچىنچىسى، ياۋروپا پارلامېنتىدا 10-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىن، تۆتىنچىسى، 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خىزمەتلەرنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنىڭ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى 4 چوڭ پائالىيەتتىن سىرت، د ئۇ ق نىڭ بۇ يىل ئاخىرىغىچە ياۋروپا ئەللىرىدە يەنە كۆپلىگەن خەلقئارالىق يىغىلىشلىرى داۋام قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.