ئاتا-ئانىسى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن بالىلار دارىلتاملارغا ئاپىرىپ بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.10.12
mehelle-oynap-yurgen-bala.jpg كوچىدا ئويناپ يۈرگەن قاراقسىز ئۇيغۇر بالىسى. 2013-يىلى 8-نويابىر، قەشقەر.
AFP

ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنىپ قاماپ قويۇلغانلارنىڭ بارلىقى مەلۇم بولماقتا.

«تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئايلاپ قويۇپ بېرىلمەيۋاتقان ئەھۋالدا قارانچۇقسىز ۋە ھىمايىسىز قالغان بالىلارنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىمىز جەريانىدا، قارانچۇقسىز قالغان بۇ بالىلارنىڭ نۆۋەتتە مەھەللە كومىتېتلىرى تەرىپىدىن جايلاردىكى يېتىم-يېسىرلار پاراۋانلىق ئورنىغا، يەنى دارلتاملارغا ئاپىرىپ بېرىلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى. ئاشكارىلىنىشىچە، يېتىم قېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار دارلتاملارغا سىغماي قالغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئاشكارىلىنىشىچە، «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە كىرگەنلەرنىڭ بەزىلىرى بىر قانچە ھەپتە تەربىيەلىنىپ چىقىرىۋېتىلگەن بولسا، بەزى جايلاردا تۇتۇپ كېتىلىپ 6 ئايغىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلەرنىڭمۇ بارلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا. يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، ئۆزىنىڭ يۇرتتىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىدىن تارتىپ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن «تەربىيەلەش» كە يىغىۋېلىنغان قوۋمى-قېرىنداشلىرىنىڭ ئىگە-چاقىسىز قالغان نارەسىدە بالىلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ بالىلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.

بۇ ئىنكاسلارغا ئاساسەن بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن ئاتا ئانىسى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكتىن يالغۇز قېلىۋاتقان بالىلارنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.

بىز ئاۋۋال پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونغا جاۋاب بەرگەن ئۇيغۇر ساقچى: «ئاتا-ئانىسى تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلىپ ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلارنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى باقىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقىنى بولمىسا كەنت كومىتېتلىرى مەسئۇل بولىدۇ،» دېدى.

پەيزىۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى بىلەن ئالاقە باغلىغان بولساقمۇ، تېلېفوننى ئالغان خادىم، بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، «بۇنداق گەپ سورىماڭ» دەپ قوپاللىق بىلەن تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

قەشقەر چاسا كوچا مەھەللە كومىتېتىغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلاندى. مەھەللە كومىتېتى خادىمىنىڭ جاۋابلىرىدىن، نۆۋەتتە ئاتا-ئانىسى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكتىن ئىگە چاقىسىز قېلىۋاتقان بالىلارنىڭ دارىلتامغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى دەلىللەندى. بۇ خادىم سوئالىمىزغا جاۋابەن: «ئۇلارنى پاراۋانلىقتىن باقىدۇ، ئۇنداق بالىلارغا ھۆكۈمەت مەسئۇل بولمىسا، بۆلەك ئادەم مەسئۇل بولالمايدۇ، شۇ،» دېگەندىن باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە باشقا جايلاردىنمۇ ئىز قوغلاپ سۈرۈشتە قىلدۇق. كۇچادىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە قىلغان تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر ئوقۇتقۇچى ئاتا-ئانىسى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلىپ ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلار، ئەگەر مەكتەپتە بولسا ئۇلارغا ھازىرچە مەكتەپ مەسئۇل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون ئۇلاندى. خىتاي خادىم، بۇ مەسىلىگە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مەسئۇل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «بۇ ھەقتە سېنى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتەلمەيمەن،» دېگىنىچە تېلېفوننى ئۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېتىم-يېسىرلار پاراۋانلىق مەركىزىگە تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئىشخانىدىن تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم، «بۇنداق مەسىلىلەرنى بىلگەن تەقدىردىمۇ سورىغانلا ئادەمگە دەپ بەرمەيمەن» دەپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

بىز بۇ ھەقتە قەشقەردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار نوپۇسى بىر قەدەر زىچ بولغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى باشقا جايلاردىنمۇ ئىز قوغلاپ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.

جەنۇبتىكى بىر ۋىلايەتلىك دارىلتامنىڭ بىر ئۇيغۇر خىزمەتچىسىدىن بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.

بۇ قىزنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، يېقىندىن بۇيان بۇ دارىلتامغا نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلار كەلگەن، چوڭلىرىنىڭ يېشى 12 ياشلاردا بولسا، كىچىكلىرى ھەتتا 6 ئايلىق بالىلارمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئاساسەن «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئىكەن.

ئۇ، بۇرۇن بىر قەدەر بوش بولغان شىمالدىكى غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىكى دارىلتاملارنىڭمۇ ئىگە-چاقىسىز بالىلارنى سىغدۇرالمىغانلىقىدەك ئەھۋاللاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دارىلتامدىكى بۇ خادىم يەنە ئۆزى ئىشلەۋاتقان بۇ دارىلتامنىڭ شارائىتلىرىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىدىن شىكايەت قىلىپ، «بالىلارنىڭ جىقلىقىدىن ئۇلارنى كالىلارنى ئېغىلغا سولاپ باققاندەكلا بېقىۋاتىدۇ،» دېدى. ئۇ گەرچە دارىلتاملارغا كېلىدىغان ئىئانە ۋە ياردەم پۇللىرى كۆپ بولسىمۇ، تەكشۈرۈشكە كەلگەنلەرگە پەقەت بىرەر ئىككى ئېغىز ياتاقنى چىرايلىق ياساپ، بىر نەچچە بالىنى چىرايلىق كىيدۈرۈپ قويغان بىلەن، دارىلتامغا بېرىلگەن پۇللارنىڭ بالىلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلمەيۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بالىلارنى تاماقتىنمۇ قىسىپ بىر ھەپتىدە پەقەت بىر كۈن گۆشلۈك تاماق بەرسە، قالغان 6 كۈندە بالىلارنى پەقەت قۇرۇق شوۋىگۈرۈچ بىلەن بېقىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قىزدىن دارىلتامدىكى بالىلار قايسى مىللەتتىن بولۇشىغا قارىماي ھەر قانداق ئادەم كېلىپ بېقىۋالسا بولۇۋېرەمدۇ؟ دەپ سورىدۇق.

-ھە شۇنداق بولۇۋېرىدۇ. بېقىۋالىمەنلا دېگەن ئىكەن، خەنزۇ بېقىۋالامدۇ، ئۇيغۇر بېقىۋالامدۇ ئوخشاش بېرىدۇ.

-ئۇنداقتا، قەشقەر، ئۈرۈمچى دارلتاملىرىمۇ توشۇپ كەتسە، بالىلارنى نەگە يۆتكەش مۇمكىن؟

-دارلتاملار ھۆكۈمەت تارمىقىدا بولغاچقا، ئىچكىرىگە يۆتكەيدۇ، مەجبۇرىي مائارىپ، بىكارلىق ئوقۇتىدىغاننى باھانە قىلىپ ئىچكىرىگە يۆتكەيدۇ. ئەمما قايسى شەھەرلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ.

-ھازىرقى شارائىتتا بىرەرى بالىسىنى ئىزدەپ دارىلتامدىن سۈرۈشتە قىلىشىغا مۇمكىن بولامدۇ؟

-ياق، ھازىرقى شارائىتتا بۇ يەرگە كېلىپ سۈرۈشتە قىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ھازىر دارىلتامغا قۇچقاچمۇ كىرىپ چىقالمايدىغان قىلىۋەتتى. ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلماڭ، قارشى تەرەپ بالاغا قالىدۇ. بىرىدىن بىرى چېتىلىپ جىق ئادەم بالاغا قالىدۇ، دەڭە. . . خوش ئاللاغا ئامانەت.

چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان، يۇرتى بىلەن ئالاقىسى تامامەن ئۈزۈۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە ئايدىن بۇيان يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلىرىدىن خەۋەر ئالالماي، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.