ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى : «يېڭى دەرسلىك بالىلارنىڭ تەپەككۈرىگە تەسىر قىلماقتا»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.04.21
uyghur-yeza-namrat-mektep-2.jpg ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى نامرات مەكتەپ.
weibo.com

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، قەدەممۇ-قەدەم ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسىنىلا ئۇيغۇرچە ئۆتكەندىن باشقا، بارلىق پەنلەر خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئۇنىڭ بىلەنلا قالماي يېقىندا يەنە، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى ئۆزگەرتىپ تۈزۈپ تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ مەسىلە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئۇنداقتا، يېڭى ئۆزگەرتىپ تۈزۈلگەن دەرسلىك، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە، بۇرۇنقىغا قارىغاندا قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟ بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ماسلىشالىدىمۇ يوق؟ بۇ ھەقتە خوتەندە 20 يىلغا يېقىن باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا دەرسى ئۆتۈپ كېلىۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھېس قىلغانلىرى ۋە باھاسىنى ئاڭلايسىلەر.


ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىللىق مائارىپ بويىچە، بارلىق باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پەقەت ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت يېگانە بىرلا دەرسلىك ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلمەكتە. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ نازارىتى، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى مەركىزى، پەنلەر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تۈزۈپ چىققان.

دائىرىلەر ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەن بۇ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابى بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىلىم يەتكۈزۈش ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپتىن بىلىم ئېلىشىغا ماس ھالدا تۈزۈلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئەمەلىيەتتە دائىرىلەر كونا دەرسلىكتىكى ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا خىتاي كلاسسىكلىرى ۋە خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ كىرگۈزگەن. بۇ، ئۇيغۇر زىيالىيلاردا نارازىلىق قوزغىغان شۇنداقلا ئۈندىدار تورىدا 12-مارت ئېلان قىلىنغان «بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەلەپ قىلىمىز» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە «ھازىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر كۈندە ئاران بىر سائەتلا ئانا تىل دەرسىدىن ساۋات ئالىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ھازىرقى زاماندا تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى چىقىرىۋېتىلسە،ئەسلىدىلا ئىنتايىن ئاز بولغان ئانا تىلى ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى نەمۇنىلەر ئازايتىۋېتىلسە 50 يىلدىن كېيىن، 100 يىلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟» دەپ مۇراجىئەت قىلىنغان ئىدى.
بىز يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئەدەبىيات دەرسلىكىنى ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىدىن پىكىر ئېلىشقا تىرىشتۇق، ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ دېگەن سوئال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. خوتەندىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۆزگەرتىلگەن دەرسلىكلەرنىڭ ئۆتىلىشى ۋە ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلىشىشىگە قارىتا تەسىراتىنى بايان قىلىپ: «ئۆزگەرتىلگەن يېڭى دەرسلىك ئوقۇغۇچىلارغىلا ئەمەس بىز ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ تەس كېلىۋاتىدۇ» دەپ باھا بەردى.

بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ بالىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان، ئۈستىگە «ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى دەرسلىكى» دەپ يېزىپ قويۇلغان ئۆزگەرتىلگەن يېڭى دەرسلىكىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىغا تەۋە مەزمۇنلارنىڭ سالمىقى 30% نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇرۇنقىدىن كۆرۈنەرلىك ئازلىتىۋېتىلگەن، ئورنىغا ئاساسەن خىتاي ۋە چەتئەللەرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ تەرجىمىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇ دەرسلىكلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغان مەلۇم يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار چۈشەنمەي يادلاشقا، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆزگەرگەن دەرسلىكنى بالىلارغا مۇكەممەل چۈشەندۈرۈپ ئۇقتۇرۇشتا لۇغەت كۆرۈشكە مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

بۇ ئوقۇتقۇچى بەش-ئالتە يىل بۇرۇن ئىككىنچى يىللىقنى تۈگىتىش ئالدىدا بالىلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر قانچە جۈملىنى مۇستەقىل تۈزەلەيدىغان ھالەتكە كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى بالىلارنىڭ بولسا راۋان جۈملىلەرنىمۇ تۈزەلمەيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ قوش تىل ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى يەنە ئۆز ئانا تىلىدا جۈملىمۇ تۈزەلمەيۋاتقان بىر قىسىم بالىلارنىڭ باشقا دەرسلەرنى قوبۇل قىلىشىنىڭمۇ ئوخشاشلا توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقىغا مىسال ئېلىپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئۆزى ئوقۇتۇۋاتقان ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتايچە ئۆتىلىۋاتقان ماتېماتىكا دەرسىنى تەھلىل قىلىپ چۈشىنىشى تېخىمۇ تەس كېلىۋاتقانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك مىساللارنى چۈشىنىپ يېشەلمەيدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ خىل ھالەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ «بالىلارنىڭ كاللىسى ئېچىلمايۋاتىدۇ...» دېدى.

بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، قوش تىل مائارىپ سىياسىتىدىكى نامۇۋاپىق ئوقۇتۇش تەدبىرلىرى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، بىر قىسىم مەكتەپلەردە بالىلارنى خىتايچە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا قاراپ، «قوش تىل» ۋە «بىر تىللىق» دەپ ئىككى خىل سىنىپقا ئايرىپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا باشلىغان. ئەمما بۇ مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ھازىرقى بالىلارغا قارىغاندا بەش ئالتە يىل بۇرۇن يەنى پەقەتلا خىتايچە ئوقۇتۇش قاتتىق تەلەپ قىلىنغان مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.