بەزى ئائىلىلەر خىتاينىڭ 12 يىللىق مەجبۇرى مائارىپقا ئەمەل قىلمىغان ئاتا-ئانىلارنى جازالاش چارىسىنى توغرا تاپمىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.10.17
qosh-til-doska قوش تىللىق مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوسكىغا چىقىپ خەت يېزىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر، خوتەن.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 12 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈمىگە ئەمەل قىلمىغان ئاتا-ئانىلارنى جازالاش چارىسى 1‏-نويابىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

مەزكۇر چارىدە كۆرسىتىلىشىچە، قورقۇتۇش، ئالداش ياكى دىنىي سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ھەرقانداق كىشى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن. ئەمما بەلگىلىمىدە، مەزكۇر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق جازالىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

بۇ، چارە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا ئېلان قىلغان مەزكۇر رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاقىدار بىر قاتار بەلگىلىمىلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، دائىرىلەر 12‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان مەزكۇر بەلگىلىمىلەردە، ئاتا-ئانا ياكى پەرزەنت ھامىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي پائالىيەتكە تەشكىللىشى، دەۋەت قىلىشى ۋە مەجبۇرلىشى قاتتىق چەكلەنگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەرگە تېلېفون قىلىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. بەزى ئاتا-ئانىلار 12 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى قوللىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان ئاتا-ئانىلارنى جازالاشنى توغرا تاپمىدى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر ناھىيىدە ئولتۇرۇشلۇق دەم ئېلىشقا چىققان بىر ئوقۇتقۇچى ئايال، پەرزەنتلىرىنى چىقىرىۋالغان ئاتا-ئانىلارغا جازالاشنى ئەمەس، تەربىيەنى ئاساس قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى: «12 يىل ئوقۇغىنى مۇۋاپىقمىكىن دېدىم. ئەمدى ھازىر ماۋۇ قوش تىلنى يولغا قويغاندىن كېيىن، شۇنىڭغا پۇختىراق بولسۇنمىكىن، دەيمەن».

مۇخبىر: لېكىن يېڭى بەلگىلىمىدە پەرزەنتلىرىنى 11‏-12-سىنىپ ۋاقتىدا چىقىرىۋالغان ئاتا-ئانىلار جازالىنىدۇ. بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز؟ مەكتەپتىن چىقىرىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنى جازالاشنى توغرا،دەپ قارامسىز ياكى بۇ بىر ئاز ئېشىپ كەتتى، دەپ قارامسىز؟ سىز قانداق ئويلايسىز؟

پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى: «دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن ئالغاندا ئاشۇ (12 يىل) ئوقۇتۇشنى مۇۋاپىق، دەپ قارايمەن. ئوتتۇرىدا چىقىرىۋالسا بىلىم ئىگىلەشكە تەسىر يېتەمدىكىن، دەپ ئويلىدىم».

مۇخبىر: ئەمما ئاتا-ئانىلارنى (پەرزەنتلىرىنى) مەكتەپتىن چىقىرىۋالغانلىقى ئۈچۈن جازالايدىغان بۇ تەدبىرنى سىز ئادىل بىر تەدبىر، دەپ قارامسىز؟

پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى: «مېنىڭچە بولغاندا (بالىسىنى چىقىرىۋالغان ئۇ ئادەم) ئاڭ سەۋىيىسى تۆۋەن ئادەم بولغاچقا ئۇنىڭغا بالىسى داۋاملىق ئوقۇتۇشقا ھەققىدە تەربىيە بېرىش كېرەك. ھازىر ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئوقۇتۇشقا تەربىيە بەرسە مۇۋاپىق بولامدىكىن، دەيمەن. ئەمما بۇنىڭدا يەنە نۇرغۇن ئىچكى سىياسەتنى بەك ئوقۇپ چۈشىنىپ كېتەلمەپتىمەن. شۇڭا، ئاشۇنچىلىك ئويلاپ تۇردۇم. بىز بىر ئائىلە، ھازىر پېنسىيەگە چىققان بولغاچقا، ماۋۇ سىياسەتنى مەن قايتا-قايتا ئوقۇپ چۈشۈنەي، دەۋاتىمەن.»

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى باشقا بىر ناھىيىدە ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر دەم ئېلىشقا چىققان كادىر، مەزكۇر بەلگىلىمىگە باھا بېرىپ، «بالىلارنى چىقىرىۋالدى، دەپ ئاتا-ئانىلارنى جازالىسا بولماسمىكىن، دەپ قارايمەن» دېدى.

بۇ ئۇيغۇر كادىر مۇنداق دېدى: «6 بالام بار، 6 بالامنىڭ 5 ئى ئورۇنلىشىغلىق، 5 نى ئوقۇتقان. ھازىر نەۋرىدىن بىرى تيەنجىندە ئوقۇيدۇ. بىرى سانجىدا، بىرى بۇ يىل ئىمتىھان بېرىۋېدى، نومۇرى سەل نېمىراق چىقىپ قېلىپ، 9 دا ئوقۇتىمىز، بالىنى ھەرگىز ئۇنداق ئېلىپ قايمايمىز. ھازىر 7 نەۋرەم بار.»

مۇخبىر: ھازىر ئەمدى نېمە ئۈچۈن بالىلىرىنى 12 يىل ئوقۇتماي چىقىرىۋالغان ئاتا-ئانىلار جازالىنىدۇ؟ دەيدىغان پىكىرلەر بار. سىز قانداق قارايسىز بۇ پىكىرلەرگە؟

ئۇيغۇر كادىر: «بالىلارنى 12 يىل ئوقۇتۇپ، ئالىي مەكتەپكە چىقىرىش ھۆكۈمەتنىڭ شۇ سىياسىتى توغرا.بالىنى ئوقۇتمىسا، ھازىر شۇنداق چۈشۈپ قالغان نۇرغۇن بالىلار ئىشسىز قېلىپ، (ئۇلارغا) ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئىشلىرىنى بەرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمەتنىڭ چىقارغان 12 يىللىق مائارىپ قارارى توغرا».

مۇخبىر: لېكىن بۇ يەردە (ئاتا-ئانىلارنى) جازالايدىغان بىر نەرسە بار، جازالاشقا قېتىلامسىز سىز؟

ئۇيغۇر كادىر: «ئەمدى ھازىر بالىلارنى ئوقۇتساق بولاتتى، دەپ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ناھايىتى كەڭرى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارغا ھازىر ئادەتتىكى مۇشۇ يېزىدىكى مەكتەپلەرگە تاماقتىن تارتىپ ئوبدان تۇتۇپ، ئوقۇتۇپ تۇرىدۇ بالىلارنى. بالىلارنى ياتاقتا بولسا 3 ۋاق تامىقىنى بېرىدۇ. ماۋۇ يېزىدىكى مەكتەپلەردە چۈشلۈك تاماقنى بېرىدۇ. ئەمما بەزى ئائىلىلەردە قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇمايمەن، دەيدىغانلار بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا جازا قوللانسا، مەسىلە زادى ئاتا-ئانىسىدىمۇ ياكى بالىدىمۇ! ئىلاجى بار جازالىماي تەربىيە بەرسەك بۇنىڭدىن كېيىن بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا. جازالاشنى ئەمدى بىر بالىنى 9-10 يىل ئوقۇتۇپ باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدىكەن. ئەمدى بالىدىكى بەزى سەۋەبلەرمۇ بار. شۇڭا، بۇ توغرا بولماسمىكىن، دەيمەن. چۈنكى، ئۆزىمىزنىڭ ماۋۇ ئىنىمنىڭ بالىسىغا قاراپ، ئاتا-ئانا ھەرگىز ئوقۇماڭ، دېمەيدۇ، پەقەت بۇ بالىدىكى ئىش. بۇنىڭغا ئاتا-ئانىنى جازالىسا، بولماسمىكى، دەيمىنا.»

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، 12 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ ئۇيغۇرلارغا ئۈچۈن زۆرۈر بولسىمۇ، ئەمما بۇ، 12 يىللىق قوش تىللىق مائارىپ تەربىيىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىدا ئۇيغۇرلۇقنى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى يوقىتىدۇ.

قاھار بارات مۇنداق دېدى 12: يىللىق مەجبۇرى ئوقۇش 12يىللىق قوش تىللىق مەجبۇرى ئوقۇش، دېگەنلىك. بۇ 12 يىل ئىچىدە بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي مائارىپىنى يۈزدە يۈز قوبۇل قىلىپ بولىدۇ. ئەمدى، خىتاينىڭ ھازىرقى مائارىپ بېسىمى، مەكتەپلەردىكى دەرسنىڭ ئېغىرلىقى بۇ دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئەلۋەتتە ئۆگىنىش جەھەتتىن بالىلارغا پايدىسى بولغان بىلەن، بىز بۇنىڭغىلا قارىماستىن ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كىرىۋاتقان ھازىرقى قوش تىللىق مائارىپ ئاستىدا مەجبۇرى 12 يىل ئوقۇپ چىقسا، قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بولىدۇ. بۇ يىل ياشلارنىڭ ئۈگۈنىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاقتىدا، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلۇقنى ئۈگۈنىشنىڭكى، پۇرسىتىنى يوقىتىدۇ.»

مەزكۇر چارىدە، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنى تولۇق ئوتتۇرا مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈمىنى يەرلىك تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مائارىپ چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، تېخىمۇ كۆپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى قۇرۇشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.