ئالماتادا خەلقئارا ئانا تىل كۈنىگە بېغىشلانغان مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.02.23
Ana-til-murasimdin-korunush.jpg خەلقئارا ئانا تىل كۈنىگە بېغىشلانغان مۇراسىمدا خاتىرە سۈرەت. 2015-يىلى، ئالماتا.
RFA/Oyghan

21-فېۋرال كۈنى خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالماتادىكى دوستلۇق ئۆيىدە «تىل بىرلىكى» ماۋزۇسىدا تەنتەنىلىك پائالىيەت بولۇپ ئۆتتى.

قازاقىستان خەلقلىرى ئاسسامبلېيىسىنىڭ‏(قۇرۇلتىيىنىڭ) ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇراسىمغا شەھەرلىك ئالىي كېڭەش ئەزالىرى، مىللىي مەدەنىيەت مەركەزلىرى، «جاراسىم» جۇمھۇرىيەتلىك ياشلار تەشكىلاتى، مەكتەپلەر، ئىجادىيەت بىرلەشمىلىرى ۋە ئاممىۋى جەمئىيەت ۋەكىللىرى ھەمدە كۆپ ساندا زىيالىيلار قاتناشتى.

مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان ئالماتا شەھىرىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى گۈلمىنەم دۇگانوۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەتتە سۆزلىگۈچىلەر بارلىق مېھمانلارنى ئانا تىل بايرىمى بىلەن تەبرىكلەپ، ھەر بىر قازاقىستان پۇقراسىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى بىلىش بىلەن بىر قاتاردا دۆلەت تىلىنىمۇ بىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەم بۇ يۆنىلىشتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

گۈلمىنەم دۇگانوۋا مەزكۇر تەنتەنىلىك پائالىيەتتە، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن «ئېلىمنىڭ بەختىنى تەۋرەتكەن مۇستەقىللىق» ناملىق ياش شائىرلار مۇسابىقىسىنىڭ غالىبلىرىغا پەخرىي تەقدىرنامىلەرنىڭ تاپشۇرۇلغانلىقىنى، ئالماتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىن 40 بالىنىڭ بۇ مۇسابىقىگە ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس تىللىرىدا يېزىلغان ئەسەرلىرى بىلەن قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گۈلمىنەم دۇگانوۋا ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىلىم دەرىجىسى جەھەتتىن ئالماتا شەھىرى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى گىمنازىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئانا تىلدا ئوقۇشنىڭ ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن بىرىنچى ۋەزىپە ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئانا تىلدا ئوقۇغان بالىنىڭ بىلىمى ۋە تەربىيىسى بۆلەكچە بولىدۇ. ئانا تىلدا ئوقۇغان بالىدا مىللىيلىك كۈچلۈك بولىدۇ، يەنى باشلانغۇچ سىنىپتىن باشلاپ ئۇنىڭدا ئۆز ئانا تىلىغا، خەلقنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان مۇھەببىتى ئويغىنىدۇ. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىز، بولۇپمۇ تىل ۋە ئەدەبىيات دەرسلىرىدە خەلقىمىزنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلىرى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشالايدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئانا تىل بايرىمىغا بېغىشلانغان ھەر خىل مۇراسىملار، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ۋە باشقىلار پات-پات بولۇپ تۇرىدۇ. ئەنە شۇنداق چوڭ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەندە ئۇنىڭغا كەلگەن مېھمانلارنى يىگىت-قىزلىرىمىز مىللىي كىيىملەرنى كىيىپ، مىللىي ساز-نەغمىلەر بىلەن قارشى ئالىدۇ. بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە بالىلارغىمۇ، مېھمانلارغىمۇ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تاماملىغان بالىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىدىن باشقا قازاق، رۇس، ئىنگلىز تىللىرىنىمۇ مۇكەممەل ئىگىلەپ، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خەلقىمىزنىڭ كېلەچىكىنى ساقلاپ قالايلى دېگەن ئويدا بالىلىرىمىزنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇتايلى، دەپ سۆزۈمنى خۇلاسىلىماقچىمەن».

گۈلمىنەم دۇگانوۋا ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىنىڭ بىر-بىرىگە تۇغقان ھەم تىللىرىنىڭمۇ يېقىن بولغانلىقىدىن، ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ دۆلەت تىلى-قازاق تىلىنى تېز ئۆزلەشتۈرۈپ كېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، قازاق تىلى بويىچە ناھىيە، شەھەر ۋە جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۆپلىگەن مۇسابىقىلەردە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بىرىنچىلىكلەرگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شائىرەم باراتوۋا بولسا، قازاقىستاندا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر مەملىكىتىمىز بويىچە 10 دىن ئوشۇق ساپ ئۇيغۇر تىللىق ۋە 50كە يېقىن ئارىلاش، يەنى قازاق، رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە مىڭلىغان بالىلىرىمىز ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش كەڭ دائىرىدە بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرى ئۈزلۈكسىز نەشر قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، مەملىكىتىمىز بۇنىڭغا ۋە شۇ بالىلىرىمىزغا بىلىم بېرىۋاتقان ئۇستازلارغا مىليونلاپ پۇل ئاجرىتىۋاتىدۇ. ھەقىقەتنى ئېيتساق، كۆپچىلىك، ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانىدىن نارازى، سەۋەبى ئۇلارنىڭ سانى شەھەردە كۆپىيىۋاتقىنى بىلەن يېزىلىرىمىزدا بارا-بارا ئازىيىۋاتىدۇ. ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز، سەنئىتىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ كېلەچىكىگە سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز، بىرىنچىدىن: خەلقىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئورۇنلاشقان ئەنە شۇ يېزىلىرىمىزدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇش سۈپىتىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن قوللىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن».

ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندىنىڭ رەئىسى، ئەدەبىياتشۇناس دوكتور ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى ئەڭ شانلىق تارىخقا ئىگە تىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا،بىرىنچىدىن؛ ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر مۇھىم رول ئوينىماقتا.

دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف، ھازىر ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنىڭ پەقەت قازاقىستاندىلا ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا، ئىككىنچىسى؛ مىللىي تىياتىر، ئۈچىنچىسى؛ مىللىي مەتبۇئات ۋە نەشرىيات، تۆتىنچىسى؛ قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى، بەشىنچىسى؛ مەشرەپلەر، ئالتىنچىسى؛ يىگىت بېشى تۈزۈمى قاتارلىقلار مۇھىم رول ئوينىماقتا».

ئالىمجان ھەمرايېف بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى، ئاممىۋى جەمئىيەتلەر، ھەر خىل فوندلار، شۇنداقلا ئۇيغۇر تورلىرىنىڭمۇ ئانا تىلنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەشۋىشلەندۈرىدىغان ئەھۋال ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كېمىيىپ كېتىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپىنچە شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن رۇسچە مۇئامىلە قىلىشىمۇ مىللىي مائارىپنىڭ كېلەچىكىگە دەخلى يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.