ئۇيغۇر ژۇرنالىست كىتابلىرىنى ياركەنتتىكى يۇرتداشلىرىغا بېغىشلانغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.07.30
yurtdashlar-himmiti.jpg «يۇرتداشلار ھىممىتى» ناملىق ئوچېركلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Oyghan

قازاقىستاندا نام چىقارغان ئۇيغۇر ژۇرنالىست ئۆز كىتابلىرىدا قازاقىستاننىڭ ياركەنت تەۋەسىدە نەتىجە قازانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى–پائالىيىتىنى يورۇتۇشقا تىرىشقان.

پېشقەدەم ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆز يۇرتىدىن چىققان مەشھۇر ئادەملەرنى  خاتىرىلەپ تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مىللىي بۇرچى دەپ بىلگەچكە ئۇشبۇ كىتابلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا تىرىشقان. ئۇ كىتابلىرىنى ھۆججەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن يازغان بولۇپ، ئۇ كىتابلىرىنىڭ كەلگۈسىدە بىر تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇمكى، ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كۆپلىگەن پارتىيە، دۆلەت، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەربابلىرى، ئۇرۇش ۋە ئەمگەك قەھرىمانلىرى، ئاتاقلىق ئالىم ۋە يازغۇچىلار، ئۇستاز ۋە سازەندىلەر يېتىشىپ چىققان ئىدى.

شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ياركەنت تەۋەسىمۇ نامايەندىلىرى پۈتكۈل مەملىكەتكە مەشھۇر بولغان شۇنداق يۇرتلارنىڭ بىرى. يېقىندا «مىر نەشرىيات ئۆيى» تەرىپىدىن قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، پېشقەدەم ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروفنىڭ «يۇرتداشلار ھىممىتى» ناملىق ئوچېركلار توپلىمى يورۇق كۆردى. ئا. تۇدىياروف بۇنىڭدىن ئىلگىرى «ئۆسەك ۋادىسىنىڭ مەردانىلىرى» ۋە «ياخشىدىن باغ قالىدۇ» ناملىق كىتابلارنىمۇ يازغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى نەشرى شۇلارنىڭ داۋامى بولماقتا.

سوۋېت قازاقىستانى ئالىي كېڭىشى ۋە جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرى، قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ پەخرىي پۇقراسى، قازاقىستاننىڭ پەخرىي ژۇرنالىستى ئا. تۇدىياروف ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە ئونلىغان يۇرتداشلىرى ھەققىدە سالماقلىق ئەمگەكلەرنى يېزىپ، باشقىلارغا تونۇشتۇردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئا. تۇدىياروف ئۆزىنىڭ ژۇرنالىستىكىلىق پائالىيىتىنىڭ 50 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ياركەنت تەۋەسىدە ئۆتكەن مەردانە شەخسلەرنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئەمگىكى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى، ئوچېركلارنى، خاتىرىلەرنى يازغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «2014-يىلى يورۇققا چىققان ‹يۇرتداشلار ھىممىتى› دېگەن كىتابىمدا ياركەنت تەۋەسىدە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدە مەردانىلەرچە ئەمگەك قىلغان ئادەملەرنىڭ قىسمىتى، ئۈنۈملۈك پائالىيىتى يورۇتۇلغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ يېزىلغان. كېلەچەكتە يەنە، ياركەنتتە ئىشلىگەن ئاتاقلىق ئادەملەر توغرىلىق بىر توپلام چىقارسام، دېگەن نىيىتىم بار. شۇنداقلا ياركەنتنىڭ تارىخىغا بېغىشلانغان ‹ۋېلىباي ۋە ياركەنت› دېگەن نام بىلەن بىر كىتاب چىقارسام، دېگەن ئۈمىدتە يۈرىمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.