ئالمۇتادا ئۇيغۇر رەسسامىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.11.15
hakimjan-guliyef-murasim.jpg ھاكىمجان گۇلىيېفنىڭ «مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر رەسساملىقى ۋە گرافىكىسىنىڭ شەكىللىنىشى ھەم تەرەققىياتى» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقۇچىلار. 2017-يىلى 12-نويابىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

12-نويابىردا ئالمۇتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا تونۇلغان رەسسام، يازغۇچى، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ نامزاتى ھاكىمجان گۇلىيېفنىڭ «مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر رەسساملىقى ۋە گرافىكىسىنىڭ شەكىللىنىشى ھەم تەرەققىياتى» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

مۇراسىمنى ئاچقان م. ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ھەمرايېف قازاقىستاندىكى تەسۋىرى سەنئەت تارىخى، ھ. گۇلىيېفنىڭ رەسساملىق پائالىيىتى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە توختالدى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان تىياتىرشۇناس تەنقىدچى ئەخمەتجان قادىروف ئومۇمەن قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ئەھۋالى، شۇنىڭ ئىچىدە تەسۋىرى سەنئەتنىڭ تۇتقان رولى ھەم قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرى سەنئىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرى، بۇ تەرەققىياتتا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ تۇتقان ئورنى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆرمەتلىك جەمئىيەت ئەربابى، مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ پروفېسسورى بەھرىم غىلاۋدىنوف ئۆز دەۋرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، شۇنىڭدىن بىر نەتىجە چىقىرالىغان ھەم بۇ ھەقتە ئوبيېكتىپ پىكىر بېرەلىگەن ئادەمنىڭ شۇ دەۋرنىڭ تونۇلغان شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر رەسساملىقىدا ھەر بىر دەۋر روھىنىڭ، ئۇنىڭدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي يېڭىلىقلارنىڭ ئوبيېكتى ئەكس ئېتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رەسسام ۋە ئالىم ھاكىمجان گۇلىيېف قازاقىستان ئۇيغۇر تەسۋىرى سەنئىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھازىرقى دەۋردە قېلىپلىشىپ، تەرەققىي ئېتىپ، مەلۇم بىر پەللىگە يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەنە شۇ تارىخنى يېزىش كېرەك بولدى ۋە كېلىۋاتقان ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش كېرەك بولدى. شۇ نۇقتىئىنەزەردىن ئېلىپ قارىغاندا، بۇ مونوگرافىيە پايدىلىق دەپ ھېسابلايمەن، بىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ناھايىتى باي مىراس قالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ب د ت پەن-مائارىپ باشقارمىسى، يەنى يۇنېسكونىڭ تىزىمىدا بار».

ھ. گۇلىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئۈچ قىسىمدىن، يەنى «مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر رەسساملىقى ۋە گرافىكىسىنىڭ شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكلىرى»، «مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر رەسساملىقى ۋە گرافىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشى (1937- ۋە 1985-يىللار)» ۋە «مەركىزىي ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ رەسساملىقى ۋە گرافىكىسى ھازىرقى زاماندا» دېگەن بابلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تەتقىقات پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا بويىچە يېزىلغان تۇنجى تەتقىقاتتۇر. ئۇنىڭدا مەركىزىي ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىدا ئۆتكەن مۇھىم سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا مىللىي تەسۋىرى سەنئەتنىڭ راۋاجلىنىش ئالاھىدىلىكلىرى، ئىجاد ئەتكەن رەسساملارنىڭ دۇنيا كۆزقارىشى، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدىكى مىللىي خۇسۇسىيەتلەر ئەكس ئېتىلگەن. بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەسۋىرى سەنئىتى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

ھ. گۇلىيېفنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەسۋىرى سەنئىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىنى سالغان ئاتاقلىق رەسسام ئاۋاكرى شەمسىدۇر. ئۇيغۇر رەسساملىرىمۇ شۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ يۈرگۈزگەن سىياسىي تەقىبلەشلىرى ئاقىۋىتىدە كۆپ زەرداب چەككەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، يەنە بىر ئاتاقلىق رەسسام زەينىدىن يۈسۈپوف بولسا، خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىي ئىنقىلاب جەريانىدا مىللىي كەمسىتىشلەرگە دۇچار بولغان، پەقەت قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىجادى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇناسىپ باھالانغان ئىدى. ھ. گۇلىيېفنىڭ تەتقىقاتىدا قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ئىجاد قىلىۋاتقان تونۇلغان رەسساملارنىڭ ئەمگەكلىرى، بۇ ئەمگەكلەرنىڭ ئاساسىي تېما ۋە تەسۋىرلەش ئالاھىدىلىكلىرى يورۇتۇلغان.

م. ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، ھ. گۇلىيېفنىڭ بۇ تەتقىقاتىدا مەركىزىي ئاسىيا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ئەمگەكلىرى تۇنجى قېتىم ئىلمىي جەھەتتە تەتقىق قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىمنىڭ مەزكۇر ئەمگىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن كۆپلىگەن زىيالىيلارنىڭ، تەسۋىرى سەنئەت مۇخلىسلىرىنىڭ بۇ مۇراسىمغا قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئا. ھەمرايېف مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قايتىدىن ئويغىنىۋاتقانلىقىمىز شۇ يەردە تەكىتلەندى. رەسساملىقنىڭ بارلىق تۈرلىرى بىزنىڭ قېنىمىزدا شەكىللەنگەن. بۇ بىزنىڭ مىللىي ئاڭ-سەۋىيەمىزنىڭ ئاجرالماس قىسمىدۇر. بۇنىڭ بارلىقى ھ. گۇلىيېفنىڭ كىتابىدا ئەكس ئېتىلگەن. بىز بۇنىڭغا خۇشال بولدۇق».

ئا. ھەمرايېف 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرى سەنئىتىنى ئويغىتىش، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانلىرىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى، بۇ جەريانلارنى ئىلمىي جەھەتتە تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا يۈز بەرگەن چوڭ يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەتقىقاتتا شۇنداقلا يېتىلىپ چىقىۋاتقان ياش رەسساملارنىڭمۇ ئىجادىيىتى يورۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلار كۆپ ئۈمىدلەر كۈتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.