ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى روزا ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.06.26
heyt-namaz-amerika.jpg روزا ھېيت نامىزىغا كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى نامازدىن ئىلگىرى تەبلىغ ئاڭلىماقتا. 2017-يىلى 25-مارت، ۋىرجىنىيە، ئامېرىكا
Photo: RFA

ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا قوشنا جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى 25-ئىيۇن كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2017-يىللىق روزا ھېيتنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۆز-ئارا ھېيتلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ۋەتىنى ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەمىمىي دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر جامائىتى بىرقەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن بىرنەچچىسى ھاسىل بولۇشقا باشلىدى. ئامېرىكانىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ۋىرجىنىيە ۋە مارىيلەند شتاتلىرى ئەنە شۇ خىلدىكى ئاساسلىق مەركەزلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ خىلدىكى مەركەزلەرنىڭ ھاسىل بولۇشى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلاردەك ئىجتىمائىيلىققا ئادەتلەنگەن، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى پەۋقۇلئاددە مۇھىتتا ياشاۋاتقان بىر قوۋمنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مىللىي بايراملىرىغا ھەرقاچان يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى فالس چۇرچ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىلقى روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بۇ ھال يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ تەشكىللىگەن بۇ قېتىمقى روزى ھېيت تەبرىك پائالىيىتى 25-ئىيۇن كۈنى سەھەردە ئالدى بىلەن ھېيتلىق نامازدىن ئىلگىرىكى تەكبىر ئېيتىش بىلەن باشلاندى. توپ-توپ بولۇشۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى خاس ئۇيغۇرلار توپلانغان زالغا جەم بولۇپ، تېزلا پائالىيەت زالى نامازغا كەلگەن ئەرلەر ۋە ئاياللار بىلەن تولدى. ئارىلىقتا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىلقى ھېيتلىق نامازغا كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر سەۋەبى ئامېرىكىغا كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى بولسا، يەنە بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس جامائەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپ ئۇيغۇر جامائىتىنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭچە، بۇ خىلدىكى يىغىلىش پائالىيەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى شارائىتىدا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ھېسابلىنىدىكەن.

ھېيتلىق نامازغا ئىماملىق قىلغان ئۇيغۇر دىنىي ئالىملىرىدىن نۇردۇن ھاجىم سۆز ئېلىپ، نامازغا كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىگە رامىزاننىڭ خاسىيىتى ۋە بەرىكىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئاندىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىدا ئالاھىدە تەكىتلىنىدىغان بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق مەزمۇنلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مۈشكۈل شارائىتىدا قانداق زور قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاق مەنپەئەت ئاستىدا بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمكان بار، باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن جامائەت بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇشىنىڭ زور ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. نامازنىڭ ئاخىرىدا جامائەت نۇردۇن ھاجىمغا ئەگىشىپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ھەمدە شېھىتلارغا ئاتاپ خالىس دۇئا قىلدى.

ھېيت نامىزىغا كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئۇچقۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرگە روزا ھېيتنى تەبرىكلەۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەچ، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋەتىنىدىكى زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سالامەتلىك ئەھۋالى تۈپەيلىدىن ھېيت نامىزىغا كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا روزا ھېيتلىق سالام يوللاشنى ئۇنتۇمىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مويسىپىتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ گېرمانىيەدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ھېيتلىق سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. شۇنىڭدەك ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان ئۈمىدسىز بولماسلىقى لازىملىقىنى جېكىلىدى.

روزى ھېيتلىق تەبرىكى ئۈچۈن يىغىلغان ئۇيغۇر جامائىتى ھېيتلىق ناماز ۋە دۇئا-تىلەكلەردىن كېيىن، بىللە ناشتا قىلىشتى ھەمدە قىزغىن تىلەكلەر ئىچىدە بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى. زىيارىتىمىز ئاخىرلاشقاندا بولسا، جامائەتنىڭ ئالدى ئاللىقاچان ئۆز-ئارا ھېيتلىشىشنى باشلىۋەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.