ۋاشىنگتوندا «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» سەپسەتىسىگە رەددىيە بېرىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.09.27
sergey-dmitiryew.jpg ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. پروفېسسور دمىترى ۋاسىيليېۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2014-يىلى 27-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Jüme

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سىڭدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» سەپسەتىسىگە كۈچلۈك رەۋىشتە رەددىيە بېرىلدى.

بۇ سۆزلەرنى رۇسىيە شەرق تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى سېرگېي دمىتىريېۋ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، ئۆزىنىڭ «موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار: قاراقۇرۇم مەسىلىسى ھەققىدە» دېگەن تېمىدا بەرگەن لېكسىيىسىدە، ئۇيغۇرلار موڭغۇل ئېگىزلىكىدە قورغان دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن كۆپ جەڭلەرنى قىلغانلىقى ۋە ئاخىرىدا تاڭ سۇلالىسى ئىمپېراتورىنىڭ ئۇيغۇر خانىغا ئۆز قىزىنى بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن تىنچلىق ئورناتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل ئوردىسىدا يۇقىرى ئەمەللەرنى تۇتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈەن سۇلالىسىدە يېتەكچىلىك روللارنى ئوينىغانلىقنى بىلدۈردى.

ئۇ دوكلاتىنىڭ  ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب قىسمىدا مۇخبىرنىڭ سورىغان «نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ‹شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى› ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت شوئارىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئۇلار ‹ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن دۆلەت قۇرۇپ باقمىغان› دەيدۇ، سىزنىڭچە بۇ لوگىكىلىقمۇ؟؛ دېگەن سوئالىغا: «ئەلۋەتتە، بۇ مەنتىقسىز ۋە كۈلكىلىك» دەپ قىسقا ھەم قىزىقارلىق جاۋاب بېرىپ، يىغىن ئەھلىنى كۈلدۈرۈۋەتتى.

سېرگېي دمىتىريېۋنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن تارتىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلى رايونلىرىدا قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان خەلق.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يىغىننىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي شەھىرى توۋا قورغىنى ۋە تۈرك رۇنىك يېزىقلىرىنىڭ بايقىلىشى، قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان «مايترىسمىت» درامىسى، قەدىمىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى، ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام دىنى ۋە 1949-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىشلەر، قاتارلىق تېمىلاردا ئەتراپلىق ۋە مول مەزمۇنلۇق لېكسىيىلەر سۆزلەندى.

بۈگۈنكى لېكسىيىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقان تەرەپلەرنىڭ يەنە بىرى بولسا ئۇيغۇر دوكتور مەمتىمىن ئەلا سۆزلىگەن «ئۇتوپىيە (غايىۋى گۈزەل جەمئىيەت) بىلەن ئانتى-ئۇتوپىيە (يەنى ئېچىنىشلىق رېئاللىقتىكى ھاكىم مۇتلەقلىق): 1949-يىلىدىن 2000-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى» ناملىق لېكسىيىدە ئوتتۇرىغا قويغان يېقىنى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خاتالىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەققىدىكى لېكسىيە بولدى.

ئۇ، لېكسىيىدە 1949-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مۇستەقىلچى، دىندار ۋە مىللەتكە مەسئۇلىيەتچان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قەدەممۇ قەدەم يوقىتىپ، ئاخىرىدا قېلىپ قالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى خىتاي كوممۇنىست ئىدېئولوگىيىسىگە خىزمەت قىلدۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە ھالبۇكى، 1976-يىلىدىن 90-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ئاتموسفېرادىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىچىلىك ئىدېئولوگىيىسىنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى، ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن بىر مەۋقەدە تۇرۇپ كەلگەن بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تونۇشقا تىرىشقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە، مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋە زوردۇن سابىر قاتارلىق مەرھۇم يازغۇچىلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ ئۆز خەلقى ئالدىدىكى مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلغانلىقىنى تىلغان ئالدى.

مەمتىمىن ئەلا ئاخىرىدا، يېقىندا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ بىر قەيسەر كىشى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇنى قاماققا بۇيرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى يەنە بىر قېتىم دېلىغۇلدا قىلماقچى بولغانلىقى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئىنسانشۇناس ئارىيان دۋايېر خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى مىسلىسىز بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورىزمغا باغلاپ باستۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلگە توغرا كەلگەن بۇ يىغىننىڭ كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىغىن ئارقىلىق كىشىلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، تىلى ۋە ئارخېئولوگىيەسىنىڭ، چوڭقۇرلۇقى، گۈزەللىكىنى ۋە موللىقىنى بىلىپ يېتىلەيدۇ. بۇ يىغىن يەنە، كىشىلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ھېچ بولمىغان ئۆز مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكنىمۇ يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىدۇ.

مەزكۇر يىغىن مۇشۇ مەزمۇندا ئامېرىكىدا چاقىرىلغان كۆلىمى ۋە چېتىشلىق دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان تۇنجى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا، رۇسىيە ۋە ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئېچىلغان مەزكۇر يىغىن ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ. يىغىنغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار، ئالىملار ۋە ئاخبارات خادىملىرى بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.