قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى دوستلۇقنى كۈچەيتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فىرۇزە
2017-04-19
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

18-ئاپرېل كۈنى، قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى «ياشلىق ئاۋازى» نامىدىكى ئۇيغۇر ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ۋېرسال كافېخانىسىدا «Yashliq Union»، يەنى «ياشلىق ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان تەنتەربىيەلىك سەنئەت كېچىسى بولۇپ ئۆتتى. بۇ مۇراسىمغا قازاقىستاندا تونۇلغان «doppalife.com» ئىنتېرنېت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم سازەندە-ناخشىچىلار قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، «دولان» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل ئانسامبىلى، «يۈكسەل» ۋە «دىل ساز» مىللىي چالغۇ ئانسامبىلى، «ئاتا تۈرك» مىللىي ئۇسسۇل ئانسامبىلى، «ئارتۇر پروداكشىن» قاتارلىقلارنىڭ ئەزالىرى ۋە تونۇلغان چاقچاقچى ئەزىز ۋېكىموۋ بار.

بۇ پائالىيەتكە يەنە قىرغىزىستاندا كەڭ تونۇلغان ناخشىچىلار شۆھرەت ياقۇپ ۋە نۇرتاي ئابدۇرېھىملار قاتناشتى. مەزكۇر پائالىيەت «ياشلىق ئاۋازى»ئۇيۇشمىسىنىڭ لايىھەسىنىڭ بىرىدۇر. بۇ پائالىيەت قىرغىزىستان ياشلىرىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى كۆرسىتىش شۇنداقلا قازاقىستاندىكى ياشلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەنتەربىيە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ھەم ئۆزئارا ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. «ياشلىق ئاۋازى» ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى ئادىلجان «ياشلىق ئۇنىئون» دەپ ئاتالغان بۇ پائالىيەت توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىمىز قىرغىزىستان-قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇلارنى قوللاشتۇر. بىز ھەر قاچان ياشلارنىڭ خىزمىتىدە. ئۇنىئون دېگەن سۆز ئىنگلىز تىلىدا-بىرلىك دېگەن مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ كەچلىك پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلىرىنى بىرلىكتۈرۈش، بىرى-بىرى بىلەن تونۇشتۇرۇش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش.»

مۇراسىمغا قازاقىستاندىن «doppalife.com» ياشلار ئىنتېرنېت تور گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى يالقۇنجان نۇراخۇنوۋ ۋە قىرغىزىستاندىن پەرھات سالىيېۋلار رىياسەتچىلىك قىلىشتى. پائالىيەتنىڭ خۇش-كەيپىيات ئىچىدە ئۆتىشى ئۈچۈن رىياسەتچىلەر تەرىپىدىن ن چاقچاقلار ۋە مۇسابىقىلەر ئورۇندالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىز-يىگىت تارتىشما ئۇسسۇللىرى، بىرى-بىرىنى دوراپ ناخشا ئېيتىش ۋە چاق-چاق قىلىش ھەم باشقا مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمنىڭ قاتناشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىدىن بىر نۇسخا كىيىپ كېلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. مۇنداق پائالىيەت قىرغىزىستاندا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلدى ۋە بۇنىڭدا قازاقىستان ياشلىرىنىڭ تەجرىبىسى بەك مۇھىم. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ رىياسەتچى يالقۇنجان نۇراخۇنوۋنىڭ ئېيتىشىچە كېلەچەكتە ئىككى دۆلەت ياشلىرى ھەمكارلىقتا يېڭى لايىھىلەرنى ئۆتكۈزمەكچى.

ئاتاقلىق سەنئەتكارلار ۋە ئىجادكارلارنىڭ قاتنىشىشى مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن مۇھىم بولدى.

«ياشلىق ئاۋازى»ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئالمۇتا شەھىرىدىن 60 قا يېقىن مېھمان كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆز ماھىراتلىرىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا سۆزلىرىگە ئېرىشتى. «يۈكسەل» ئانسامبىلىنىڭ ناخشا -مۇزىكىلىرى بولسا كۆپچىلىكنى تېخىمۇ خۇشال قىلدى.

قازاقىستان ئارتىسلىرىنى باشلاپ كەلگەن ئارتۇر پروداكشىن ئىجادكارلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەزىز سەيىتپۇللا پائالىيەتنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە ئېرىشكەنلىكى ۋە بۇ پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.

ئەزىز سەيىتپۇللا قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتلىرىغا ۋە ھۆكۈمەتلىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يارىتىلغان بۇ شارائىتلار ئۈچۈن تەشەككۈرلىرىنى ئىزھار قىلدى.

قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىشكە ھەر ئىككىلا دۆلەتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ئاممىۋى جەمئىيەتلىرى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت