شائىر ئەخمەتجان ئوسمان يېقىندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.12.30
exmetjan-osman.jpg شائىر ئەخمەتجان ئوسمان.
Social Media

كانادادا ئولتۇرۇشلۇق شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئىنگلىزچە تاللانغان شېئىرلار توپلىمى يېقىندا نەشر قىلىنىدۇ. شېئىرلار توپلىمىنى ئامېرىكىلىق شائىر ۋە تەھرىر جېفرىي ياڭ نەشرگە تەييارلىغان.

بۇ، جېفرىي ياڭ ئۇيغۇر شېئىرلىرىنى نەشرگە تەييارلىغان 2‏-توپلام، لېكىن جېفرىي ياڭ بۇ قېتىم نەشرگە تەييارلىغان «ئەخمەتجان ئوسماننىڭ تاللانغان شېئىرلار توپلىمى» ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان تۇنجى ئۇيغۇر مودېرنىزم شېئىرلار توپلىمى بولۇپ قالىدۇ.

ئۇنىڭ شېئىرلار توپلىمى نەشرگە تەييارلىنىۋاتقاندا يەنە، نونىنو خەلقئارا مۇكاپاتى ۋە فلېينو خەلقئارا شېئىرىيەت مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، شۋېتسارىيە «ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ پروفېسسورى خىتاي شائىرى ياڭ ليەن، ئىنگلىز، فرانسۇز، گېرمان ۋە پورتىگال تىللىرىدا نەشر قىلىنىدىغان «ياۋروپا» مەجمۇئەسىنىڭ 2013‏-يىللىق سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەخمەتجان ئوسماننى تونۇشتۇرغان. ياڭ ليەن، «شېئىرىيەتتىكى سىياسەت» ناملىق ماقالىسىدە، ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «شەھرىزاتنىڭ ئاغزىدىن ئۈزلۈكسىز ئۆتكەن كېچىلەر» ناملىق شېئىرىنىڭ ئۆزىدە كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شېئىرنىڭ بەدىئىيلىكى ۋە ئۇنىڭدىكى پىكىرگە باھا بەرگەن.

ئۇ مۇنداق يازىدۇ: ئەخمەتجان ئوسمان بىر مۇسۇلمان شائىر، بىراق ئۇنىڭ بۇ شېئىرى بارلىق تاشقى تېئولوگىيەلىك نەزەرىيىلەرنى ھالقىپ، ئىنسانلىق ئىشەنچىنى تولۇقلىغان ھەم ئادا قىلغان. بۇ شېئىرنىڭ كۈچى بىز ئالدىن قىياس قىلغاندىن ھالقىغان. ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەچكە، بىز مىللەتچىلىك تېما قىلىنغان، ئىسلام تەرغىب قىلىنغان ياكى زۇلۇم تەنقىد قىلىنغان شېئىرلارنى كۈتتۇق. بىراق، بۇ شېئىر يۇقىرىقى ئىپادىلەش شەكىللىرىنىڭ ھېچقايسىغا مەنسۇپ ئەمەس.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شائىر ئەخمەتجان ئوسماننى زىيارەت قىلدۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.