ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇدىنىڭ 100 يىللىقى (2)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.05.05
Exmetjan-uch-wilayet-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ، ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺰﯨﺰﻯ، ﺋﺎﺑﺪﯨﻜﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻮﭖ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻘﺎﻗﺒﻪﻙ.
RFA Archive

بۇ يىل، يەنى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مىللىي رەھبەرلىرىدىن بىرى، مەشھۇر دۆلەت ئەربابى ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر.

ئەخمەتجان قاسىمى غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلى تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشقا، كېيىنرەك ھەربىي بۆلۈمنى باشقۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان ئىدى.

تارىخچى، سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ يېزىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن چۆچەككە قايتىپ كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، 1943-يىلىنىڭ باشلىرىدا غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1943-يىلى 6-ئايدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچىگە يالاپ كېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە تاكى 1944-يىلى 10-ئايغىچە ياتقان، شۇ يىلى 10-ئايلاردا قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ شەرقى تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «ئازاد شەرقى تۈركىستان گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن تەھرىرى، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبرايىمىنىڭ يېنىدا مۇئاۋىن باش كاتىپ، كېيىنكرەك ھەربىي بۆلۈم باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ يەنە ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا سايلانغان.

1945-يىلى، 10-ئايدا جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئەخمەتجان قاسىمىغا پولكوۋنىك ھەربىي ئۇنۋانى بەرگەن شۇنىڭدەك مارشال ئەلاخان تۆرە باشچىلىقىدا گېنېرال ئىسھاقبەگ، گېنېرال پالېنوۋ، پولكوۋنىك ئەخمەتجان قاسىمى، پولكوۋنىك كېرىم ھاجىدىن ئىبارەت 5 كىشىلىك ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قۇرۇلغان.

ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى، ھازىر بىشكەكتە ياشاۋاتقان 92 ياشلىق خەمىت كەنجىبايېف ئەخمەتجاننىڭ پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

2004-يىلى، جۇمھۇرىيەتنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالمۇتىدا ياشىغان مەرھۇم ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبرايىمى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، مۇخبىرىمىز تەييارلىغان پروگراممىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 1943-1945-يىللىرىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئائىت بايانلارنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.