غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (7A)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.07.27
Iptixar-Ilyar-myunxen.jpg گېرمانىيە ميۇنخېن تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ئىپتىخار ئىليار. 2016-يىلى يانۋار، ميۇنخېن.
Photo: RFA

بىرىنچى قىسىم: ياۋروپادىكى ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار

غەرب دۇنياسىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار بىلەن بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئارىسىدىكى «ئەۋلاد پەرقى» ۋە ئۇلارنىڭ كىملىك تۇيغۇسى، تەپەككۇر ئۇسۇلى شۇنداقلا قىممەت قاراش جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلىرى جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

دەرۋەقە، ياۋروپادىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بىر قىسىم ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ تىرىشچانلىقى ۋە رىقابەت كۈچى بىلەن شۇ ئەللەردىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلىرىنى تاللاپ ئوقۇماقتا.

6 يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن گېرمانىيەگە كەلگەن، بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ئىپتىخار ئىليار ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

ميۇنخېن تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكالاۋرلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئىپتىخار ئىليار ئۆزىنىڭ 18 يىلدىن بۇيان گېرمانىيەدە مائارىپ تەربىيەسى ئالغانلىقىنى، ئۆزى تۇغۇلغان ۋەتىنىنى ئۆزىنىڭ غۇۋا ھالەتتىكى بالىلىق ئەسلىمىلىرى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن فەرۇق قەھرىمان تۈركىيەدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىرى. ئۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قەيسەرىدىكى ئۆز ئائىلىسىدە شۇنداقلا قەيسەرىنىڭ «تۈركىستان مەھەللىسى»دىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ياش فەرۇق ئالدىنقى يىلى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئايروپىلان تېخنىك ئىنژېنېرلىقى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ قەيسەرىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن 1996-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدۇم. ئۇ مەزگىلدە دادام ئىستانبۇلدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. مەن 3 ياشقا كىرگەندە دادام ئائىلىمىزنى ئېلىپ قەيسەرىگە قايتىپ كەپتۇ. شۇندىن كېيىن مەن بۇ يەردىكى تەڭ دېمەتلىك ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولدۇم. پۈتۈن مائارىپ تەربىيەسىنى قەيسەرىدىكى تۈرك مەكتەپلىرىدە ئالدىم. ئالدىنقى يىلى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئايروپىلان تېخنىكا ئىنژېنېرلىقى كەسپىگە ئوقۇشقا كىردىم.»

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى قانچىلىغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاشلا ئۆز پەرزەنتىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە كۆپ ئويلانغان كىشىلەرنىڭ بىرى.

ئۇ 7 ياش ۋاقتىدا ئايرىلغان ئوغلى بىلەن ئون يىلدىن كېيىن گوللاندىيەدە كۆرۈشكىنىدە يىگىتلىك قورۇمىغا يەتكەن ئوغلىغا نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى مۇنداق ئەسلىمە قىلىدۇ: «مەن گوللاندىيەگە كېلىپ 10 يىل ئۆتكەندە ئاندىن ئوغلۇمنى ئېلىپ كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىم. مەن ۋەتەندىن ئايرىلغاندا 7 ياش ۋاقتىدا قالغان ئوغلۇم ھازىر چوڭ بولۇپ يىگىت بولغان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا بۇندىن كېيىن مۇشۇ دۆلەتتە ياشاپ قالىدىغانلىقىمىزنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلىغان ئاساستا گوللاندىيە جەمئىيىتى بىلەن بۇ يەردىكى مەۋجۇت سىستېمىغا كىرىپ ئۆزلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدىم.»

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان قاچقۇنلۇق ھاياتىدىن كېيىن گوللاندىيەگە ساق-سالامەت يېتىپ بېرىپ ئايرىلغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان دادىسى بىلەن ئاخىرى جەم بولغان 14 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىز رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، «مەن ھەقىقەتەنمۇ ئىلگىرىكى قورقۇنچ ۋە روھىي بېسىملاردىن خالاس بولدۇم. ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم قورقماستىن بېشىمدىكى ياغلىقىم بىلەن مەكتەپكە بارالىدىم. بۇ ئىلگىرى مەن تەسەۋۋۇر قىلالمىغان ئىشلار ئىدى،» دەيدۇ.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا گەرچە ياۋروپادىكى ئەركىن ۋە ھۆر ئاتموسفېرانى شۇ قەدەر ياخشى كۆرگەنلىكىگە قارىماي، كەلگۈسىدە ئىمكانىيەت بولغان ھامان ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلغۇسى بارلىقىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى.

فەرۇق قەھرىمان ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكەن بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ھاياتىدا ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا ئائىلە مۇھىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئانا تەربىيەسىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

غەرب ئەللىرىدە چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆزلىرى بىلەن ئاتا-ئانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەۋلاد پەرقى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغاندا، ئىككى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پىكىر ۋە قىممەت قاراشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئىپتىخار ئىليار: «بىز ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنى گېرمانىيەنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايمىز، ئەمما ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئۇنداق قارىشى ناتايىن دەپ ئويلايمەن.»

مەدەنىيەت مۇھىتى بىلەن مەۋجۇت سىستېمىنىڭ ئوخشىماسلىقى كۆپ ھاللاردا ئوخشاش بىر مىللىي تۈركۈمگە تەۋە ئىنسانلاردىمۇ روھىي ۋە پسىخىكىلىق پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان فەرۇق قەھرىمان قەيسەرىدە چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن يېقىندا قاچاق يوللار بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنمەس بىر پسىخىكىلىق «تام» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئوخشىمىغان ئىككى خىل مەدەنىيەت ياكى كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ياۋروپادىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆز مىللىي كىملىكى بىلەن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەردىكى ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش ھېس قىلدىمۇ-يوق؟

بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەن ئىپتىخار ئىليار: «مەن شەخسەن ئۆزۈم ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان مەدەنىيەت مۇھىتىنى ئىنسانلاردىكى توقۇنۇشنىڭ مەنبەسى ئەمەس، بەلكى بىر بايلىق دەپ قارايمەن،» دەيدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.