غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (10B)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-11-15
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
مەمەتجان تۇرسۇننىڭ 2008-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىڭ مەشئىلىنى ئىستانبۇلدىكى گالاتا كۆرۈكىدە تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان كۆرۈنۈشى.
مەمەتجان تۇرسۇننىڭ 2008-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىڭ مەشئىلىنى ئىستانبۇلدىكى گالاتا كۆرۈكىدە تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان كۆرۈنۈشى.
Photo: RFA

ئىككىنچى قىسىم: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ يەنە بىر يۈزى

2008-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىستانبۇلدىكى گالاتا كۆرۈكىدىن ئۆتىدىغان مەشئىلىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى مەمەتجان تۇرسۇننى بىردىنلا تۈركىيە تاراتقۇلىرىدىكى داڭدار شەخسكە ئايلاندۇرىدۇ.

ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە «ئۇيغۇر» دېگەن فامىلە قوللانغان مەمەتجان تۇرسۇن شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن، گېزىت-ژۇرناللاردا ئۇلاپ خەۋەر قىلىنىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا قىزىق نۇقتا بولۇشىغا پىلتا بولىدۇ.

ئارىدىن 8 يىل ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە مەمەتجان ئۇيغۇر بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، ئۆزىنىڭ شۇ كۈنىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغۇچىلار دىققىتىگە سۇندى.

ئۇ شۇ كۈنىدىكى ۋەقە سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ساقچىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن ھەرگىزمۇ ئۆكۈنۈش ھېس قىلمىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەشئىلىنىڭ ئىستانبۇلدەك بىر خەلقئارالىق شەھەردىن توسالغۇسىز ئۆتۈپ كەتكەنىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ئۇلارنىڭ دېموكراتىك ئەللەردە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئارقىلىق تۇرۇپ قېلىشىغا زېمىن ھازىرلىغان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئىرادىسىز ئىنسانلارنىڭ سىياسىي ئىلتىجا قىلىپ جاۋاب كۈتۈۋاتقان ياكى مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمغا ئېرىشكەن بىر پەيتتە خىتايغا قايتىپ كېتىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئەپسۇسلاندۇرماقتىكەن.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇن نىغمەت ئەپەندى نورۋېگىيەدە ئۆزى بىلىدىغان بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ جامائەت ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەلدىكى مۇھاجىرلىق ھاياتى داۋامىدا ئەركىن ۋە دېموكراتىك سىستېمىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، مۇساپىرلىق ۋە ۋەتەنسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ.

ئەيسا ساۋۇت قارىم گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالدىنقى يىلى يۈز بەرگەن بىر ئائىلە پاجىئەسىنىڭ ھەممەيلەننى قاتتىق ئويلاندۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ ئىشتىن قاتتىق ئەپسۇسلۇق ھېس قىلغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ ئايالىغا پىچاق سېلىپ تۈرمىگە قامالغان مەھبۇسنى جامائەتنىڭ شۇ پېتى تاشلاپ قويمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئىستانبۇل - مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر پۈتۈن دۇنيادىكى ۋەتەنسىزلىك قىسمىتىگە دۇچار بولغان تۈرك قان تىپىدىكى مۇھاجىرلارنى ئۆزىگە قانداق جەلپ قىلسا، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغىمۇ ئۆز قوينىنى شۇنچىلىك ئاچقان.

ھالبۇكى، يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئىستانبۇلدا كۈنسېرى زورىيىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا خىتاي تەھدىتىدىن پەيدا بولغان ۋەھىمە ھەسسىلەپ كۈچەيمەكتىكەن. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن، دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھېكىمخان مەخسۇم ئۆزى ھېس قىلغان بەزى ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەردى.

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى بىرقانچە يىللىق قاچقۇنلۇق ۋە تۇتقۇنلۇق ھاياتىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بۇ يەردە يېرىم ئەسىردىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ئەسلىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە سوئال تاشلايدۇ:

ئۇيغۇر مۇساپىرلار كرىزىسنىڭ ئارقىسىدا زادى قانداق بىر يوشۇرۇن قول ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇساپىرلىق ھاياتىنى تاللىغان؟ ئۇلار ئاخىرقى ھېسابتا تۈركىيەگە يەرلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە نېمىشقا بۇ ئەلدە كۆڭلى تىنچىمايدۇ؟

قەيسەرىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن رابىيە ئىلكتۈرك خانىم بۇ سوئاللارنىڭ ئۆزىنى ۋە بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق ئويلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت