غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (11A)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-12-01
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان ئالبېرت گۆرىڭ ئەپەندى.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان ئالبېرت گۆرىڭ ئەپەندى.
RFA/Qutlan

بىرىنچى قىسىم: ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتىكى ئوبرازى

كۆزەتكۈچىلەر بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان جەمئىيەتشۇناسلار ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىدە ئولتۇراقلىشىش تارىخىنىڭ باشقا كۆچمەن گۇرۇپپىلارغا قارىغاندا ئىنتايىن قىسقا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىدىكى كۆپ قاتلاملىشىۋاتقان مەدەنىيەت ئېقىمىغا ئۆزگىچە رەڭ قوشۇۋاتقان بىر جامائەت ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ئۇنداقتا، غەربتىكى ھەرقايسى ئەللەردە كۈنسايىن ئۇلغىيىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئاۋامغا بەرگەن تەسىراتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى كوللېكتىپ ئوبرازى زادى نېمە؟

بۇ سوئالغا گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام سىياسىيونلىرىدىن مارگارېتتا باۋزې خانىم سەمىمىيلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. مارگارېتتا باۋزې خانىم گېرمانىيەدىكى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيە پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇ باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ ميۇنخېندىكى خىزمەت بىناسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

__ گېرمانىيەدە نۇرغۇن كىشىلەر تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار توغرىلىق كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس، ئەمما مەن ئۇيغۇرلارمۇ كەلگۈسىدە ئاستا-ئاستا گېرمان جەمئىيىتىدە تونۇلىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. تىبەتلەر بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قارىغاندا گېرمان خەلقىگە كۆپ تونۇشلۇق. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنى تونۇتۇشقا كۆپ ئەجىر قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ گۋەنتانامو تۈرمىسى بىلەن بولغان باغلىنىشى ۋە بۇ ھەقتىكى بەس-مۇنازىرىلەر ئۇلارنى گېرمان جەمئىيىتىگە تونۇتقان بىر قىزىق نۇقتا بولدى. گۋەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈككە چىقىش ئىشى گېرمانىيەدە تېخىمۇ قىزىق نۇقتا بولدى. كىشىلەر ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈلۈشى ياكى قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بەكمۇ قىزىقتى. ئاشۇ ۋاقىتتا گېرمانىيەدىمۇ ئۇلارنى قوبۇل قىلىش توغرىلىق كۆپ تالاش-تارتىشىشلار بولدى، ئەمما بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشماي قالدى، لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، ئاشۇ مۇنازىرىلەرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر، ئۇيغۇرلار كىم؟ دېگەن سوئالغا دۇچ كەلدى. ئۇلار مۇشۇ مەسىلە ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلدى ۋە چۈشەندى. ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلىدە ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىزنى تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى.

ئالبېرت گۆرىڭ ميۇنخېندا تونۇلغان بىر ئادۋوكات. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ 20 يىلدىن بۇيان گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى سۇنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىپ كەلگەن. بىز ئۇنىڭ ميۇنخېندىكى ئىشخانىسىدا «ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتىڭىز زادى نېمە؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇنداق دېدى:

__ بۇنىڭدىن 20 يىللار بۇرۇن، يەنى 1995-يىلى بىر قىسىم سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلار ميۇنخېنغا كەلگەن ئىدى. مەن ئاشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىپ كەلدىم. ئۇلارنىڭ ئىلتىجاسى دەسلەپ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە رەت قىلىنىشقا ئۇچرىدى. 1998-ۋە 1999-يىللىرى ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى قايتا يوللىدۇق. بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقىمىز ئاخىرقى ھېسابتا مېۋە بېرىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئولتۇرۇمغا ئېرىشتى. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارنىڭ ئىشلىرىمۇ خۇددى تىبەتلەرنىڭكىدەك ياخشى بولۇشقا باشلىدى. مەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى، گېرمانىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 90 پىرسەنتتىن ئارتۇقراقى مېنىڭ ئالدىمغا كەلگەن، مەن ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلغانمەن. شۇڭا بەزىدە ئۇلار چاقچاق قىلىپ: "بىز بۇ يەردە پەقەت بىرلا گېرماننى تونۇيمىز، ئۇ بولسىمۇ ئادۋوكات گۆرىڭ!" دېيىشىدۇ.

__ ئەلۋەتتە، مەن ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ ھەپىلەشتىم، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى تونۇيمەن، بىز ئۆز-ئارا بەكلا چىقىشىپ كەتتۇق، چۈنكى بىزىنىڭ يۇمۇرىستىك ئورتاقلىقىمىز بار ئىدى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ چاقچاققا ئامراق، ئوچۇق-يورۇق خاراكتېرىنى ياخشى كۆرىمەن.

__ بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېرلىن ياكى ھامبۇرگ دېگەندەك شەھەرلەرگە بارماي كۆپىنچىسىنىڭ ميۇنخېنغا يەرلىشىپ قالغىنىغا ھەيران قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسىڭىز، بىرى، ئەينى چاغلاردا سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى تاپشۇرغان ئۇيغۇرلارنى ئاساسەن دېگۈدەك ميۇنخېنغا ئەۋەتىپ بېرەتتى ۋە بۇ يەردە ئىنتېرۋىيو قىلاتتى. يەنە بىر سەۋەبى، ميۇنخېندا ئەينى زاماندا ‹ئازادلىق› رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە ئۆمەر قاناتلار ئىشلىگەن. دېمەك، ميۇنخېن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياۋروپادا شەكىللەنگەن ئەڭ دەسلەپكى مەركىزى ئىدى.

ياۋروپا ئەللىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئەللەردىكى تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ قىزغىن توپلۇق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىدۇ.

گوللاندىيەدىكى «تۈرك ئۆيى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، جەمئىيەتشۇناس ۋەيىس گۈنگۈر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 23 يىلدىن بۇيان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى بىلىدىغانلىقىنى، يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان گوللاندىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقاتلىقىنى تىلغا ئالدى.

ۋەيىس گۈنگۈر ئەپەندى يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا ھەرقانداق كۆچمەن گۇرۇپپىلارغا ئوخشاشلا مۇساپىرەت پسىخولوگىيەسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى پسىخىك بېسىمى باشقا كۆچمەنلەردىن ئارتىپ چۈشىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆز يۇرتىدىكى سىياسىي تەقىب ۋە بېسىم تۈپەيلى ئەركىن ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغان. ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان. ھېس قىلىشىمچە، ئۇيغۇرلار غەربتىكى ئەركىن ئەللەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئەركىن بولالمايۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھېلىھەم خىتاينىڭ تەقىبى ئاستىدا ياشىماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە ئولتۇراقلىشىشى ۋە بۇ يەردىكى سىستېمىغا ماسلىشىپ مېڭىشى ئۈچۈن ئەڭ يېقىن بىر ئۆرنەك ياكى مودېل باركى، ئۇ بولسىمۇ ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ كۆچمەنلىك تەجرىبىسىدۇر.

ئېرىك ئاندېرسون ناھايىتى چەكلىك ساندىكى ساندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار توغرىلىق خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە دانىيەلىك دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى ئىنژېنېرى. ئۇ سىتوكھولمدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆز تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلدى:

__ راستنى دېسەم، مېنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق بىلىدىغانلىرىم بەكمۇ چەكلىك. دانىيە، شىۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيەدە ئۇچراشقان ۋە تونۇشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىنى قوشۇپ ھېسابلىسام، 15 تىن 20 گىچە بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئايالىممۇ بۇنىڭ ئىچىدە. ئومۇمەن ئېيتقاندا، مېنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتىم شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە تامامەن يات بولغان بۇ ئەللەردە ياشاپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر جەھەتتىن ئۆزلىرىگە يات بولغان بۇ مۇھىتقا ماسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. قارىشىمچە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى، بەلكى ھەممىسى دېگۈدەك چەتئەللەرنىڭ سىستېمىسى ۋە كۈندىلىك ھاياتىغا كۆنۈپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلارنى باشقا كۆچمەن توپلۇقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مىسال ئۈچۈن ئېيتسام، شىۋېتسىيەگە كەلگەن ۋە بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمىغا ھامان سىڭىپ كېتىدىغانلىقىدەك رېئاللىققا نىسبەتەن مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە. شۇڭا ئۇلاردا ھەرۋاقىت بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن روھىي تەييارلىق مەۋجۇت، دەپ بىلىمەن. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا چوقۇم مەسىلە تۇغۇلغان بولاتتى. ئومۇمەن، ئۇيغۇرلار بۇ يەردە ياشاپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ يەرنىڭ قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى، شىۋېتسىيە شەھەر قۇرۇلۇش ۋە ئۆي-مۈلۈك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مەھمەت قاپلان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيەگە ئەڭ يېقىنقى زاماندا يەرلەشكەن بىر توپلۇق بولۇشىغا قارىماي، بۇ يەردىكى كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەتكە ئۆز گۈزەللىكى بىلەن رەڭ قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دوكتور فرېدرىك فولمان شىۋېتسىيەدىكى گۆتېبورگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناسلىق پروفېسسورى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى باشلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

__ مېنىڭ قارىشىمچە، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار باشقا كۆچمەن گۇرۇپپىلارغا قارىغاندا، بۇ يەرنىڭ سىستېمىسىغا ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىپ ماڭماقتا. مىسال ئۈچۈن ئېيتسام، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى باشقا كۆچمەن توپلۇقلاردىن، بولۇپمۇ سومالىلىق كۆچمەنلەردىن خېلى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار ئىنتايىن تىرىشچان بولۇپ، تۈرلۈك ساھەلەردە ئۆزىگە يارىشا ئىش تېپىپ مۇستەقىل ياشىماقتا. ئۇلار شىۋېت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىمۇ ئۆز ئىقتىدارىنى كۆرسەتمەكتە. ئەلۋەتتە، ئۇلارمۇ شىۋېتسىيەدىكى باشقا ھەرقانداق كۆچمەن توپلۇقلارغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلاردىن خالىي ئەمەس. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بەزى قىيىنچىلىقلىرى ھەتتا باشقىلاردىن ئېغىرراق. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيەدىكى كۆچمەن توپلۇقلار ئارىسىدا ئەڭ ئاكتىپ بىر جامائەت سۈپىتىدە تونۇلغان. مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مېدىتسىنا ۋە پەرۋىش ساھەسى بويىچە ئوقۇپ ئىشلەۋاتقانلارنى، ئاپتوبۇس ياكى تاكسى ھەيدەۋاتقانلارنى ۋە ياكى تازىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى بىلىمەن.

قەدىرلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار!

يۇقىرىدا «غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك رادىيو پروگراممىسىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتىكى ئوبرازى» ناملىق 11-قىسمىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى ئاڭلىدىڭلار. بۇ ھەقتىكى ئاڭلىتىشىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىملىرى داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت