غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (11B)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.12.07
mehmet-qaplan-ziyaret.jpg شىۋېتسىيە شەھەر قۇرۇلۇش ۋە ئۆي-مۈلۈك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مەھمەت قاپلان ئەپەندى.
RFA/Qutlan
margaretta-bawze-xanim.jpg

گېرمانىيە باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى مارگارېتتا باۋزې خانىم. RFA/Qutlan

Albert-goring.jpg

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان ئالبېرت گۆرىڭ ئەپەندى. RFA/Qutlan

weyis-gungur.jpg

گوللاندىيەدىكى «تۈرك ئۆيى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، جەمئىيەتشۇناس ۋەيىس گۈنگۈر ئەپەندى. RFA/Qutlan

erik-anderson.jpg

نورۋېگىيەدىكى دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى ئىنژېنېرى ئېرىك ئاندېرسون ئەپەندى. RFA/Qutlan

mehmet-qaplan-ziyaret.jpg

شىۋېتسىيە شەھەر قۇرۇلۇش ۋە ئۆي-مۈلۈك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مەھمەت قاپلان ئەپەندى. RFA/Qutlan

fredrik-folman.jpg

شىۋېتسىيە گوتېبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فرېدرىك فولمان ئەپەندى. RFA/Qutlan

Attila-Altintash.jpg

«شىۋېتسىيە كۈندىلىكى» گېزىتى تۈركچە نۇسخىسىنىڭ سكاندىناۋىيە ئەللىرىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئاتتىلا ئالتىنتاش ئەپەندى. RFA/Qutlan

ئىككىنچى قىسىم: ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتىكى ئوبرازى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان باشقا كۆچمەن گۇرۇپپىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق كەچۈرمىشلەردىن مۇستەسنا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مۇساپىرەت قىسمەتلىرى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان نۇقتا بولۇپ قالماقتا.

ئۇنداقتا، غەربتىكى ھەرقايسى ئەللەردە كۈنسايىن ئۇلغىيىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى باشقا كۆچمەن توپلۇقلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى زادى نەدە؟

مارگارېتتا باۋزې خانىم گېرمانىيەدىكى يېشىللار پارتىيەسىنىڭ باۋارىيە پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇ بۇ سوئالغا ئىنتايىن سەمىمىيلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

__ باشقا كۆچمەن توپلۇقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار گېرمانىيەدىكى ناھايىتى كىچىك توپلۇق. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن تونۇشىدۇ، بۇ شارائىت ئۇلارنى بىرلىكتە ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلىشىغا ئاسانلىق ياراتقان. ئەمما بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىيىن بولغىنى ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان كۆرۈنمەس سىياسىي بېسىمدۇر. ئۇلارنىڭ گېرمانىيەدىن ئىبارەت بۇ ئەركىن دۆلەتتە ياشاپ تۇرۇپ ۋەتىنى ۋە ئۆز خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشى ھامان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. بىلىشىمچە، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر قېتىم پائالىيەت قىلسىلا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆز ئادەملىرى ئارقىلىق پەسكەشلەرچە چات كېرىدۇ. ئۇلار بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشكە، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشقا ۋە ئۇلارنى يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئىشقىلىپ، ئۇلار بارلىق رەزىل چارىلەرنى قوللىنىپ بۇ يەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى بېشىنى كۆتۈرگۈچە ئۇلارنى جايىدا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش پىلانىنى قىلىدۇ. جۇڭگودا تۇرۇپ بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىغا زىددىيەت سالىدۇ، قۇلاق قويۇپ ئۇلارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلايدۇ. ئومۇمەن، ئۇيغۇرلار بىر خىل كۆرۈنمەس بېسىم ئىچىدە ياشايدۇ. بۇنداق ئەھۋال گېرمانىيەدىكى باشقا كۆچمەن توپلۇقلاردا ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ.

گوللاندىيەدىكى «تۈرك ئۆيى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، جەمئىيەتشۇناس ۋەيىس گۈنگۈر ئەپەندى ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزلىرى ئولتۇرۇشلۇق ئەللەرنىڭ سىستېمىسىغا ماسلىشىش ۋە ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ مېڭىشتا قېرىنداش تۈرك جامائىتىنىڭ ياۋروپادىكى 50 يىللىق مۇساپىرەت ھاياتىدا توپلىغان تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئۆزلىرىگە ئۆرنەك قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ياۋروپادا ئۇيغۇرلاردىن ئاۋۋال ياشىدۇق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇساپىرەت قورقۇنچى ئىچىدە ياشىدۇق. گوللاندىيەدىكى 450 مىڭ تۈرك جامائىتىنىڭ بىر قىسمى يېرىم ئەسىر مابەينىدە بۇ يەرگە سىڭىپ ئارىمىزدىن غايىب بولدى. بۇ قىسمەت ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلاردىن يىراق ئەمەس. تۈركلەرنىڭ ئىسمى مۇھەممەت ياكى ئەخمەت بولغانلىقى، چېچى قارا بولغانلىقى سەۋەبلىك كۆپ ھاللاردا گوللاندىيەدىكى ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمىنىڭ سىرتىدا قالدى. بۇ ھال ئۇلارغا كىملىك كىرزىسىنى ھېس قىلدۇردى. بۇ رېئاللىق بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا تۇرماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائىتى چوقۇم ئۇيۇشۇپ ياشىشى، تەشكىلاتلىرى ئاكتىپ پائالىيەتتە بولۇشى، پەرزەنتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرى بىلەن غۇرۇرلاندۇرۇشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا خۇددى تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى ياۋروپادا ئېرىپ تۈگىگەندەك، ئۇيغۇرلارمۇ ئېرىپ تۈگەيدۇ.»

گېرمانىيەدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسىغا ئادۋوكاتلىق قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنى ياخشى چۈشىنىدىغان ئالبېرت گۆرىڭ ئەپەندى بۇ مەسىلىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

--- مەن ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيەدىكى ھاياتىنى بىر غالىپلىق شەجەرىسى دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن فولكلور شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي بىرگە ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار مەشرەپ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيىتىنى پەرزەنتلىرى ۋە ياش ئەۋلادلىرىغا ئۆگىتىۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ سىياسىي يىغىلىشلىرىمۇ يۈرۈشلۈك ۋە قائىدە-يوسۇنلۇق. ئۇلار يىغىلىشلاردا ئۆز-ئارا سالاملىشىپ، دۇئا تىلاۋەت قىلىشىپ، غىزالىنىپ، ۋە چاقچاقلىشىپ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. بۇ ئاجايىپ ئېسىل بىر ئەنئەنە. ئەگەر بۇ چاقچاقلار گېرمانىيە پارلامېنتىدا بولىدىغان بولسا، بۇ مۆلچەرلىگۈسىز ئۈنۈم ياراتقان بولاتتى. كۆزىتىشىمچە، ئۇيغۇر ئاياللار ئەرلىرىگە قارىغاندا جەمئىيەتكە تېزرەك ئۆزلىشىدىكەن، ئەرلەر بولسا ‹مەن ئەر› دېگەن ئىدىيەدە ئۆزلىرىنى داۋاملىق ئائىلىنىڭ بېشىغا تارتىدىكەن. شۇڭا مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئەرلەر گېرمانىيەدىكىلەردىن ئازراق ئىشلەپ، كۆپرەك چايخانىدا ئولتۇرامدىكىن دەپ پەرەز قىلىمەن.

ۋەيىس گۈنگۈر ئەپەندى يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى، دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرىنى، تارىخىي ئەستىلىكلىرىنى پەرزەنتلىرىگە ئەسلىتىپ تۇرۇشى لازىم. ياش ئەۋلادلىرىنى بۇ بىلگىلەردىن مەھرۇم قىلماسلىقى، بەلكى ئۇلارنى ئۆز خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە تارىخىدىن غۇرۇرلاندۇرۇپ تۇرۇشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياۋروپانىڭ، گوللاندىيەنىڭ ياكى گېرمانىيەنىڭ مەۋجۇت سىستېمىسىنى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقلىرىنىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى لازىم. بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياۋروپادا ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ يېقىن بىر ئۆرنەك ياكى مودېل باركى، ئۇ بولسىمۇ تۈركلەرنىڭ تەجرىبىسىدۇر. گوللاندىيەنى مىسال ئالساق، بۇ يەردىكى 450 مىڭ تۈركنىڭ ياشاش تەجرىبىسى ئەلۋەتتە سانى ئاران 2 مىڭدىن ئاشىدىغان ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆرنەكتۇر.

شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى، شىۋېتسىيە شەھەر قۇرۇلۇش ۋە ئۆي-مۈلۈك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مەھمەت قاپلان ئەپەندىمۇ بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇ شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ساقلىغان ھالدا بۇ يەردىكى مەۋجۇت سىستېمىغا ماسلىشىپ مېڭىشىدا قېرىنداش تۈركلەرنىڭ ياشاش تەجرىبىسىدىن ئۆگىنىشنى تەكىتلەيدۇ.

ئاتتىلا ئالتىنتاش - شىۋېتسىيەدە تۈركچە چىقىدىغان «شىۋېتسىيە كۈندىلىكى» گېزىتىنىڭ سكاندىناۋىيە ئەللىرىدىكى مۇخبىرى. ئۇ شىۋېتسىيە ۋە شىمالىي ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆپ ئالاقىدە بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

--- مەن ئۇيغۇرلارنى بۇ يەردىكى سومالى، ئافغانىستان ۋە ئىراقتىن كەلگەن كۆچمەنلەرگە قارىغاندا ياۋروپا سىستېمىسىغا ئاسانراق ماسلىشالايدىغان بىر توپلۇق دەپ بىلىمەن. بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇرلارنى ھەتتا تۈركلەرگە قارىغاندىمۇ جانلىق گۇرۇپپا دەپ ئويلايمەن. مەن ئۇلارنىڭ شىۋېتسىيەگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا شىۋېت تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەنلىكىنى، تۈركلەر بىلەنمۇ ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە باشقا كۆچمەنلەردىن ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇندىن باشقا، ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى ساقلاشتا ئۈلگە ياراتماقتا. بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ ئىسلامى ئېتىقادنى ئەڭ مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

يۇقىرىدا «غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك رادىيو پروگراممىسىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتىكى ئوبرازى» ناملىق 11-قىسمىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىنى ئاڭلىدىڭلار. بۇ ھەقتىكى ئاڭلىتىشىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىملىرى داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.