ئۇيغۇر مۈزىكانت گۈلدىيار تەڭرىتاغلىنىڭ تۇنجى CD پىلاستىنكىسى تۈركىيەدە سېتىلىشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.07.31
guldiyar-tenghritaghliq-tangritagli-turkiye.jpg ئۇيغۇر مۈزىكانت گۈلدىيار تەڭرىتاغلى
RFA/Erkin Tarim


تالانتلىق ئۇيغۇر مۇزىكانت، ئىستانبۇل مىمار سىنان ئۈنىۋېرسىتېتى سەنئەت فاكۈلتىتى ئوقۇتقۇچىسى گۈلدىيار تەڭرىتاغلى خانىمنىڭ «راخمانىنوف ئاناتولىئان پروجېكت» ناملىق CD پىلاستىنكىسى پۈتۈن تۈركىيەدىكى كىتابخانا ۋە مۈزىكا ماگىزىنلىرىدا سېتىلىشقا باشلىدى. ئۇ، دۇنياغا تونۇلغان مەشھۇر تاتار كومپوزىتور، مۈزىكانت راخمانىنوفنىڭ 12 پارچە ئەسىرىنى پىئانىنو بىلەن ئىجرا قىلىپ CD پىلاستىنكا قىلىپ چىقارغان. ئۇ، ھازىرغىچە ئاۋىسترىيە، گېرمانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ قېتىم پىئانىنو كونسېرتى قويغان بولۇپ، مۇزىكانتلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشمەكتە.

گۈلدىيار تەڭرىتاغلى خانىم 1986 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى قۇمۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، 5 ياش ۋاقتىدا تۈركىيىگە كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئىستانبۇلدا پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالىي نەتىجە بىلەن ئىستانبۇل مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا ئۆتۈپ ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. كېيىن ئاۋسترىيەدە ماگىستىر ئوقۇغان. 2014 - يىلى مىمار سىنان ئۈنىۋېرسىتېتى سەنئەت فاكۈلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇ، 17 يىلدىن بېرى مۇزىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مۇزىكىلىرىنى نوتىغا ئېلىش ئىشى بىلەنمۇ شۇغۇللانماقتا.

كلاسسىك مۇزىكا ساھەسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ياش تالانتلىق مۇزىكانت گۈلدىيار تەڭرىتاغلى خانىم قانداق قىلىپ بۇنداق ئالىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدى، تۇنجى CD پىلاستىنكىسىنى قانداق چىقاردى دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.