ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ قۇربان ھېيتلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2017.09.04
istanbuldiki-kurban-heyt-paaliyiti-1.jpg

ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن قۇربان ھېيتلىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 3-سېنتەبىر، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbuldiki-kurban-heyt-paaliyiti-5.jpg

ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن قۇربان ھېيتلىق پائالىيەتتە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2017-يىلى 3-سېنتەبىر، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbuldiki-kurban-heyt-paaliyiti-2.jpg

قۇربان ھېيتلىق پائالىيەتنىڭ ئۇقتۇرۇشى. 2017-يىلى 3-سېنتەبىر، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbuldiki-kurban-heyt-paaliyiti-3.jpg

ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن قۇربان ھېيتلىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 3-سېنتەبىر، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbuldiki-kurban-heyt-paaliyiti-4.jpg

ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن قۇربان ھېيتلىق پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەر نومۇر كۆرسەتمەكتە. 2017-يىلى 3-سېنتەبىر، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

9-ئاينىڭ 3-كۈنى يەكشەنبە يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 3-كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە بالىلار بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى جەم بولۇپ قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت ئېلىپ باردى.

ئۆز يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ ئىستانبۇلدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھاجىر ئۇيغۇرلار، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان، ئۆز ۋەتىنىدىن يىراق مۇساپىرلىق ھاياتتا كۆڭلى يېرىم ھالدا قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى ۋە بىر كۈن بولسىمۇ خۇشال ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا 1000 كىشىلىك بىر زالغا جەم بولۇپ قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

بۇ پائالىيەتنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلەردىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى، قۇتادغۇبىلىك ئىلمى تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە باشقا ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى ۋە پۈتۈن مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى قاتناشتى. بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال كىچىك بالىلار نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار سۆز قىلىپ، بىرلىك باراۋەرلىك توغرىسىدا توختالدى ۋە پىكىر ئوخشاشماسلىق بولسىمۇ بۆلۈنمەستىن بىرلىشىش، ئۆز-ئارا يول قويۇشۇپ بىرلىكتىن ئايرىلماسلىقنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى رەئىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئېلىھان تۇرانلى، ئوقۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ھەبىبۇللا كۈسەنى، ئىمان دىيارى تەلىم-تەربىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەخمۇت داموللام قاتارلىقلار سۆز قىلىپ قاتناشقۇچىلارنىڭ قۇربان بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە كۆپىنچىسى بىرلىك-باراۋەرلىكنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر سەھنىگە چىقىپ ھەر خىل نومۇر كۆرسەتتى. شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. قۇربان ھېيتقا ئاتاپ يېزىلغان تەسىرلىك نەسرى شېئىرلار ئوقۇدى.

ئۆسمۈرلەر بىر بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ، «ھېيت بۈگۈن ئايەم بۈگۈن»، «ئويغان»، «ئىز» قاتارلىق شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئاخىرىدا ئۆسمۈرلەرنىڭ زېھنى سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ ۋەتىنىمىز قەيەر؟ قاچان مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان دېگەندەك سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق توغرا جاۋاب بەرگەنلەرگە ماددىي بويۇم مۇپاكات بېرىلدى.

پائالىيەت 3 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ ئاخىرىدا تاماق زىياپىتى بېرىلدى ۋە دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارقىزغىن كەيپىيات بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.