ئالماتادا «ئىجادكار» ژۇرنىلى مەملىكەتلىك رويخەتتىن ئۆتۈپ نەشر قىلىنماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-06-16
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
«ئىجادكار» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسى
«ئىجادكار» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسى
RFA/Oyghan

يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە چىقىدىغان «ئىجادكار» ئەدەبىي-پۇبلىستىكىلىق، ئىلمىي-ئاممىباپ ژۇرنال قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ۋە ئارخىپلار كومىتېتى تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىندى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ ئىككىنچى سانى يورۇققا چىقتى. ژۇرنالنىڭ تەسىسچىسى «مىر» نەشرىيات ئۆيى يېنىدىكى «سادا» چەكلىك شىركىتى بولۇپ، ژۇرنال ھەجمى 9 باسما تاۋاقنى ئىگىلەيدۇ، يىلىغا تۆرت قېتىم نەشر قىلىنىدۇ.

«ئىجادكار» ژۇرنىلىنىڭ دەسلەپكى سەھىپىلىرىدە «قازاق گازېتتېرى» جاۋابكارلىقى بىرلەشمىسىنىڭ باش مۇدىرى، مۇھەررىرلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى جۇمابېك كېنژالىن ئۆز تەبرىكنامىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئىجادكار نەشرىنىڭ ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى مۇستەقىل قازاقىستاندا ئۆمۈر سۈرۈپ، ئەدەبىيات دۇنياسىدا سۆز ماھىرى بولغان شائىر، يازغۇچىلارنىڭ بەدىئىي ئەمگەكلىرى بىلەن بىر قاتاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى شۇنداقلا دىلى، دىنى بىر تۈركىي تىللىق قېرىنداش مىللەتلەر ۋە دۇنياۋى ئەدەبىياتنىڭ ئېسىل جەۋھەرلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇشنى كۆزلەيدىغىنى ماختىنارلىق.»

ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئەخمەتجان ئىسراپىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ھەرتەرەپلىمە راۋاجلانغان ئەدەبىيات بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ، بولۇپمۇ 70- ۋە 80-يىللىرى ئەڭ گۈللەنگەن پەللىسىگە يەتكەن ئىدى. بۇ چاغلاردا «قازاقىستان»، «ئۆنېر»، «جازۇشى»، «مېكتېپ» نەشرىياتلىرىدا ھەر يىلى 20-30 كىتاب، شۇنداقلا 200-300 باسما تاۋاق كۆلىمىدە ئەدەبىي ئەسەرلەر ھۆكۈمەت خىراجىتىدە چىقىرىلاتتى. ئەسەرلەر كەم دېگەندە 5-6 مىڭ دانە ئەتراپىدا نەشر قىلىنىپ، دۆلەت سودا ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئوقۇرمەنلەرگە تارقىتىلاتتى. ئە. ئىسراپىلوف يازغۇچىلارنىڭمۇ ئۇ ۋاقىتلاردا ئۆز ئەمگەكلىرىگە مۇناسىپ قەلەم ھەققى ئېلىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئالاھىدە غەمخورلۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا بولسا، بۇنىڭ بارلىقىنىڭ كۈچىدىن قالغانلىقىنى، ھازىرقى كۈندە يېتىلىپ كېلىۋاتقان ياش ئىجادكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىپ، كىتابخانلارغا تونۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: « ‹ئىجادكار› ژۇرنىلىنى نەشر قىلىشتىكى مەقسەت مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، سوۋېت دەۋرىدىمۇ، ھازىرمۇ قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا دۆلەت تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان بىرمۇ ژۇرنال بولمىدى. راست، ‹پەرۋاز› مەجمۇئەسى ‹ژازۇشى› نەشرىياتى يېنىدا يىلىغا بىر رەت 24 باسما تاۋاق كۆلىمىدە 4-5 يىل يورۇق كۆردى. 87-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇنى يىلىغا تۆرت رەت چىقىرىپ، ژۇرنالغا ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتى قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئەمما، تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىق بۇ ئارمىنىمىز روياپقا چىقمىدى. شۇنداقتىمۇ ئارىدا ‹دىدار›، ‹ئارزۇ› ژۇرناللىرى شەخسىيلەرنىڭ ھامىيلىقىدا بىر ئاز چىقىپ، كېيىن يېپىلىپ كەتتى.ھازىر چىقىۋاتقان ‹ئىنتىزار› ژۇرنىلى ئىككى باسما تاۋاق كۆلىمىدە يورۇق كۆرۈۋاتىدۇ. ئىككى يىلدىن بېرى مەۋسۇملۇق ‹غۇنچە› بالىلار ژۇرنىلى چىقىشقا باشلىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ تەقدىرىمۇ مەجھۇل. شۇندىمۇ ‹ئىجادكار› ژۇرنىلىنى نەشر قىلىشقا تەۋەككۈل دەپ بەل باغلىدۇق. چۈنكى، مىللەتنىڭ پاسپورتى بولغان تىلدىن، ئەدەبىياتتىن، مەدەنىيەتتىن مەھرۇم بولۇش خەۋپى ئىشىك چېكىپ تۇرۇپتۇ.»

ئە. ئىسراپىلوف شۇنداقلا ھازىرچە بۇ ژۇرنالنىڭ جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەنمەيۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ سانلىرىدا ئۇيغۇر دىيارى يازغۇچىلىرىنىڭ، ژۇرنال تەسىسچىلىرىنىڭ، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھۈلىنى قۇرغان، لېكىن ئىسىملىرى ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان شەخسلەرنىڭ، شۇنداقلا ھەر قانداق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەدىبلەر، بولۇپمۇ ياش ئىجادكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى خەلققە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئە. ئىسراپىلوفنىڭ تەكىتلىشىچە، ژۇرنال قېرىنداش خەلقلەر ئەدەبىياتلىرىنى تونۇشتۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلماقتا. ژۇرنال كېلەچەكتە مىللەت غېمىنى ئويلاۋاتقان بارلىق شەخسلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە تايىنىپ، بۇ پىلدىرلاپ يېنىۋاتقان ئوتنى مەشئەلگە ئايلاندۇرماقچى.

ھازىر ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئاتاقلىق شائىر جەمشىت روزاخۇنوفنىڭ پىكرىچە، «ئىجادكار» ژۇرنىلى مەزمۇنى جەھەتتىن ئۆزىگە خاس ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىجادكارلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەرتەرەپلىمە بېرىلگەن. ژۇرنالدا شۇنداقلا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدىن، ژانىرلىرىدىن، تېمىلىرىدىن ئەسەرلەر، ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ ھەر خىل مەسىلىلىرىگە باغلىق تەتقىقاتلىرىدىن ماقالىلەر ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ياش ئىجادكارلارنىڭمۇ ئەسەرلىرى كىتاپخانلار دىققىتىگە سازاۋەر بولماقتا. ج. روزاخۇنوف، بىرىنچىدىن، ژۇرنالنىڭ بەدىئىي جەھەتتىن تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىنىڭ، ئۇنىڭ ساپاسىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ بىر قانچە مۇمكىنچىلىكلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، بۇرۇنقى ‹پەرۋاز› ژۇرناللىرىغا ئوخشاش بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى كاتالوگقا كىرگۈزۈش كېرەك. خەلقنىڭ ئۇنى يېزىلىپ ئېلىشى ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. يەنە بىر مەسىلە، بۇ ژۇرنالنى ئۇيغۇر يازغۇچىلار كېڭىشىنىڭ يېنىدا دۆلەت بۇيرۇتمىسى بويىچە چىقىدىغان ژۇرنالغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. شۇ ۋاقىتتا ژۇرنال خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىگە يېتىدۇ دەپ ئويلايمەن.»

ج. روزاخۇنوف ھەر قانداق بىر ئەسەرنىڭ خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان نەشرگە ئايلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدا زامان تەلىپىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ئورۇن ئېلىش لازىملىقىنى، شۇنداقلا ئەسەرنىڭ مەزمۇن، تىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىنمۇ يېتىلگەن دەرىجىدە بولۇش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت