ئۇيغۇر ئېلىدا ئىلگىرى نەشر قىلىنغان تارىخىي رومانلارنى قايتا تەكشۈرۈش باشلانغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.06.08
bedolet-kitab.jpg يازغۇچى ئادۇۋەلى ئېلىنىڭ «بەدۆلەت» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Qutluq

ئۆتكەن قېتىملىق پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، شائىر ئىمىن ئەخمىدى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ رومانلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن قاتتىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قەدىرلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، شائىر ئىمىن ئەخمىدى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئالدى بىلەن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، يەنى بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىلگىرى نەشر قىلىنغان تارىخىي رومانلاردىن يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ «جۇدالىق»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «سەئىدخان» قاتارلىق رومانلىرىنىڭ قايتا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شائىر ئىمىن ئەخمىدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى «كىتاب ئوقۇش، تەكشۈرۈش» ئىشخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن، ئەزا سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان مەخسۇس كىتابلارنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرغان.

ئىمىن ئەخمىدىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچىلاردىن مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» «ئويغانغان زېمىن» مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» ۋە جالالىدىن بەھرامنىڭ 6 قىسىملىق «لېيىغان بۇلاق» قاتارلىق رومانلىرىمۇ ھازىر تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا ئىكەن.

شائىر ئىمىن ئەخمىدىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا ياقۇپ بەگ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر توغرىسىدا قەلەم تەۋرەتكەن يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئېلىنىڭ 3 قىسىملىق «بەدۆلەت» ناملىق قىسسەسىمۇ تەكشۈرۈلگەن.

بىز شائىر ئىمىن ئەخمىدىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن «بەدۆلەت» ناملىق قىسسەنىڭ ئاپتورى ئابدۇۋەلى ئېلىگە تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى نەشر قىلىنغان تارىخىي رومانلىرىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالغان، ھازىر كانادادا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈش ھەرىكىتى تۇنجى قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەت بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاي دائىرىلىرى 1990-يىللارنىڭ بېشىدىمۇ ئاتاقلىق شائىر ۋە مەشھۇر تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار»، «ھونلار»، «قەدىمىي ئۇيغۇر ئەدەبىيات»قاتارلىق ئۈچ كىتابىنىمۇ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن مەسىلە بار دەپ قاراپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «ئۈچ كىتاب»نى تەنقىدلەش سىياسىي كۈرەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.