ئاستانادا پروفېسسور دوكتور تىمۇر قوجائوغلۇغا كۈمۈش مېدال بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.05.31
timur-qojaoghli-mukapat-medal.jpg ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تىمۇر قوجائوغلى(سولدا) غا مۇكاپات مېدالى تاقالماقتا. 2017-يىلى 26-ماي، ئاستانا.
twesco.org toridin süretke élin’ghan

تۈرك دۇنياسى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشقان پروفېسسور دوكتور تىمۇر قوجائوغلىغا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا كۈمۈش مېدال بېرىلدى.

مۇكاپات 2-نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى يىغىنى جەريانىدا تۈركولوگىيە مۇزېيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، مۇراسىمغا تونۇلغان تۈركولوگ پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور دوكتور ئوسمان فىكرىسەرتقايا، يېڭى چاغ گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى كۈرشات زورلۇ ئەپەندى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇللاھ گۈندوغدۇ، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ۋارىس چاقان ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن كۆپ ساندا تۈركولوگ ئىشتىراك قىلدى.

1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بۇ دۆلەتلەر بىلەن شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بۇ مەقسەت بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تۈركىي تىللارنى ئۆگىتىدىغان فاكۇلتېتلار ھەتتا تۈركىيە-قازاقىستان، تۈركىيە-قىرغىزىستان ئورتاق ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئېچىلدى. تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىلىم ئادەملىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىنىپ تارقىتىلماقتا. 5-ئاينىڭ 26-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادىكى خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر يىغىنى جەريانىدا تونۇلغان تۈركولوگ، ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تىمۇر قوجائوغلىغا كۈمۈش مېدال بېرىلدى. بۇ، خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا تۆھپە قوشقانلارغا بېرىدىغان مۇكاپاتى بولۇپ، تىمۇر قوجائوغلۇنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى، شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىسىگە بېرىلگەن. بىز مېدال ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ ئاستانا شەھىرىدىكى خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيىسىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار بىزگە تور بېتىدىكى خەۋەردىن پايدىلىنىپ خەۋەر ئىشلىسەك بولىدىغانلىقىنى دېدى.

بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا مىچىگان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرو-ئاسيا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور دوكتور تىمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندى ئۆزىگە مېدال بەرگەن خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيىسىنىڭ 4 دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىلىم ماكانى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىگە مېدال بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا مىشىگان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور تىمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندى 1971-يىلىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاجىك، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن مەزكۇر مېدالنى بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ مېدال ھەر يىلى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىغا خىزمەت قىلغان بىر قانچە كىشىگە بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى ئاستانادا چاقىرىلىدىغان ئىجتىمائىي پەنلەر فورمىدا تارقىتىلىدۇ. بۇ يىل 26-مايدا ئاستانادا چاقىرىلغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان تونۇلغان ئوبزورچى، تۈركىيە ئاخى-ئەۋران ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور كۈرشات زورلۇ ئەپەندى پروفېسسور تىمۇر قوجائوغلۇنىڭ تۈرك دۇنياسىغا قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن كۈمۈش مېدالغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تىمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندى تۈرك ئاكادېمىيىسىنىڭ مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاندى. مېدال ئۇنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسىگە بېرىلدى. مەزكۇر مېدالنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئالىي تەتقىقات ئورگىنى تەرىپىدىن بېرىلىشى بىزنى بەكلا خۇرسەن قىلدى. ئۇ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىن سىرت، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا زور تۆھپە قوشقان بىر شەخس، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ ماقالە ۋە زىيارەت خاتىرىلىرى ئېلان قىلىنغان.»

سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن تۈركىيەدە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ئىدى. بۇلاردىن بىرى بولسىمۇ تىمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندى ئىدى. ئۇ، 1971-يىلىدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان، تېلېۋىزىيە، رادىئو پروگراممىلىرىدىمۇ ئۇلارنى ئاڭلاتقان. كېيىنكى يىللاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ساباھ گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئىدى. ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

تىمۇر قوجائوغلۇ 1947-يىلى ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، 1920-1921-يىللىرى بۇخارادا قۇرۇلغان بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئوسمان قوجائوغلۇنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىدا ئىشلىگەن. كېيىن تۈركىيە قوچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىي تىللىرى دەرسى بەرگەن. ئۇ، ھازىر ئامېرىكا مىشىگان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋراسيا، رۇسيە ۋە ياۋروپا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.