«كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتاب لوندوندا تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.11.29
koz-yeshida-nemlengen-zemin.jpg «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان رەھىمە مەخمۇت خانىم كىتاب ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بەرمەكتە. 2016-يىلى 27-نويابىر، لوندون.
RFA/Erkin Tarim

11-ئاينىڭ 27-كۈنى تۈركىيەنىڭ لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىم يازغان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر پائالىيەتنى كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى نەشر قىلماقچى بولۇۋاتقان ھەردفىرتشىرە نەشرىياتى بىلەن يىپەك يولى نەشرىياتى ئۇيۇشتۇرغان.

يىغىندا، «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان رەخىمە مەخمۇت خانىم كىتاب ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بەردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كىتاب تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا كىتابنى ئورتاق نەشر قىلماقچى بولغان ئىككى چوڭ نەشرىياتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تەھرىرلىرى، يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى مەسئۇللىرى ۋە كىتاب سۆيەرلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان.

«كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى، لوندوندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيانى تونۇشتۇرۇش كىتاب فېستىۋالىنىڭ كۈن تەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكى پائالىيەتتە مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوف ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تونۇتۇلغان ئىدى.

بىز «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتاب توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئەسەرنىڭ ئاپتورى سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىم ۋە كىتابنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان رەخىمە مەخمۇت خانىملار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

رەخىمە مەخمۇت خانىم 475 بەتلىك «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابنىڭ كېلەر يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيەدىكى كىتابخانىلاردا سېتىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، لوندوندا تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق شائىرى ۋە يازغۇچىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدە بۇنداق بىر پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كىتابنىڭ ئاپتورى سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىم كىتابىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر، تۈرك، رۇس ۋە تاتار تىللىرىدا نەشر قىلىنغانلىقىنى، ئەسەرنىڭ دۇنيا تىلى بولغان ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنىشىنىڭ ئۆزىنى ئىنتايىن خۇشال قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.