«ئانىنىڭ يىغىسى» ناملىق ناخشىنىڭ ئاپتورى جوئې خامىلتون ئۇيغۇر ئانا پاتىگۈلگە سالام يوللىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.04.22
London-Uyghur-Ansambili-senetkarliri-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻟﻮﻧﺪﯗﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﻟﻮﻧﺪﯗﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ئۆتكەن ھەپتە ئاممىۋى تور بېكىتى يۇتۇپ تورىدا ئۇيغۇر ئانا پاتىگۇل غۇلام قاتارلىق 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە بالىلىرى غايىپ قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئاتاپ يېزىلغان «ئانىنىڭ يىغىسى» ناملىق ناخشىسىنى ئېلان قىلغان جوئې خامىلتون ئەپەندى، بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

جوئې خامىلتون ئەپەندى بۇ ناخشىنىڭ ئىجاد قىلىنىش جەريانى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر ئانا پاتىگۈل غۇلام قاتارلىق بارلىق ئانىلارغا سالام يوللاپ،ناخشىلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەندىشىلىك بىر ئەلدە ياشاش،
بالا نەدە ھېچ بىلمەي ساقلاش،
ياقار ئانا قەلبىدە غەزەپ،
چۈنكى ئازاپ غەزەپكە تۇتاش.

يۇقىرقى مىسرالار شوتلاندىيىلىك مۇزىكانت جوئې خامىلتون ئەپەندىنىڭ 5-ئىيۇل غايىپلىرىدىن ئىمام ھەسەننىڭ ئانىسى پاتىگۈل خانىم قاتارلىق بالىلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بارلىق ئانىلارغا ئاتاپ يازغان «ئانىنىڭ يىغىسى» ناملىق ناخشىسىدىن پارچە.

بۇ ناخشا 17-ئاپرىل كۈنى ئاممىۋى تور بېكىتى يۇتۇپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور جوئې خامىلتون ئەپەندى بۇ ناخشا ھەققىدە بەرگەن ئىزاھاتىدا بۇ ناخشىنىڭ بالىلىرى مەجبۇرى غايىپ قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئانىلارغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ناخشا يوتۇب تورىغا قويۇلغاندىن كېيىن، فەيسبوئوك، تۋىتېر قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردىن، ناخشا ئاپتورى شوتلاندىيىلىك مۇزىكانت جوئې خامىلتون ئەپەندىنىڭ يەنە شوتلاندىيە،ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە چەتئەللەردىكى تىبەت ھەرىكىتى قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئەنگىلىيىدىكى «لوندۇن ئۇيغۇر ئانسانبىلى» نىڭ ناخشىچىسى رەخىمە خانىمنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ناخشا ئاپتورى جوئې خامىلتون ئەپەندى، «يوئۇتۇب» تورىغا يوللانغان بۇ ناخشىسى ھەققىدە ئىككى كۈن ئىلگىرى رەخىمە خانىمغا ئېلخەت يېزىپ،بۇ ناخشىنى مىيۇنخېندا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «غايىپلار ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش» ھەققىدىكى يىغىنغا قاتناشقىنىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا بېرىلگەن پاتىگۈل غۇلام خانىمنىڭ مۇراجىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىجاد قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

بىز رەخىمە خانىم تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ناخشا ئاپتورى جوئې خامىلتون ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشتۇق ۋە بۈگۈن ئۇنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق.(ئاۋاز)

جوئې خامىلتون ئەپەندى ئاۋال ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن، پاتىگۈل غۇلام خانىم قاتارلىق بالىلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى غايىپ قىلىۋېتىلگەن بارلىق ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئاتاپ يازغان بۇ ناخشىسىغا سەۋەپ بولغان ئامىللار ھەققىدە توختالدى.

خامىلتون ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىبەتلەر ھەركىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش بىلەن بىللە، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر ھەققىدە ناخشا ئىجاد قىلىش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلگەن كۈنلەردە، پاتىگۈل خانىمنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 15-ئاپرىل كۈنىدىكى پروگراممىسىدا بېرىلگەن مۇراجىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئانىلىرىغا بېغىشلانغان بۇ ناخشىنىڭ بىر كېچىدىلا روياپقا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

جوئې خامىلتون مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مىيۇنخېندا ئېچىلغان غايىپلار ھەققىدىكى يىغىنغا مەنمۇ قاتناشتىم . يىغىندا 5-ئىيۇل غايىپلىرىدىن ئىمام ھەسەننىڭ ئانىسى پاتىگۈل خانىمنىڭ پاتىگۈل خانىمنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 15-ئاپرىلدىكى پروگراممىسىدا بېرىلگەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش غايىپلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىلىرى ۋە قېرىنداشلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشىغا يىغىن ئەھلىنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆز-يېشىمنى توختىتالمىدىم ۋە شۇ كېچىسى ئۇخلىماستىن «ئانىنىڭ يىغىسى» ناملىق بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسى ۋە لىرىكىسىنى يېزىپ چىقتىم. مەن بۇ ناخشامنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ۋە بۇ يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق باستۇرۇشلىرىدا بالىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن بارلىق ئۇيغۇر ئانىلىرىغا بېغىشلايمەن.»

جوئې خامىلتون ئەپەندى يەنە رادىئومىز ئارقىلىق غايىپلار ئانىسى پاتىگۈل غۇلام خانىمغا ۋە بارلىق ئۇيغۇر ئانىلىرىغا سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پاتىگۈل خانىمنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش جەريانىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ئانىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى. بىز ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، ئەمما پاتىگۈل خانىمغا ئوخشاش نۇرغۇن ئانىلار بۇ يىللاردا، ئۆز بېشىغا كەلگەن ئېغىر بېسىم ۋە ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرىپ،قەيسەرلىك بىلەن دائىرىلەردىن غايىپ قىلىۋېتىلگەن بالىلىرىنىڭ دېرىكىنى قىلماقتا. بۇ روھ ئۇنىڭغا ئوخشاش چەكسىز ئازاپ تارتقان ئانىلاردىلا بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ئىش قىلىپ بېرەلمىسەممۇ، ئەمما ناخشام ئارقىلىق پاتىگۈل خانىمغا مەدەت بېرىدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئۇنى قوللايدىغان، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ياردەم بېرىدىغان ئىنسانلارنىڭ كۆپلۈكىنى، پاتىگۈل خانىمغا ئوخشاش ئانىلارنىڭ بۇ خىل پىداكارلىقىنىڭ ئەبەدىلەبەت مەدھىيىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

لوندون ئۇيغۇر ئانسانبىلىنىڭ ناخشىچىسى رەخىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جوئې خامىلتون ئەپەندى ئۇنىڭغا بۇ ناخشىنى ئەۋەتكىنىدە يەنە ناخشىنىڭ ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، رادىئومىزغا ئەۋەتىپ بەردى.

ناخشىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

ئانىنىڭ يىغىسى (ئانا يىغلىسا)

ئازاپلانماس ئانىدەك ھېچكىم،
كىممۇ بىلەر بۇ رىشتىنى، كىم؟!
ئاتىغا ھېچ ئوخشىماس ئانا،
بالىنى دەپ تاپمايدۇ تىنىم.

ئۆرۈلگەندە ئائىلە تېمى،
باشلانغاندا بالىنىڭ غېمى،
ئىچ-ئىچىدىن يىغا ئۆرلەيدۇ،
مۇجۇلغانچە ئانىنىڭ دىلى،

ئانا بەختى-بوۋاق ئۇيقۇسى،
ئاسرىغۇسى ئۇنى، باققۇسى،
بالا يوقاش ئەڭ چوڭ قورقۇسى،
ئانا يىغلىسا يوقار كەلگۈسى،

ئەندىشىلىك بىر ئەلدە ياشاش،
بالا نەدە ھېچ بىلمەي ساقلاش،
ياقار ئانا قەلبىدە غەزەپ،
چۈنكى ئازاپ غەزەپكە تۇتاش.

بالا تۇغۇلۇپ ئۆسۈشى كېرەك،
ئارزۇ ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك،
تۇغقان بالىسى تىرىكمۇ-ئۆلۈك،
بۇنى ئانىسى بىلىشى كېرەك.

جوئې خامىلتون ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە ناخشىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىگە ئالاھىدە رەخمىتىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىدە يەنە ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ بىر يۈرۈش ناخشىلارنى ئىجاد قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى ۋە ناخشىچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.