رەسسام مەرۋايىت ھاپىز: «ئەسەرلىرىم ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىككە تويۇنغان ئىچكى دۇنياسىنىڭ سىزمىسىدۇر!»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.12.07
Ressam-Merwayit-Hapizning-resim-körgezmisi-2017.JPG رەسسام مەرۋايىت ھاپىز قاتناشقان ميۇنخېندىكى رەسىم كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 5-دېكابىر. ميۇنخېن، گېرمانىيە.
RFA/Gulchehre

گېرمانىيە دۆلەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ باۋارىيە شتاتلىق «2017-يىللىق كۆرگەزمىسى» 5-دېكابىر ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ بىر پارچە ماي بوياق رەسىمى مەزكۇر كۆرگەزمىگە تاللانغان 206 پارچە ئەسەر ئىچىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رەسسام مەرۋايىت خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، رەسىم ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان مىللىي ئىپتىخارلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەرگە بولغان قايغۇ-ھەسرىتىنىمۇ ئىپادە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاياتنى چوڭقۇر ۋە چىنلىقى بىلەن سۆيىدىغان، ئۇنى يۇقىرى سەۋىيىدىكى سىزىش سەنئىتى بىلەن ئىپادە قىلالايدىغان سەنئەتكارلار ئاز ئۇچرايدۇ. مەرۋايىت ھاپىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ يېتىشكەن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە بولغان چىن ئىشتىياقى ھەمدە رەسساملىق كەسپىگە بولغان سۆيگۈ ۋە ئىجتىھاتى بىلەن نەتىجە ياراتقان بىر ئۇيغۇر رەسسام. ئۇ ياۋروپادا ياشىغان 20 يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىدا توختىماي تىرىشىپ، ماي بوياق رەسسامچىلىقى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان گېرمانىيەدە كۆپ قېتىم رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ كەلدى. 

بۇ نۆۋەت رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ گېرمانىيە دۆلەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى باۋارىيە شتاتلىق شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان رەسىم كۆرگەزمىسىگە 4-قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ كۆرگەزمىگە مەرۋايىت ھاپىز خانىم «نامسىز» ئىسىملىك بىر يېڭى ئەسەر قاتناشتۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ رەسىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىزىپ چىقىش ئۈچۈن ميۇنخېندىكى خاس سالونىدا بىر يىلچە ۋاقىت سەرپ قىلغان.

ئۇزۇنلۇقى 130 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 100سانتىمېتىر كېلىدىغان بۇ ماي بوياق رەسىمدە ۋۇجۇدىدىن قەدىمىي بىر مەدەنىيەتنىڭ پۇرىقى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان، ئېسىل كىيىنگەن، چاچلىرى تال-تال ئۆرۈلگەن، لاتاپەتلىك ئەمما ناھايىتى ھەسرەتلىك بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ رەسىمگە مەرۋايىت خانىم «نامسىز» دەپ ئىسىم قويغان. 

مەرۋايىت خانىم بۇ رەسىم ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنى ئۇيغۇر ئايال دېسەم بەك تار دائىرىدە بولۇپ قالىدۇ، ئۇ بىر بەدىئىي ئەسەر. ئۇ بىر مىللەتكىلا تەۋە ئەمەس، ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەۋە بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭغا قارىغان ھەر قانداق بىر ئايال ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تاپالىشى كېرەك».

ئەسەرنىڭ خاسلىقى ھەققىدە توختالغان مەرۋايىت خانىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن باشتىن-ئاخىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ روھىي بىلەن ئىجادىيەت ئىشلەپ كەلدىم. مۇشۇ رەسىمدىمۇ مەن بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈمگە خاس ئىجادىيەت غۇرۇرۇمنى نامايان قىلالىدىم دەپ ئويلايمەن. بۇ ئەسىرىمدە مەن ناھايىتى ئېسىلزادە، لاتاپەتلىك قەيسەر بىر ئايالنىڭ ئوبرازىنى ياراتتىم. سىزىش تېخنىكىسى جەھەتتىن ھەتتا قاشلىرىغا ئوسما قويغان بىر ئايالنىڭ ھالىتىنىمۇ ئىنچىكە ئىپادىلەپ بېرەلىدىم. بۇ ئەمەلىيەتتە تارىختا ئۆتكەن گۈزەل ۋە قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوبرازىنى، ئانىلارنىڭ لاتاپىتىنى شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ئىچكى گۈزەللىكنى مۇجەسسەملىگەن ھالدا سىزىلغان بىر بەدىئىي ئوبراز. شۇڭا ئۇ نامسىز».

مەرۋايىت خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ رەسىمدىكى ئوبراز مەن ئەمەس، ئەمما مېنىڭ تۇيغۇم. مەن بۇ ئەسىرىم ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ ئۇزۇن بىر مۇساپىسىنى، تارىخىمىزدا ئۆتكەن گۈزەل ئانىلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى، مەلىكە-خانىشلىرىمىزنىڭ لاتاپىتىنى، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكى ۋە غۇرۇرىنى ئىپادىلەشكە تىرىشتىم. مەن بارلىق كەسپىي ماھارىتىمنى، قابىلىيىتىمنى ئىشقا سېلىپ، ئارزۇلىرىمنى ۋە بۇ مەدەنىيەتكە بولغان چەكسىز ھۆرمىتىمنى، پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرىمنى شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر قىسمەتلىرىگە بولغان قايغۇ-ھەسرىتىمنى ئىپادە قىلىشقا ئۇرۇندۇم. . .»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.