ئالماتادا «ماھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىي مىراسىغا قوشقان تۆھپىسى» ناملىق كىتاب يورۇق كۆردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.04.23
mexmut-qeshqeri-dunya-medeniy-mirasigha-qoshqan-tohpisi-kitabining-muqawisi.jpg «ماھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىي مىراسىغا قوشقان تۆھپىسى» ناملىق كىتاب
RFA/Oyghan


يېقىندا ئالماتادىكى «مىر نەشرىيات ئۆيى» تەرىپىدىن «ماھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىي مىراسىغا قوشقان تۆھپىسى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى.

مەزكۇر ئەمگەك 2008 - يىلى ماھمۇت قەشقەرىنىڭ 1000 يىللىق تەۋەللۇدى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنە شۇ تېمىدا ئۆتكەن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارىمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى تەرىپىدىن تەييارلانغان. يىگىرمە باسما تاۋاققا يېقىن ھەجىمدىكى بۇ توپلامغا ئاساسىي جەھەتتىن قازاقىستانلىق ئالىملارنىڭ ماقالىلىرى كىرگۈزۈلدى. توپلامنىڭ كىرىش قىسمىدا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور مېرۇئېرت ئابۇسېيىتوۋا ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئارسلان ئابدۇللانىڭ نۇتۇقلىرى بېرىلگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتور نامزاتى خالمىنەم مەسىموۋا مەركەز خادىملىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلار ھەمدە بۇ جەھەتتە يولۇقۇۋاتقان بەزى قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئاخىرقى ئىككى يىل ئىچىدە بىزنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى ئۆزلىرى ئورۇندىغان بىر قانچە ئىلمىي لايىھىلەر ئاساسىدا تەييارلانغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى نەشر قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ دېسەم ئاشۇرۇپ ئېيتقان بولمايمەن. چۈنكى ھەقىقەتەنمۇ بىز مەركەز رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋانىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىقىدا يېقىندا ئىككى توپلام چىقاردۇق.

يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن، بىز ئۆز ئەمگەكلىرىمىزنى ۋە ھەر خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنى نەشر قىلىشتا خىراجەت جەھەتتىن قىينىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە كۆپىنچە جەمئىيەت بىرلەشمىلىرىگە، ئىقتىسادىي قوللىغۇچىلارغا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىلا بىز ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ سابىق رەھبىرى، پەلسەپەشۇناس كوممۇنار تالىپوفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمەنىڭ «ئېتنىكلار ۋە سىياسەت» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى نەشىر قىلدۇق. ئۇنىڭدا ئاساسىي جەھەتتىن مەركىزىي ئاسىيادىكى خەلقلەر، دىنلار ئارىسىدىكى تارىخىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرگە بېغىشلانغان ماقالىلەر ئورۇن ئالغان.

ئەمدى مۇشۇ يېقىندىلا «ماھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىي مىراسىغا قوشقان تۆھپىسى» ناملىق چوڭ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇق. ھەقىقەتنى ئېيتقاندا، بىز بۇ كىتابنى خېلى كېچىكىش بىلەن چىقاردۇق، بۇ يەردە بىز يەنە شۇ خىراجەت مەسىلىسىگە تاقىلىپ قالغان ئىدۇق. مەزكۇر توپلامنى چىقىرىشتا مەن ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ۋە پۈتكۈل شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى كوللېكتىپى نامىدىن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي - مەدەنىيەت مەركىزى، خۇسۇسەن مىللەتپەرۋەر شەخسلەر ئەركىن توختىيېف ۋە سەنەم بېشىروۋاغا ھەم شۇنداقلا بىزگە دائىم يار - يۆلەك بولۇپ كېلىۋاتقان «مىر نەشرىياتى» نىڭ مۇدىرى ئەلىشېر خەلىلوفقا چەكسىز مىننەتدارلىقىمىزنى ئىزھار قىلىمەن.»

«ماھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىي مىراسىغا قوشقان تۆھپىسى» ماۋزۇلۇق كىتاب تارىخ، تىل، ئەدەبىيات ۋە باشقا ساھەلەردە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىملار، شۇنداقلا ماھمۇت قەشقەرى ئىجادىيىتىگە قىزىققۇچى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى. مەزكۇر توپلامنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە خەلمىنەم مەسىموۋا يەنە مۇنداق دېدى:

«مەزكۇر كىتابنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭدا مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئارسلان ئابدۇللا، نەبىجان تۇرسۇن قاتارلىق تارىخىي ۋەتىنىمىز ھەم ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ، شۇنداقلا ئۆزبېكىستانلىق ئابدۇخالىق ئايتبايېف، خەمىتخان ئىسلامى، قىرغىزىستانلىق ئەزىز نارىنبايېف كەبى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان. توپلامدا مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتىدە ماھمۇت قەشقەرى مىراسىنىڭ تۇتقان ئورنى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇ چوڭ زېمىندىكى ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا باغلىنىشلىرى، ماھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار لۇغىتى» ناملىق ئەمگىكىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ۋە كېلەچەكتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز باھاسىنى بەرگەن.»

«ماھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىي مىراسىغا قوشقان تۆھپىسى» ماۋزۇلۇق كىتاب ماقالىلەر توپلىمى بولۇپ، بۇنىڭغا رۇس، ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدىكى مەخسۇس ئىلمىي ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.